- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7607
- نادىر
- 17
- يازما
- 7607
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-17 20:32

بۇ نۆۋەتلىك خەلقئارا بىرلەشمە لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە ئارگېنتىنا قاتناشمايدىغانلىقى ئۈچۈن مېسسى يوق ،كىرىستىئانو رونالدومۇ يوق ،ئۇنداقتا بىرىنچى نومۇرلۇق پۇتبولچى كىم ؟ نېيمار ؟ كاۋانى ؟ ياق ! بۇ ئىككىسى تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ .ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىدىكى ئىنىستا ،مانا مۇشۇ پۇتبولچى بۇ نۆۋەتلىك بىرلەشمە لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان 12 كوماندىدىكى بارلىق ماھىرلارنىڭ ئىچىدە غوجائاكا بولۇشقا تامامەن سالاھىيىتى توشىدىغان بىردىنبىر پۇتبولچى .
دۇنيا مۇسابىقىسىنى كۆرگەنلەرگە نىسبەتەن ئىنىستا ناتۇنۇش ئەمەس .2010-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسنىڭ ھەل قىلغۇچىدا ئەجەللىك توپ ئۇرغان ،2012-يىلى « ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر » شەرىپىگە ئېرىشكەن ،يىغىنچاقلىغاندا ،تۆت نۆۋەتلىك چوڭ مۇسابىقىدە سەككىز قېتىم « ئەڭ ياخشى پۇتبولچى » بولۇپ باھالانغان پۇتبولچى پەقەتلا ئىنىستا !بۇ ماھىرنىڭ دۆلەت كوماندىسدا ئۇرغان توپ ۋە پاس سانى كۆپ ئەمەس ،بىراق سەبداشلىرىغا توپنى ناھايىتى ئۆلچەملىك يەتكۈزۈپ بېرىدۇ .ھۇجۇم تەشكىللەيدۇ .ھەركىتى چاققان ،كاللا سەگەك ،ئىنكاس تېز ،مۇسابىقە جەريانىدا ئاساسى جەھەتتىن خاتالىق سادىر قىلمايدۇ .ئىنىستانىڭ كوماندىدىكى رولى ھەقىقەتەن چوڭ .
مانا بۇ ئىنىستانىڭ گەرچە توپ ئۇرمىسىمۇ ، لېكىن مۇسابىقىدىن كېيىن دائىم ئەڭ يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشىدىغان ۋە « ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر » بولۇپ باھالىنىشنىڭ سەۋەبى ،خەۋەرگە قارىغاندا ،بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن ئىنىستانىڭ ھازىرقى بازار باھاسى 70 مىليون بولۇپ .ئىنىستادىن كېيىنكىسى فابىرگاس ۋە كاۋانى ،بۇلارنىڭ باھاسى 55 مىليون ياۋرو ،نېيمارنىڭ 50 مىليون ياۋرو ئىكەن .ئىلگىرى ئارگېنتىنا كوماندىسدا توپ تەپكەن رىكولمىينىڭ مۇنداق بىر سۆزى بار ،مېسسى مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى ،لېكىن مىنىڭ قارىشىمدا ، ئىنىستا ئەڭ قالتىس !
 |
|