- تىزىملاتقان
- 2013-2-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 431
- نادىر
- 0
- يازما
- 431
|
2013-يىللىق بىرازىلىيە بىرلەشمە لوڭقىسى تۆنۈگۈن باشلاندى. گەرچە پۇتبول بىرازىلىيىدىكى بىرىنچى ھەركەت بولسىمۇ، بىرازىلىيىدىكى قىسمەن توپ مەستانىلىرى بىرازىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق يۇقىرى خىراجەت بىلەن بىرلەشمە لوڭقىسى ۋە 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئۆتكۈزىشىگە قارىتا قارشى پىكىردە بولدى. تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا بىرازىلىيە خەلقى بىرازىلىيە شەھىرىدىكى دۆلەتلىك تەنتەربىيە سارىيىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ نامايىش ئېلىپ باردى، ھەمدە بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى روسىف ۋە خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى پۇلاتىنىغا قارىتا شۇئار توۋلىدى. بۈگۈن ئەتىگەن ئېلىپ بېرىلغان ئىسپانىيە بىلەن ئۇرۇگۋاينىڭ مۇسابىقىسىدىمۇ نۇرغۇن كىشلەر يىغىلىپ داۋاملىق نامايىش ئېلىپ باردى.
بىرازىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، بىرازىلىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئىككى قېتىملىق مۇسابىقنىڭ مەيدان قۇرۇش ۋە باشقا خىراجەتلىرى ئۈچۈن ئاللىقاچان 10 مىليارد ئامرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق پۇل خەجلىگەن. كۆپ سانلىق بىرازىلىيە خەلقىنىڭ قارىشىچە بۇ پۇللار پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن خەجلەنگەن بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا قىلچە پايدىسى بولمايدىكەن. بۇ ئىككى كۈندىكى نامايىشتا نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، توقۇنۇشتا 20 نەچچە ئادەم يارلانغان، 30 نەچچە ئادەم ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.
بۇ ئىشقا قارىتا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بايانات ئېلان قىلىپ :« بىز خەلقنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىمىز، ھەمدە بىرازىلىيە ھۆكۈمىتنىڭ بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ ئامانلىق ئىشلىرىنى ياخىشى ئېلىپ بارالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئۇندىن باشقا بارلىق تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدىن مەلۇم بولدىكى بۇ قېتىمقى بىرلەشمە لوڭقىسى ۋە دۇنيا لوڭقىسىدىن كىيىن بۇنداق مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغۇچى دۆلەت چۇقۇم ئالدى بىلەن ئۆز خەلقىنىڭ مەنپەئىتىنى قانائەتلەندۈرەلەيدىغان بولىشى كېرەك». |
|