- تىزىملاتقان
- 2013-6-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1123
- نادىر
- 0
- يازما
- 1123
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرۋەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-17 11:53
مەندە مۇنداق بىر ھىسىيات بار، بۇنى ھىچكىمگە ئىيتمىغانمەن، مۇنبەردىكىلەرگە دىگۈم كەلدى، ئورتاقلىشىپ باقايلى.
مىنىڭ مەيداندىكى ئورنۇم سول يان ھۇجۇم، سۈرئىتىم بەكلا تىز تىز،ئىككى ياندىن ئوتتۇرا يۆلنىشكە توپ تاشلاشقا ماھىر(ئۆزۈمنى دەۋالدىمدە ). ھەرقىتىم ئۇيغۇر بالىلار بىلەن توپ ئويناپ قالسام قارشى تەرەپنىڭ يان بىكلىرى بىلەن ھەرخىل شەكىلدە بەدەن ئىلىشىدىغان ئىش چىقىدۇ، بۇ جەرياندا گەرچە ئۇلاردىن قالماي توپ تالاشساممۇ ئۇيغۇرۇمنىڭ تەن ساپاىنىڭ نەقەدەر ياخشىلىقىدىن پەخىرلىنىپ كىتىمەن.
توپنى شۇنداق چىرايلىق، توغرا يۆلىنىشتە ئەكىتىپ بارىسىز تۇيۇقسىز يىنىڭىزىن ئۈنۈپ چىققاندەكلا قارشى تەرەپنىڭ بىكى پەيدا بولىدۇ، سەللا ئىھتىيات قىلمىسىڭىز، پۇرلىشىپ يىقىلغانچە سىزىقنىڭ سىرتىغا چىقىپ كىتىسىز، يۈرىگىم سەپ كىتىدۇ، شۇندىمۇ جاننى تىكىپ ئۆتۈپ كەتمىسىڭىز بولمايدۇ، ئىشقىلىپ مەندىكى بۇ ھىسىياتنى توپ تىپىدىغان،پۇتبۇلدىن خوشلۇق تاپالايدىغان بالىلار چۈشىنەلەيدۇ.
15 يىلچە بولۇپ قاپتۇ، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ۋاقىتلىرىمدە مەكتەپلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، بىزنىڭ مەكتەپ بىلەن مەركىزى باشلانغۇچ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئوينغان، مۇسابىقە ئەخىرلىشاي دىگەندىمۇ نەتىجە 0-0 سەبدىشىمدىن ئالغان پاسنى سول تەرەپدىن ئوڭغا قىيپاش سۈرۈپ ماڭدىم قارشى تەرەپ مۇداپىيەگە يىنىپ ئالدىمغا چىقىشمىدى، ئوتتۇرا ھۇجۇم ماڭا يىتىشىپ ئورۇن ئەپ بولالمىدى، يەنە ئالدىغا سۈرسەم چەكلەنگەن رايۇن ئىچىگە قاپسىلىپ قالدىغىنىم ئىنىق،توپنى يەنە ئوڭغا سۈردۈم قارشى تەرەپنىڭ بىكى مىنى توپنى بىۋاستە تەپمەيدۇ دەپلا ھۆكۈم قىلغان چىغى بەدىنىمنى ئوڭغا يەڭگىل ئىرغىتىپ ئىشلىگەن ساختا ھەركەتكە ئالدىنىپ كەتتى، توپنى قاپقىغا كۈچەپ تەپكىنىمنى بىلىمەن، ھوشۇقۇمدىن كىرگەن ئاغرىق مىڭەمگە چىقىپ كەتتى، قارشى تەرەپ ئەزاسى ھوشۇقۇمغا تىپىۋىتكەن ئىكەن، چىقىراپ كەتتىم. تەپكەن توپۇم كىرگەن ئىدى. غەلبە بىزنىڭ بولدى،،،، لىكىن ھوشۇقۇم ئىغىر زەخمىلىنىپ 3 ئايغىچە يەرگە دەسسىيەلمىدىم. دادام ئەمدە توپ ئوينىسام ئىككى پۇتۇمنى تەڭلا چىقىۋىتىدىغانلىقىنى ئىيتتى.(داداممۇ پۇتبۇلچى).....
ئىشقىلىپ ئەسلىمىلەر،بەك كۆپ،،، توپ تىپىپ ھەسرەتىمۇ قالغان، ھەتتا يىغلىغان، كۈلۈپمۇ باققان،،،،
پۇتبۇل- ئاجايىپ مىھرى ئاتەش نەرسە. |
|