- تىزىملاتقان
- 2013-2-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-7-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 61
- نادىر
- 0
- يازما
- 61
|
ئەمدى باللا، ئۇنىمۇ دېدۇق، بۇنىمۇ دېدۇق، ئاچ قورساققا غەم يېدۇق مانا مۇشۇنداق.
مېنىڭچە ئىچ ئاغرىتىش توغرا كەلسە، ئاشۇ كوماندىدا توپ تېپىۋاتقانلارغا ۋە مەستانىلەرچە ئىچ ئاغرىتىشقا بولىدۇ، ئەمما مەسىلە شۇ يەردىكى بۇ خەقنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى، ھېلىقى ئۆزىنى پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى دەۋالغانلار، ئىشقىلىپ بۇلارنىڭ «چوڭام»لىرى راستىنلا يىرگىنىشكە تېگىشلىك، ئىچ ئاغرىتىشقا بولمايدىغان بىر خەق دەپ ئويلايمەن.
بۇلار نېمىشقا پۇل بىلەنلا ھەل قىلماقچى بولىدۇ؟ نېمىشقا كۆپ پۇل خەجلەپ، داڭدار تېرىنىرلارنى ئەكىلىشنىلا ئويلايدۇ؟ نېمىشقا باشقا دۆلەتلەردەك پۇتبۇلغا قىزىقىدىغانلارنى كىچىكىدىن تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ؟
قاراپ باقساق، شىنجاڭ پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسىنىڭ قىلىۋاتقان قىلىقلىرى ھەممىگە ئايان، ئۇلارنىڭ يۇقىرى رەھبەرلىك قاتلىمى شۇنداق تۇرسا، بىز يەنە قانچىلىك ئۈمىد كۈتەلەيمىز؟ ئۇلار «مانچە مىليۇن مەبلەغ سالدۇق، مانچە پۇل خەجلەپ تېرىنىر ئەكەلدۇق» دەيدۇ، ئەمما پۇتبۇلنى ئاشۇ مىليۇنلاپ پۇلى ياكى ئەكەلگەن تېرىنىرى ئوينىمايدۇ، مەيدانغا چۈشكەن پۇتبۇلچىلار ئوينايدۇ، نېمىشقا شۇلارغا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ؟
جۇڭگۇ پۇتبۇلى تەرەققىي قىلىمەن دەيدىكەن، ھازىرقى پۇتبۇلچىلار، پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى، تېرىنىر، ئەلەي-بەلەينىڭ ھەممىسىنى تولۇقى بىلەن تارقىتىۋىتىپ، پۇتبۇل دېگەنگە بىر يىل يېقىن كەلمەي، ئاندىن قايتىدىن باشلىسا بەلكىم ئۈنۈمى بولارمىكىن، بولمىسا ھازىرقى رەھبەرلىك قاتلىمى، چىرىكلىك (مەن چىرىكلىك يوق دېسە قەتئىي ئىشەنمەيمەن) يەنە ئاللىقانداق سەۋەبلەر تۈپەيلى يەنىلا «ئاتام ئېيتقان بايىقى» بولارمىكىن... |
|