ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 8571 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-16 20:18

جۇڭگو كوماندىسى قايتىدىن رەتلەشكە موھتاج !
جۇڭگو كوماندىسى 1 : 5 نەتىجە بىلەن خەلقئارا رەت-تەرتىپتە ئۈزىدىن خېلى بەكلا كەينىدە تۇرىدىغان تايلاندقا ئۇتتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن سانسىزلىغان توپ مەستانىلىرى كوماندا ئەزالىرىنى قورشىۋالدى .بىر ئايدا ئۈچ كوماندا تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇش ! توپ مەستانىلىرى بۇ قېتىم قەتئى ئۈزىنى تۇتۇۋالالمىدى .ھەر خىل سۆزلەر بىلەن تېرىنىر كاماچاۋ قاتارلىق بارلىق كوماندا ئەزالىرىنى ھاقارەت قىلدى .بۇلار ساق بىر سائەت توسۇلۇپ قالدى .
خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە ،كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە بەزى پۇتبولچىلار ئۈزىنى تۇتىۋالالماي قاتتىق يىغلاپ كەتكەن .كىمنىڭ ئۇتتۇرۋەتكۈسى كېلىدۇ ؟ مۇسابىقە ئوينىلىپ بولدى .ئامال يوق ،يېقىندا گوللاندىيە بىلەن بولغان مۇسابىقە جەريانىدا داڭلىق مۇسابىقە چۈشەندۈرگۈچىسى لىيۇن جىيەنخۇڭ بىر ئىشقا ئېچىنىپ مۇنداق دېگەن : « بۇ مۇسابىقە جۇڭگۇدا ئوينىلىۋاتىدۇ .لېكىن بىزنىڭ توپ مەستانىلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى گوللاندىيە كوماندىسىنى قوللاپ چىقتى .گوللاندىيەگە مەستانە بۇلۇش ،بۇ نورمال ،لېكىن ھەر قېتىم گوللاندىيە ھۇجۇم قىلغاندا ياكى توپ ئالغاندا ئۇلارنى رىغبەتلەندۈردى .بۇ مەنزىرىگە قاراپ مىنىڭ كۆڭلۈم ھەقىقەتەن يېرىم بولدى »
ئەمدى جۇڭگو كوماندىسى قايتىدىن رەتلەشكە موھتاج ! مەسلىنى تېپىپ چىقىپ قايتىدىن باشلىشى كېرەك .بۇلارنى تىللاش بىلەن مەسىلە ھەل بولمايدۇ .جۇڭگو پۇتبولچىلار ئۇيۇشمىسى بۇ ئىشقا چوقۇم جىددى قارىشى مۇمكىن ! چۈنكى دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەت ھازىر جۇڭگۇغا كۆز تىكىۋاتىدۇ .....
 |
|