akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1990|ئىنكاس: 38

خەلقئارا جەمىئىيەت جۇڭگۇ كوماندىسىغا ھەيران قىلدى!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                    1.jpg

   15-ئىيۇن ئېلىپ بېرىلغان تايلاند بىلەن بولغان دوستلۇق مۇسابىقىسىدە، جۇڭگۇ كوماندىسى ئويلىمغان يەردىن 1-5 نەتىجە بىلەن شەرمەندىلەرچە ئۇتتۇرۇپ قويدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تايلاند كوماندىسى ئاساسلىق U23 ياشلىقلاردىن تەركىب تاپقان.   شۇنداق قىلىپ بۇ ئايدا ئوينىغان 3مەيدان مۇسابىقىسىدە 2توپ ئۇرۇپ 9توپ يەپ، بىرمۇ مەيدان ئۇتالماي  بۇ ئايلىق خەلقئارا رەت تەرتىپىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش پىلان كۆپۈككە ئايلاندى.
   بۇ جۇڭگۇ كوماندىسىنىڭ تايلاند كوماندىسىغا تارىختىن بۇيان ئەڭ چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن ئۇتتۇرۇش بىلەن بىرگە ،A دەرىجىلىك خەلقئارا مۇسابىقىدە، ئۆز مەيدانىدا ئەڭ كۆپ توپ كەتكۈزۈپ قويۇش رېكورتىنى ياراتتى .
   مۇسابىقىدىن كېيىن نۇرغۇنلىغان توپ مەستانىلىرى غەزەپلىنىپ، مەيدان سىرتىدا نامايىش قىلىپ، كاماچاۋنىڭ يوقلىشىنى تەلەپ قىلدى.
  مۇسابىقىدىن كېيىن  كاماچاۋ ياش تۆككەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئېنىق  ئىپادە بىلدۈرۈپ: « نېمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم ،ئىستىپا بېرىشتىكى بۇ ئىشقا جۇڭگو پۇتبولچىلار ئۇيۇشمىسى ئۆزى قارار چىقارسۇن» .
   
                                                  خەلقئارا جەمىيەت جۇڭگۇ پۇتبولىغا ھەيران قالدى
                                                    88.jpg
       تايلاند  توپ مەستانىلىرى:« تارىخى خاراكتېرلىك 5-1 نەتىجە! تارىختىكى بىر غەلبە! 5توپ!»، «گوللاندىيە كوماندىسى 2-0 جۇڭگۇنى يەڭدى! تايلاند 5-1 جۇڭگۇنى يەڭدى! بۇ نېمىنى چۈشەندۇرىدۇ؟» ، «تارىخىي خاراكتېرلىك غەلبە! تايلاند 5توپ بىلەن جۇڭگۇنى سۈپۈرۈپ تاشلىدى!»، «5-1 نەتىجە! جۇڭگۇ كوماندىسىغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىمەن!» « دۆلىتىمىز كوماندىسىنىڭ غەلبىسى بىزنى كەلگۈسىگە تېخىمۇ كۆپ ئىشەنچ باغلىدى!  بىز ھەتتا تەسىرلەنگىنىمزدىن ياش تۆكتۈق!» ، «خەلقئارا رەت تەرتىپىىدە 142-ئورۇندىكى دۆلەت 95-ئورۇندىكى دۆلەتنى مەغلۇپ قىلدى! جۇڭگۇ ساڭا رەھمەت ئېيتمىز!»

                                              5.jpg
       تايلاند «سىئام تەنتەربىيەسى» خەۋىرى: جۇڭگۇ ئەجدىرىھاسى،  پىللار تەرىپىدىن پاچاقلاندى!
                                              4.jpg
     تايلاند «Goal.com» تور ئاگىنتلىقى: 5-1 نەتىجە! جۇڭگۇ كوماندىسى يېقىنقى مۇسابىقىلەردە نەتىجىسى ياخشى بولمايۋاتىدۇ. مۇسابىقىدىن كېيىن نۇرغۇنلىغان مەستانىلەر جۇڭگۇ كوماندىسىنىڭ ئاپتوموبىلىنى توسۇپ نارازىلىقىنى بىلدۈردى!

                                             2.jpg          
     ئىسپانىيە «ASگېزىتى» خەۋىرى: كاماچاۋ باشچىلىقىدىكى جۇڭگۇ كوماندىسى 5-1 نەتىجە بىلەن تايلاندقا ئۇتتۇرۇپ قويدى. كەلگۈسىدىكى نەچچە سائەت كاماچاۋنىڭ كىينكى ئىشلىرىنى بەلگىلەيدۇ. جۇڭگۇ كوماندىسىنىڭ يېقىنقى مۇسابىقىلىرىدىكى نەتىجىسى ناچار بولماقتا. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېين توپ مەستانىلىرى كاماچاۋنىڭ يوقىلىشىنى تەلەپ قىلدى. كاماچاۋ يېتەكلىگەن 2يىلدىن بۇيان ھېچقانداق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈلمىدى! كاماچاۋنىڭ ئورۇن بوشىتىشى تەتۇر ساناققا كىردى.
                                             3.jpg
    ھىندىستان « تېز خەۋەرلىرى» خەۋىرى: جۇڭگۇ كوماندىسىنىڭ يېقىنقى مەيداندىكى ئۇتتۇرۇش سەۋەبلىرىنىڭ بىرسى دەل باش تېرىنىر كاماچاۋنىڭ مۇسابىقىنى كونترول قىلىشنى يوقىتىپ قويدى. جۇڭگۇ كوماندىسى 1ئاي ئىچىدە 3مەيدان ئۇتتۇرۋەتتى. كاماچاۋ جۇڭگۇ كوماندىسىغا بىر تومانلىق سايىنى قالدۇردى. 2011-يىلى 8-ئايدا دەل مۇشۇ خېفىي مەيدانىدا جۇڭگۇ كوماندىسى 1-0 نەتىجە بىلەن يامايكا كوماندىسىنى يەڭگەن. ئەمما شۇ چاغدىكى باش تېرىنىرى گاۋخۇڭبونى ئىستىپا بەرگۈزۈپ، كاماچاۋنى ئەكەلگەن. كاماچاۋ يېتەكلىگەن 2يىلدىن بىرى ھېچقانداق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلمىدى.
                                              6.jpg
   ئامېرىكا «فۇكىس تەنتەربىيەسى» خەۋىرى: بىر مەيدان چوڭ مەغلۇبىيەت جۇڭگۇ كوماندىسىنىڭ كەلگۈسىدىكى نەتىجىسىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. تايلاند كوماندىسى پەخىرلىنەرلىك نەتىجە ياراتتى! تايلاند كوماندىسى ئۆزىدىن 47 - يۇقىرى ئورۇندىكى جۇڭگۇ كوماندىسىغا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويدى! بۇ مەيدان چوڭ غەلبە تايلاندنىڭ «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا گىگانت باش»ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويدى. ئەمدى  كېينكى2015-يىللىق ئاسىيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىنى ياخشى ئوينىشى كېرەك!
                                              77.jpg
   ESPN خەۋىرى: 90مىنۇتلۇق جەڭدە، 5-1 نەتىجە بىلەن  تايلاندقا ئۇتتۇرۇش! 3مەيدان مەغلۇبىيەت! يېقىنقى 6مەيدان Aدەرىجىلىك مۇسابىقىدىكى 5مەيدان مەغلۇبىيەت! بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى 5توپ كەتكۈزۈپ قويۇش، جۇڭگۇ كوماندىسىنىڭ ئاسىيا كوماندىلار ئىچىدە تاق مەيداندىكى توپ يېيىش رىكورتىنى ياراتتى.
                                                99.jpg
    كورىيە «مەركىزى ئاگىنتلىق» خەۋىرى: جۇڭگۇ كوماندىسىنىڭ 5-1نەتىجە بىلەن تايلاندقا ئۇتتۇرۇشى «بىرنومۇسلۇق يۈزىنى شورپا قىلىدىغان  نەتىجە! » ، تايلانددەك ئاجىز كوماندىغا ئۇتتۇرۇش جۇڭگۇ پۇتبولچىلىقىغا نىسبەتەن نومۇسلۇق ئىش.


پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-16 16:33:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىلا دىگەن بىلەن ئۆزىمىزنىڭ دۆلەت كوماندىسى ئەمەسمۇ.     نەچچە مىڭنى تىللىغان بىلەن  تايلاند پالۋىنى كىلىپ گۇمپا ئۈگۈتۈپ قويمايدۇ بىزگە .                       
                                                           بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-16 16:34:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي يۈزۈم ، نىمە دىيىشنى بىلمىدىم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-16 16:34:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   كورىيە «مەركىزى ئاگىنتلىق» خەۋىرى: جۇڭگۇ كوماندىسىنىڭ 5-1نەتىجە بىلەن تايلاندقا ئۇتتۇرۇشى «بىرنومۇسلۇق يۈزىنى شورپا قىلىدىغان  نەتىجە! »
كورىيەلىكلەر ئۇستىكەنغۇ بۇلارنى تەسۋېرلەشكە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-16 16:36:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئامال يوق ، كونۇپ قالىدۇق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-16 16:39:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆلەت كوماندىسىغا بىر تەكلىپ بەرگۈم كەلدى، بۇلاردىكى ئاجىزلىق بەدەن - ساپاسى بەك تۆۋەن ، دۆلىتىمىزدە 56مىللەت بولغاندىكىن، دۆلەت كوماندىسىنىڭ 60%تىنى بەسەيلە ئىگىلىسە ھېچ بولمىغاندا 40%گە ھەرقايسى مىللەت توپچىلىرنى قۇشۇپ ئىشلەتسە، ئاندىن بىزمۇ ئۇلارنىڭ قايغۇسىغا ھىسداشلىق قىلشىپ بىرەتتوق ئەلۋەتتە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-16 16:47:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشلىقلىرى پارە يىسە،پۇتبولچىلىرى توپ يىسە.باشقا يەپ يۈرگەن نەرسىلىرىنى دىمەيلا قوياي.بۇ خەق يىمىگەن نىمە قالدى ئەمدى؟
ۋاي نۇمۇسسىزلار،توپ ئوينايمەن دىگۈچە بىرىپ بىر-بىرسىڭنىڭ پوقىنى ئويناشساڭچۇ.
ئىسىت مۇشۇ خەققە يىلدا ئاجرىتىۋاتقان پۇل.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-16 16:51:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi0998 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-16 16:33
نىمىلا دىگەن بىلەن ئۆزىمىزنىڭ دۆلەت كوماندىسى ئەمەسمۇ ...

بەسەيلەنىڭ پۇشتى بەك  كوڭۇل بۇلىسە شۇلا غا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-16 16:54:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلار ئەزەلدىن شۇنداق، كۆۇل بۆلۇش ھاجەتسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-16 16:54:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گاۋخوڭبۇ ياخشى چۈشىنەتتى ، بۇ خەقنىڭ مەشىق مەيدانىدا نايناقشىپ يۈرگىنىدىنلا كاماچۇۋنىڭ باشقۇرۇشتا قاتتىق ئەمەسلىكىنى ھىس قىلغانتىم ، كارغا كەلمەسلەر تىخىمۇ كارغا كەلمەس بوپتۇ ، كۇماندا ئەزالىرىغا نەدىكى گەپ ئاڭلىماس قۇلاق كەستىلەر يىغىلغانمىكىن ، نىمىشقا ئازسانلىق مىللەت توپچىلاردىنمۇ كۇماندىغا ئالمايدۇ شىنجاڭ كۇماندىسىدىكى نۇرۇم بولغان بولسا ئەڭ بولمىدى دىگەندە ئىقتىيارى توپ ئۇراتتى ، ياكى كورلى توپنى بىۋاستە ئۇرالايتى ، مىرئەخمەت ، ئۆتكۈرلەر ئارقا تەرەپنى ئاۋۇلاردىن ياخشىراق قۇغدىيالايتى ، ۋارتانى ئىرجات تورىغان بولسا ئاۋۇ توپلار كىرمەس ئىدى ، بۇلمىسا دۆلەت بۇنداق نۇمۇسلۇق نەتىجىدىن قۇتۇلالمايدۇ،  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-16 16:56:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ دۆلىتىمىزنىڭ بۇ مەغلۇبىيىتىنى كۆرۈپ ئەقلىم ھەيران،ئۆزەم سىڭايان بولۇپ قالدىم،
خاتالىق كىمدە دىسە كاماچىياۋدا، ياق خاتالىق كاماچىياۋنىڭ جۇڭگوغا كىلىپ قالغانلىقىدا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-16 16:56:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەكلەپ قويساق  بولغۇدەك  بىزمۇ  ...باشقىلار توپ ئۇرۇش ئارقىلىق شان شەرەپكە ئىرىشىدۇ..ئەمما  بۇلار ...........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-28 07:18

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش