- تىزىملاتقان
- 2011-9-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 185
- نادىر
- 0
- يازما
- 185
|

سىنا تورى خەۋىرى:6-ئاينىڭ 12-كۈنى مادرىت مەستانىلىرى كۈتكەن بىر ئۇچرىشىش ئاخىرى يۈز بەردى.زىدانى مادرىت رەئىسى فىلورىنتو بىلەن كۈرۈشتى ۋە ئۆزىنىڭ ئەن دوختۇرنىڭ ياردەمچىىسى بولۇپ ئىشلەش ئارزۇسىى رەئىسكە يەتكۈزدى ھەمدە مادرىتنىڭ ئىسكىنى بالدۇرراق سېتىۋېلىش تەكلىپىنى بەردى.
ئىسپانىيىدىكى بىر تېلىۋىزىيە پىروگراممىنىڭ ئاشكارلىشىچە،چارشەنبە كۈنى زىدانى رەئىس بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ ئۆزىنىڭ مادرىتتا تېرىنىر بولغۇسى بارلىقىنى ،ئەڭ ياخشىسى ئەنچىلوتىنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلىگىسى بارلىقىنى دىدى.بۇنداق بولغاندا زىدانىنىڭ رولى مورىنىھو دەۋرىدىكى كارلەنكانىڭ رولى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.خانلىق مادرىت ھازىر پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەنچىلوتىنى ئەكىلىشنىڭ يولىنى قىلىۋاتىدۇ.قارىغاندا ئەنچىلوتىنىڭ مادرىتقا كىلىشى ۋاقىت مەسلىسى بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ.
زىدانى رەئىس بىلەن مادرىتنىڭ كىلەر پەسىلدىكى پىلانى توغرىسىدىمۇ سۆزلەشتى.ئۇ مادرىتنىڭ تىزرەك مالاگادىكى ئىسكىينى سېتىۋېلىشىى تەۋسىيە قىلدى.ھازىر ئىسكىينى مانچىستېر شەھىرىمۇ تالىشىۋاتىدۇ.رەئىس ئەنچىلوتىنىڭ تىزراق ئىسكىينى قايىل قىلىپ مادرىتقا ئەپ كىلىشىى ئۈمۈد قىلىدۇ.
ئىسپانىيە ئىقتىساد قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە زىدانى ئەنچىلوتىغا ياردەمچى تىرىنىر بولۇپ ئىتالىيەلىك تىرنىردىن تاكتىكا ئۆگەنگىسى بار.بۇنىڭدىن باشقا زىدانى يەنە داۋاملىق مادرىت رەئىسى فىلورىتونىڭ مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.
زىدانى مادرىتنىڭ ئۆسمۈرلەر بازىسىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ.ئۆسمۈرلەردىن باشقا زىدانى ئۆزىل ۋە بېنزىماغا ئالاھىدە يۇقىرى باھا بېرىدۇ.مادرىتنىڭ كىلەر پەسىلدىن باشلاپ بۇ ئىككىسىگە ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ.
ئادەم كىرگۈزۈش جەھەتتە ئەڭ مۇھىم بولغىنى زىدانى بىلنىڭ مادرىتقا كىلىشىگە قارشى تۇرۇپ مەيدانىنى ئىپادىلىدى.بەلكىم رەئىس ئۇنىڭ پىكىرىنى قوبۇل قىلىپ بىلنىڭ يۆتكىلىش ئىشىنى توڭلىتىشى مۇمكىن.زىدانى بىلنىڭ ئىقتىدارىغا يۇقىرى باھا بەرگەن بولسىمۇ بىلغا چاپلانغان 80مىليون ياۋرۇلۇق باھانى قارغۇلارچە قويۇلغان دەپ قارايدۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ سودا قايتا قاراپ چىقىلىشى مۇمكىن.
ئادەم يۆتكەش جەھەتتە كاۋانىىنىڭ مادرىت بىلەن تولا خەۋىرى چىقتى.لىكىن زىدانى كاۋانىنى مادرىتنىڭ بىرىنچى نىشانى بولىشى كىرەك دەپ قارىمايدۇكاۋانىغا باشقا نۇرغۇن زەردارلار كۆز تىكىگلىك.مادرىتنىڭ يۆتكەش پۇرسىتى بار يوقلىقىنى ،باھاسىنىڭ مۇۋاپىق بولۇش بولماسلىقىنى ئويلىشىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.لەۋەندوۋىسكى بايرىن بىلەن بىرلىككە كەپ بولغان شارائىتتا سۇيارىز بەلكىم مادرىتنىڭ بىرىنچى تاللىشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
زىدانى بىر ئارقا بەل ئورۇن توپچىسى كىرگۈزۈشنى ئۈمۈد قىلىدۇ.گەرچە مادرىت بىرنەچچە توپچىنى كۆرۈپ قويغان بولسىمۇ توپچى سېتىۋېلىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس.
ھىگۇيىننىڭ يوتكىلىش مەسلىسىدە زىدانى رەئىس بىلەن بىرلىككە كەپ بولدى.ھىگۇايىن لازىم بولسا ئەڭ تۆۋەن باھا 35مىليۇن ياۋرۇ.شۇندىلا سۆھبەت ئىشىكى ئېچىلىدۇ.بولمىسا ئويناپ كېلىڭ.مادرىت ئەزان ماللار تاللا بازىرى ئەمەس.
ئەڭ ئاخىرىدا زىدانىنى ۋە مەن قاتارلىق بارلىق مادرىت مەستانىلىرىنى تەبرىكلەيمەن.زىدانىنىڭ ياردەمچى تىرىنىر بولىشى بەك ياخشى ئىش.ئۇ مادرىتنى تىنجىتىپ ئىتتىپاقلاشتۇرالايدۇ. |
|