akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2537|ئىنكاس: 38

يۈرىكىنى سۇ قىلىۋەتتۇق !!!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   22kaka22 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-14 15:21  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!!
قېرىنداشلار :
ئالدىنقى قېتىم مەن بىز تەربىيلىنىۋاتقان گۇاڭدۇڭ كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن فاكۇلتىتلار ئارا ۋالىبول مۇسابىقىسىنىڭ خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزگەن ئىدىم ، بۇ قېتىم ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان پۇتبول مۇسابىقە خەۋىرىنى ئېلىپ كەلدىم .
ئالدىنقى قېتىم ۋالىبول مۇسابىقىسىدە ئوغۇل-قىزلار قوش لوڭقا كۆتۈرگەندىن كېيىن ،مەكتەپ مۇسابىقە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئوقۇتقۇچىلار ‹‹ ئالىي مەكتەپ ئىنتامىسىغا قاتنىشىپ ئۆتكەن ، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى تولۇق كۇرس،مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىدىن باشقا سالاھىيەتتىكى ئوقۇغۇچىلار قاتناشسا بولمايدۇ ›› دېگەن سەۋەپ بىلەن بىز شىنجاڭ سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش سالاھىتىمىزنى چەكلىگەن ئىدى .   سەۋەبى : جىق ئىشلار قولىدىن كەلمەيدۇ دەپ قارىغان بىزدەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئويلىمىغان يەردىن بىر تۈردىكى مۇسابىقىنىڭ قوش لوڭقىسىنى ئېلىشى  ‹‹بەسەيلەرنىڭ ئىچىنى سېسىتىپ كۆتىكىنى بوشىتىپ ›› بايىقىدەك سەۋەپ ئوتتۇرغا چىقتى . شۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتنىشىش بىز ئۈچۈن بىر مەسىلە بوپ قالدى ، ئەمما بىزنىڭ كۈچلۈك تەلىىپىمىز بىلەن كۆپ قېتىم ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق بۇ 8 كىشىلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىتىنى قولغا كەلتۈردۇق ، مەكتەپ مۇسابىقە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئوقۇتقۇچىلار قايتا-قايتا مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق گۇرۇپ مۇسابىقىسىدىن باشقا مۇسابىقىلەردە نەتىجىمىز ھىساپقا ئېلىنمايدىغان ،دوسلۇقنى ئاساس قىلىپ ئوينايدىغان شەرت ئاستىدا مۇسابىقىگە تىزىملاتتۇق .  مۇسابىقە باشلىنىپ تۇنجى مەيدان گۇرۇپ مۇسابىقىسىدە بۇلتۇرقى چىمپىيون كوماندا كومپىيوتىر پەن-تىخنىكا ئىنىستىتوتى  (计算机科学学院) كوماندىسى بىلەن ئوينىدۇق . مۇسابىقە جەريانىدا بىزنىڭ ئەزالارنىڭ ماسلىشالماسلىق ۋە قارشى تەرەپ كوماندىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچ جەھەتتە ئۈستۈن بولىشى ھەم رېپىرلارنىڭ بەكمۇ ‹‹ يۇقىرى سەۋىيلىك ›› بولىشى سەۋەپلىك 4 : 0 نۇمۇر پەرق بىلەن يېڭىلىپ قالدۇق ، ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىنى  ئاسپىراىنت ئوقۇغۇچىلار كوماندىسى بىلەن  ئوينىدۇق ،مۇسابىقە جەريانىدا بىزنىڭ ئەزالارنىڭ خاتالىقلارنى يەكۈنلەپ ، ياخشى ماسلىشىشى ئارقىسىدا ئاسپىراىنت ئوقۇغۇچىلار كوماندىسىنى 0  :  18 چوڭ نۇمۇر پەرقى بىلەن يەڭدۇق ، ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقە چەتئەل تىلى ئىنىستىتوتى كوماندىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى ، بۇ مۇسابىقىدىمۇ ئەزالىرىمىزنىڭ ياخشى ماسلىشىشى ئارقىسىدا ، بۇ كوماندىنىمۇ 0 : 4  نۇمۇر پەرق بىلەن يېڭىپ گۇرۇپتىن ئىككىنچى بولۇپ چىقتۇق .    ئىككىنچى باشقۇچلۇق شاللاش مۇسابىقىسىدە ئىلىكتىرمىخانىكا ئىنىستىتوتى  (机电学院) كوماندىسى بىلەن ئويناپ بۇ كوماندىنى  1 : 3 نۇمۇر پەرق بىلەن يېڭىپ ئوڭۇشلۇق ھالدا 4 كۈچلۈككە كىردۇق .           مۇسابىقە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئوقۇتقۇچىلار نىمە ئويلىدىكىن تاڭ ؟              يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنى ئوينىماي فاكۇلتىتلار چىمپىيونى ئايرىلىپ بولغاندىن كىيىن بىۋاستە شۇلار بىلەن ھەل قىلغۇچ دوسلۇق مۇسابىقىسى  ئويناش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش قىلدى . شۇنىڭ بىلەن بىز بۈگۈن چۇشتىن كېيىن ( 6-ئاينىڭ 13- كۈنى   چارشەنبە ) خەنزۇ ۋاقتى 17:00 دە ئاتالمىش  بۇ قېتىملىق مەكتەپ چىمپىيونى بولغان باشقۇرۇش ئىلمى ئىنىستىتوتى (管理学院)  كوماندىسى بىلەن ھەل قىلغۇچ دوسلۇق مۇسابىقىسى ئوينىدۇق . بۇ مۇسابىقىدە بىزنىڭ كوماندىدىكى 8 ئەزمەت قارشى تەرەپ كوماندا ئەزالىرى بىلەن رېپىرلار قوشۇلۇپ 12 ئادەملىك كوماندا بىلەن تىركەشتۇق .  مۇسابىقە باشلىنىپ  5 مىنۇت بولغاندا بىزنىڭ 10-نۇمۇرلۇق ئەزا چەپدەسلىك بىلەن قارشى تەرەپ ۋارتارىغا چىرايلىق ئەمما غەزەپ بىلەن بىر توپ سېلىپ ئۇلارنى خېلىلا تەمتىرىتىپ قويدى ( بۇ ئەزا بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ‹ ئەڭ مۇنەۋەر توپ ئۇرغۇچى › بولۇپ باھالاندى ) ، لىكىن ئادەم سانى ۋە رېپىرلار قوشۇنىدىكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن ئاخىردا 1 : 3 نۇمۇر پەرق بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدۇق .  قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر ‹ بەسەيلەر پىچاقنىڭ ئۆتكۈرلىك ›ىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلىپ يەتتى .            ئاخىرىدا بىرنەچچە پارچە سۈرەت قىستۇرۇپ قويدۇم .

QQ图片20130614150811.jpg
QQ图片20130614150747.jpg
QQ图片20130614150732.jpg
QQ图片20130614150710.jpg
QQ图片20130614150655.jpg
QQ图片20130614150629.jpg
QQ图片20130614150610.jpg
QQ图片20130614150553.jpg
QQ图片20130614150535.jpg
QQ图片20130614150514.jpg
QQ图片20130614150420.jpg
QQ图片20130614150445.jpg
QQ图片20130614150343.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-14 15:18:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشې   يارايسلە ...............
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-14 15:19:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىلەر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-14 15:43:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ مايكاڭلار ھەجەپ ئىسىل چىقىپتۇ!~!~!`
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-14 15:47:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىلەر ...داۋاملىق تېرىشىپ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشۈڭلارغا تىلەكداشمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-14 15:50:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ياخشى خەۋەردىن بىزنىمۇ خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۇر .
مېنىڭمۇ ئىچكىرىدىكى چاغلىرىم ئېسىمگە كىلىپ قالدى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-14 16:09:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوغول!!!ياشاپ كېتىڭلار!بۇ گۇيلارغا ئوزەڭلارنى ھەر جەھەتتىن مۇشۇنداق تېتىتىپ قۇيۇڭلار...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-14 16:11:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇسالام، ئابلەت، ئابدۇسوپۇر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-14 16:13:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىلەر ...داۋاملىق تېرىشىپ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشۈڭلارغا تىلەكداشمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-14 16:16:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنجى رەسىم بىرىنجى رەت ئوڭدىن ئىككىنجى ۋە سولدىن بىرىنجى قېرندشىمنى تونۇغاندەك قلمەنغۇ،سىلەر پەيزىۋات بىرىنجى ئوتتۇردا ئوقۇغان مەكتەپداشلىرىم شۇغۇ،سىلەر شۇمۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-14 16:20:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچقۇنى يوللىغان ۋاقتى  2013-6-14 16:16
بىرىنجى رەسىم بىرىنجى رەت ئوڭدىن ئىككىنجى ۋە سولدىن بى ...

نەق شۇلار شۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-14 16:26:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مۇبارەك بولسۇن قېرىندىشىم ،  ياخشى بوپتۇ   ئىچىكىردىكى ھەممە مەكتەپلەردە بار ئۇنداق مۇنداق ئىت رېپپىرلار ،  بۇرۇن بىزنىڭ مەكتەپ كوماندىسىدا توپ تىپىدىغان بىر ئاغىينىمىز ئاچىغىدا ئىت رېپپىرلاردىن 3نى ئۇرۇپ يېرىم يىل مۇسابىقىدىن چەكلەنگەن ...  چەكلىنىپ تۇنجى مەيدانغا چىققان كۈنى يەنە قىزىل كارتا بىلەن مۇسابىقىدىن توختىغان .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 04:31

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش