- تىزىملاتقان
- 2011-4-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 714
- نادىر
- 0
- يازما
- 714
|
يۇنۇس:
ئىراق كوماندىسىنىڭ يادروسى بولغان يۇنۇس بۈگۈن ئىراق دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىدە ئۆز مەيدانىدا نۆلگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويۇپ ،گۇرۇپپىدىن چىقىش ئېھتىماللىقى قالمىغاندىن كېيىن ،يۇنۇس ئۆزىنىڭ تور بېتىدە چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. يۇنۇس دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن 110 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ 47 توپ ئۇرغان، 2007-يىلى ئىراق كوماندىسىنى ئاسىيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى قىلغان. جۇڭگو بىلەن ئوينىغان ھەر قايسى مۇسابىقىلەردە ئاساسەن دېگۈدەك توپ كىرگۈزگەن.
لىۋىرپۇل :
لىۋىرپۇل ئاسپاسنىڭ قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئاسپاس ئەسلى ئىسپان بىرلەشمىسىدىكى سېلتا كوماندىسىدا توپ تېپىدىغان بولۇپ، بۇ يىل 25 ياش،ئالدىنقى پەسىلدە 34 مەيداندا 12 توپ كىرگۈزگەن.
كىرىستىيانو رونالدو:
كىرىستىيانو رونالدو ئۆزىنىڭ تىۋىتتر تورىدا، ئۆزىنىڭ مادرىت بىلەن توختام ئۇزارتىشىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق خەۋەرلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى .
شەخسىي كۆز قارىشىم: مادرىتنىڭ كىرىستىيانوغا قارىتا قوللاش ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئېغىزىنى مايلىماسلىق قاتارلىق ئىشلاردا، ھەمدە توپچى كىرگۈزۈش جەھەتتىكى ئىشلىرى كىرىستىيانونىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويدى...مەسىلەن، باشقا كوماندىلار ئالتۇن توپ ئېلىشنىڭ ئالدى كەينىدە توختىماستىن پۈتۈن توپنى پاس تاشلاش ئارقىلىق توپ ئۇرۇش سانىنى ئاشۇرغان بولسا ، مادرىت تەرەپتە بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشلار بولمىدى، ھەمدە ئالتۇن توپ سايلاشنىڭ ئالدىدا باشقا كوماندىلار پۇل خەجلەپ تۇرۇپ توختىماستىن ئۆز توپچىلىرىغا بولغان مەدھىيە ماختاشلارنى گېزىت ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا توختىماستىن ئېلان قىلدۇرۇپ تۇردى. ئەمما مادرىت تەرەپنىڭ كارى بولمىدى. توپچى كىرگۈزۈش جەھەتتە، بارسىلونانى مىسالغا ئالساق، نېيمارنى كىرگۈزۈشتىن ئاۋال مېسسىينىڭ ماقۇللىقىنى ئالدى، ئەمما مادرىت تەرەپ بولسا ، ‹‹قانداق بەدەل تۆلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر›› ‹‹ نېيمار بولسا ئەڭ ياخشى پۇتبولچى›› ‹‹كەلسە ئەڭ يۇقىرى مۇئاش بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز›› دېگەندەك گەپ سۆزلەرنى ، ھەمدە ئورنى كىرىستىيانو رونالدو بىلەن زىت كېلىدىغان توپچىلارنى كىرگۈزۈش ئۈچۈن توختىماي تىرىشىشى كىرىستىيانو رونالدوغا نىسبەتەن بىر خىل زەربە بولغان بولىشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە ، كىرىستىيانو رونالدو توختمىاي مادرىت ئۈچۈن كۈچەۋاتقان بىر پۇتبولچى ئىدى...قېنى بۇ ئىشلارنىڭ داۋامى قانداق بولىدىكىن كۆرۈپ باقايلى.
نىگىرىيە:
نىگىرىيە كوماندىسى ئالدىنقى مەيدان دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىدە نۆلگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن كىنىيە كوماندىسىنى ئۇتقان، ئەمما بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن نىگىرىيە پۇتبول جەمئىيتى پۇتبولچىلارغا بەرمەكچى بولغان ئون مىڭ دوللارنى بېرىشكە قۇربى يەتمىگەن. بىرلەشمە لوڭقىسى ئوينىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ، 6-ئاينىڭ 18- كۈنى نىگىرىيە بىرلەشمە لوڭقىسى ئوينايدۇ، ئەمما پۇتبولچىلارغا مۇئاشىنى ۋاقتىدا بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن پۇتبولچىلار مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى رەت قىلغان.
ئويۇن:
ئې ئا سىپورتىس شىركىتى ئۆزىنىڭ داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئويۇنى fifa14نى ئېلان قىلدى، بۇ قېتىملىق fifa14بۇرۇنقى ئويۇنلىرىدىكى تەپسىلاتقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش ئىشىغا داۋاملىق ۋارىس قىلغان بولۇپ ، بۇ قېتىمقى نۇسخىسىدا ، توپچىنىڭ سانتىمىتىر ئىچىدىكى ھەركەت ئۆزگىرىشى ۋە دەقىقە ئىچىدىكى سۈرئەت ئۆزگىرىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلغان بولۇپ، ھازىرچە بۇ نۇسخىنى پەقەت مەخسۇس ئويۇن ئوينىغۇچى بولغان XBOX360、PS4 قاتارلىقلارغا چىقارغان، كومپىيوتىر سەپلىمىلىرىنىڭ ھازىرقى نۇسخىسىنى سۆرىيەلىشى ئاسان ئەمەس ئىكەن. كېيىنچىراق چىقىپمۇ قالار ئېھتىمال كومپىيوتىر نۇسخىسىمۇ ...ئويۇننى بىر قەدەر ئاددىيلاشتۇرۇپ بولسىمۇ.
ئاخىرىدا ، مۇشۇ ئويۇننىڭ تەشۋىقات فىلىمىدىن ھوزۇرلىنىپ ئۆتەيلى:
|
|