- تىزىملاتقان
- 2008-5-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-7-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1654
- نادىر
- 0
- يازما
- 1654
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bawdun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-14 02:28
پارىژ سان جىرمان ئۆزگىچە ئۇسۇل بىلەن مادرىتتىن ئۆچ ئالماقچى
پارىژ سان جىرمان كۇلۇبى بىر مەزگىل تۇرغۇنلۇقتىن كېيىن ، يازلىق يۆتكىلىش بازىرىدا بوران- چاپقان پەيدا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى .
بېرتانىيە دىلىمىلى ئاخپىراتچىلىقىنىڭ ئاشكارلىشىچە ، پارىژ سان جىرمان كۇلۇبى بۇ يازدا رىيال مادرىتنىڭ ھەرقانداق سودىسىغا ئارلىشىدىغانلىقىنى ھەمدە مادرىتنىڭ كۆزلىگەن نىشانىغا ، مادرىتتىنمۇ كۆپ يۆتكىلىش سوممىسى ھازىرلاپ ، ئەنچىلۇتنى كۇلۇپتىن يۆتكەپ كەتكىنىگە تويغۇزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى .
پارىژ سان جىرمان كۇلۇبىنىڭ خوجايىنى ناسىر ئەل خەلىفى ، ئىشنى توتىنھامدىكى بىلدىن باشلايدىغانلىقىنى ۋە بىلنىڭ يۆتكىلىشى ئۇچۇن 127 مىليون دوللار تەييارلاپ قويدۇم دېدى .
شەخسى قاراش (ئەگەر بۇ خەۋەر راست بولسا ئېككى نەرسە ئايدىڭلاشتى ، بىرسى ئەنچىلۇتى مادرىتقا رەسمى تېرىنىر بولدىغان بولدى ، يەنە بىرسى مادرىد رونالدۇنىڭ دەردىنى ئازدەپ ئەمدى ماۋۇ بىلنىڭ ئىشى سۇغا چىلاشتى . )
كاۋانىنىڭ ئانىسى كاۋانىنىڭ مادرىد بىلەن سۆھبەتتە بولىۋاتقانلىقىنى ئاشكارلىدى
كاۋانىنىڭ ئانىسى بىرىتا گۇمىز سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى : كاۋانىنىڭ يۆتكىلىش ئىشىدا نۇرغۇن خەۋەرلەر چىقتى، ئۇ خەۋەرلەرنىڭ كۆپچىلىكى يالغان خەۋەرلەر ، يۆتكىلىش ئىشىدا بىز بىلمىگەن خەۋەرلەرمۇ چىقتى ، بىرەر ئىش يۈز بەرسە مانا بىز ئاۋال بىلىمىز .
كاۋانىنىڭ ئانىسى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى : كاۋانى بىلەن ھازىر، مادرىد ۋە مانچېستېر شەھرى سۆھبەتتە بولىۋاتىدۇ ، بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ناپۇلى كۇلۇبىنىڭ رەئىسى چىلسى تۇغىرسىدا بىر خەۋەر بەرگەن ، لېكىن ئۇ يەردە تېلغا ئالغۇدەك بىرەر ئىش بولغىنى يوق .
ئاخىرىدا ئۇ يەنە مۇنداق دېدى : كاۋانى ناپۇلى كوماندىسىنى ياخشى كۆرىدۇ ، ئەگەر بىر كۈنلەردە ناپۇلىدىن ئايرىلسا، ناپۇلىنى ۋە ناپۇلىنىڭ مەستانىلىرىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ .
مۇرىنيۇ مادرىد ھۇجۇمچىسى ھىگۋايىننى قۇشۇۋىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ھىگۋايىن ئوساسونا بىلەن بولغان مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنىدا ئۆزىنىڭ مۇشۇ يازدا مادرىتتىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ، نۇرغۇن كۇلۇپلار ھىگۋايىنغا قىزىقىشقا باشلىدى ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئارسىنال كۇلۇبى بىلەن يۇۋىنتۇس كۇلۇبى ھىگۋايىننى يۆتكەشكە خىلى بەك كۈچىدى ، ئەمدى بۇلارنىڭ سېپىگە ئىنگىلاند سەردارى چىلسىمۇ قوشۇلدى
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە ، مۇرىنيۇ ھىگۋايىننى يۆتكەش ئىشىغا خىلى ئەھمىيەت بەرگەن ، چۈنكى مۇرىنيۇ ھىگۋايىننى ئىشەنچىلىك ھۇجۇمچى دەپ قارايدۇ ، شۇڭلاشقا ، ھىگۋايىن مۇرىنيۇنىڭ تەكلىپى بىلەن مادرىتتا بىر يىل ئارتۇق تۇرغان ، ئەگەر مۇرىنيۇنىڭ ئىشەنچىسى بولمىغان بولسا ، ئۇ ئۆتكەن يىلىلا مادرىتتىن ئايرىلغان بولاتتى .
مادرىتنىڭ ھىگۋايىن ئۇچۇن چىقارغان باھاسى 30 مىليون ياۋرۇ .
ئەسكەرتىش بۇنىڭدىن كېيىن تېما يېزىپ قالساملا ، مادرىد كوماندىسدىن كىمنىڭ ئىسمى چىقسا شۇنىڭ قىسقىچە تارىخىنى قالدۇرۇپ ماڭىمەن.
|
|