- تىزىملاتقان
- 2012-4-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 359
- نادىر
- 1
- يازما
- 359
|
ھەر يىلى ياۋرۇپا تەنتەربىيە ئاخپارات بىرلەشمىسى (ESM) ھەر ئايلىق ،ھەر پەسىللىك ئەڭ مۇنەۋەر سەپ شەكلىنى باھالاپ ئېلان قىلىدۇ . بۇ قېتىممۇ بۇ پەسىللىك ئەڭ مۇنەۋەر سەپ شەكلىنى ئېلان قىلدى . بۇ پەسىلدە گېرمانىيەدىكى قوشماق زەردارلارنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا ،بۇ ئىككى كوماندىدىن جەمىئى 6 ئادەم بۇ تىزىملىككە كىردى (بايرىندىن 5 ئادەم، دورتموندىن 1 ئادەم ). ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىن بولسا پەقەت رونالدو بىلەن مىسسى ئىككىسى بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالدى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1. نويىر ئورنى: ۋارتار (بەيرىن مىيۇنخىن )
بۇ ۋارتارنى ئارتۇق چۈشەندۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق ، ئۆزىنىڭ ئىسىل ئىپادىسى بىلەن گىرمانىيە دۆلەت كوماندىسى ۋە بەيرىن مىيۇنخىن كۇلۇبىنىڭ ئاساسلىق ۋارتارى بۇلۇپ كەلمەكتە. ئۆتكەن 12 ئايدا ئۈچ قېتىم ئەڭ مۇنەۋەر ۋارتار بۇلۇپ باھالانغان.
2. لام ئورنى :بېك (بەيرىن مىيۇنخىن )
بەيرىن مىيونخىن كوماندىسىنىڭ كاپىتانى سالاھىتىدە كوماندىنى ياخشى يىتەكلەپ ئۈچ لوڭقا ئېلىشتەك ياخشى نەتىجىنى بارلىققا كەلتۈردى. يىللاردىن بويانقى ئەڭ ياخشى ھالىتىىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى ، لام بۇ پەسىلدىكى باھالاشلاردا 6 قېتىم ئىسمى ئاتىلىپ ،پۈتۈن ياۋرۇپا بويىچە 2 -ئورۇندا تۇرغان.
3. دەنتې ئورنى :بېك (بەيرىن مىيۇنخىن )
گەرچە بۇ چىمپىيونلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە قائىدىگە خىلاپ ھەركەت ئىشلەپ قارشى تەرەپكە بىر نوقتا توپ بېرىپ ،نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۋېلىشتا گۇناھى زور بولسىمۇ، بۇنىڭلىق بىلەن بۇنىڭ ئىسىل ئىپادىسىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ، ئۇنىڭ بۇ پەسىللىك ئايلىق باھالاشتا 5 قېتىم ئىسمى ئاتىلغانلىقى بۇنىڭ ياخشى ئىسپاتى.
4. چىېللىنى ئورنى :بېك (يۇۋىنتۇس )
تاغىل ئاتلارنىڭ بۇ پەسىللىك ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چمپيونلىقىنى ھەرگىزمۇ بۇ ئوتتۇرا بىكنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. بو تاغىل ئاتلارنىڭ مۇداپىيە سېپىدىكى مۇستەككەم قورغان.
5. مۈللىر ئورنى :ئوتتۇرا مەيدان (بەيرىن مىيۇنخىن )
مۈللىر بۇ پەسىل كەسپى ھاياتىدىكى بىر قېتىملىق پارتلاشنى كۈتىۋالدى، ئۇنىڭ ئىپادىسى مەيلى بىرلەشمە مۇسابىقىلەردە بولسۇن مەيلى ياۋرۇپا ئۇزغانلىق مۇسابىقىلىردە بولسۇن ئىنتايىن ياخشى بولغان ھالەتنى ساقلاپ كەلدى .
6. گۈندوگان ئورنى : ئوتتۇرا مەيدان (دورتموند)
ئالدىنقى پەسىل كاگاۋا دورتموند كوماندىسىدىن كەتكەندىن كېيىن دورتموندنىڭ ئوتتۇرا مەيدانى ھىچقانچىلىك تەسىرگە ئۇچىرمىدى. ئىسىل ئىپادىسى بىلەن ياپونيىلىك چولپاننىڭ ئورنىنى تۇلۇقلاپ كەتتى. يېرىم ھەل قىلغۇچتىكى مادرىت بىلەن بولغان مۇسابىقىدىكى بۈسۈپ ئۆتۈش ۋە ھەل قىلغۇچتا نوقتا توپنى ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۈشتىن بۇنىڭ ئىپادىسىنى كۆرۋېلىشقا بولىدۇ.
7. شىۋېنسىتايگىر ئورنى : ئوتتۇرا مەيدان (بەيرىن مىيۇنخىن )
بەيرىن مىيۇنخىن كوماندىسىنىڭ مۇئاۋىن كاپىتانى شۇنداقلا كوماندىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ماتورى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن بۇ پەسىل كوماندىدىكى تۈۋرۈكلۈك رولىنى ياخشى جارىي قىلدۇرۇپ كوماندىغا ئىلھام ۋە جاسارەت ئېلىپ كەلدى. ھەم ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچتا ئاغرىق ھالەتتە مەيدانغا چىقىپ پۈتۈن مەيدان تۇللۇق ئويناپ ،ھەممەيلەننىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشتى.
8. بېل ئورنى : ئوتتۇرا مەيدان (توتتىنھام رېس )
يېڭى كىرىستىيانو رونالدو دەپ نام ئالغان ۋېلشىرلىق بۇ چولپان ،ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدە 21 توپ ئۇرۇپ نۇرغۇن زەردار كۇلۇبلارنىڭ تالىشىش ئوبىكتىغا ئايلاندى.
9. كىرىستىيانو رونالدو ئورنى :ھۇجۇمچى ( مادىرىت )
ھازىرقى توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى بولغان چولپاننىڭ بىرى بۇلۇپ، گەرچە مادرىتنىڭ بۇ يىلقى ئىپادىسى ئانچە ياخشى بولماي، قۇرۇق قول قالغان بولسىمۇ ، بۇنىڭ ئەڭ مۇنەۋەر سەپ شەكلىگە كىرىشىگە ھىچقانداق تەسىرى بولمىغان.
10. ئىبراھىموۋىچ ئورنى :ھۇجۇمچى (پارىژ سانىت ژىرمان )
فىرانسىيە بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىپ كەتكەن ئىبراھىمۇۋىچ يەنىلا كىشىلەرنىڭ نەزرىدىن ئايرىلىپ قالمىدى. ياۋرۇپا لوڭقىسىدىكى ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىز توپى بىلەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئۇنىڭ بۇ پەسىلدىكى بىردىنبىر ئۆكۈنىشى ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە كونا ئائىلىسى باسلونانى يېڭەلمەي ئارماندا قالدى.
11. مىسسى ئورنى : ھوجۇمچى (بارسىلونا )
بىرلەشمىدە 46 توپ ،ئۇزغۇنلۇقتا 8 توپ ، 7 قېتىم ئايلىق باھالاشتا ئىسمى ئاتىلپ، بۇ قېتىملىق پەسىللىك ئەڭ ياخشى سەپ شەكلىدىن ئورۇن ئالدى.
|
|