- تىزىملاتقان
- 2011-8-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 448
- نادىر
- 0
- يازما
- 448
|


سىينا تەنتەربىيىسى خەۋىرى:ئىسپانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرنىڭ ئاشكارلىشىچە مىسسىي ۋە ئۇنىڭ دادىسى ئىسپانىيە باج تارماقلىرنىڭ ئەرزىنى تاپشۇرۋالغان ئۇلار مىسسىي ۋە ئۇنىڭ دادىسى 2007-يلىدىن 2009-يىلىغىچە ئۈچ يىل باج ئوغۇرلىغان باج سوممىسىنىڭ قىممىتى 4 مىليون ياۋرۇغا يىتىدۇ دەپ ئەرز قىلغان بولۇپ مىسسىي بۇنى ئىنكار قىلغان. ئەرز مەزمۇنىدا يېزىلىشىچە مىسسىي ۋە ئۇنىڭ دادىسى ئۆزىنىڭ ئوبراز ھوقوقىنىڭ بىر قىسمىنى باج كەچۈرۈم قىلىنغان ھوندۇراس،ئۇراگۋاي قاتارلىق دۆلەتلەرگە بەرگەن بولۇپ بۇنىڭدىن كەلگگن كىرىمنى ئىسپانىيە تارماقلىرىدىن يۇشۇرۇپ كەلگەن .باج تاپشۇرمىغان سوممىسى2007-يىلى 1059398.71ياۋرۇ، 2008-يىلى 1572183.38 ياۋرۇ، 2009-يىلى 1533092.87 ياۋرۇ بولۇپ جەمئىي تاپشۇرمىغان باج 4164674.96 دىيىلگەن.
ئەگەر مىسسىيغا يۇقارقىدەك جىنايەت بىكىتىلىپ قالسا كۆپ بولغاندا 6 يىل قاماقتا يېتىشى ۋە زور مىقداردىكى جەرىمانە تۆلىشى مۈمكىنكەن. ئىسپانىيە باج قانۇنىدا ئوغۇرلىغان باج سوممىسى 600مىڭ ياۋرۇدىن ئاشسا 2يىلدىن 6 يىلغىچە قاماققا ئېلىنىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن .
بۇ ئىشقا نىسبەتەن مىسسىي ئۆزىنىڭ مىكروبىلوگىدا ئىنكاس قايتۇرغان بولۇپ بۇ ئىشتىن ناھايىتى ھەيران قالغانلىقىنى ،دادىسى ۋە ئۆزىنىڭ ئەزەلدىن قانۇنغا ياخشى رىئايا قىلىپ كەلگەنلىكىنى يوللىغان. بۇ ئىشلارغا قارتا بارسىلونا ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.
مەنبە:http://sports.sina.com.cn/g/laliga/2013-06-13/02026616825.shtml |
|