- تىزىملاتقان
- 2011-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 2571
- نادىر
- 12
- يازما
- 2571
 
|
بارسىلونا گەرچە نېيمارنى سېتىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ھۇجۇمچى سېتىۋېلىشنى ئويلىشۋاتىدۇ، كوماندا ھەقىقىي 9-نومۇرغا مۇھتاج. «كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى» نىڭ قارىشىچە، بارسىلونا گەرچە لەيۋەندوۋىسكىغا كۆز تىككەن بىلەن، لېكىن بۇ پولشالىققا ئېرىشىشىنىڭ تەسلىكىنى ھېس قىلغان. بارسىلونانىڭ ھەقىقىي نىشانى بولسا مورىنىئونىڭ قول ئاستىدا يەنىلا ئورۇندۇق بېقىپ قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغان توررىس ئىكەن.
بارسىلونا ھۇجۇمچى تاللاشتا بىر قاتار تەلەپلىرى بار. ئەلۋەتتە ئەڭ ئاۋۋال ئەمەلىي كۈچ، شۇ ھۇجۇمچى چوقۇم ھەر يىلدا 25-30 توپ ئۇرالايدىغان ئىقتىدارى بولۇشى، مېسسىنىڭ بېسىمىنى يەڭگىلىتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ ھۇجۇمچى سانچېز، پېدىرو، تېللو قاتارلىقلار بىلەن مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى تالىشىدىغان زاپاس ئەزا بولۇشنى خالايدىغان بولۇشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، بۇ ھۇجۇمچىنىڭ باھاسى ئانچە يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. بارسىلونا كۇلۇپ رەئىسى روسسىلنىڭ ئەڭ ئاخىردا تاللىغان نامزاتى بولسا توررىس بولۇپ، روسسىل مۇنداق دېگەن: « 29 ياشلىق توررىس نوۋكەنپوغا كېلىپ بۇ يەردىكى رىقابەتكە قاتنىشىشنى چوقۇم خالايدۇ».
روسسىل ئىزچىل توررىسنى كۆزۈتۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 2004-يىلى يازدا مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىكى روسسىل توررىسنى سېتىۋېلىش پىكرىنى ئوتتۇرغا قويغانىكەن. ئەمما رىجىكارد ئاخىردا ئېيتونى تاللىغان. روسسىل توررىسنىڭ بارسىلونادا نەتىنجە قازىنالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. توررىس ناۋادا ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ توپ تېپىشنى ئويلاۋاتقان بولسا، بۇرۇنقى كونا ئائىلىسى مادىرىد رىقابەت ئۇنى بېقىپ بولالمايدۇ، خان جەمەتى مادىرىدنىڭ ئۇنى قوشۇۋېلىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. نۆۋەتتە توررىسقا نىسبەتەن بارسىلونا كوماندىسىلا ئۇنىڭ ئۆز دۆلىتىدە توپ ئوينىشى ئۈچۈن ئەڭ ئاقىلانە تاللاش. بارسىلونا كۇلۇبى توررىس ئۈچۈن 4 يىللىق توختام تەييارلاپ قويغان. توررىسنىڭ چېلىسى بىلەن ئوتتۇردىكى توختامنىڭ يەنە 3 يىللىق ۋاقتى بار. بارسىلونا توررىسقا ئانچە يۇقىرى مۇئاش بېرەلمەيدۇ، لېكىن ئۇنىڭ كەلگۈسى 4 يىل ئىچىدىكى ئېرىشىدىغان كىرىمىنىڭ چېلسىدىن ئېرىشىدىغانلىرىدىن ئاز بولۇپ قالمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. |
|