- تىزىملاتقان
- 2011-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-6
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 2980
- نادىر
- 9
- يازما
- 2980
 
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-12 17:05
11 كۈن بولدى، ئەنچىلوتتى تېخىچە كەلمىدى. خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى ھازىرغىچە تېخى يېڭى مەشقاۋۇلنى بېكىتمىدى. «دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا فىلورىنتىنو نۆۋەتتە يېڭى تېرنىر سايلاش ئىشىغا قارىتا كۆڭلىدە 3 خىل پىلان سوقىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
فىلورىنتىنونىڭ A پىلانىدىكى نامزاتى شەك-شۈبىھسىز ئەنچىلوتتى. ئەنچىلوتتى بولسا فىلورىنتىنونىڭ نەزىرىدىكى مادىرىد كوماندىسىنى يېتەكلەشكە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان نامزات. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەنە ئەنچىلوتتىنڭ ئۆزىگە ناھايتى ماسلىشالايدىغانلىقىغا ۋە شۇنداقلا مادىرىد كوماندىسىنىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىنى قايتىدىن ئىتتىپاقلاشتۇرالايدىغانلىقىغا ناھايتى ئىشىنىدۇ.
فىلورىنتىنونىڭ B پىلانى 3 نەپەر نامزاتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. فىلورىنتىنو ئىلگىرى ئۆز ئاغزى بىلەن زىدانىنىڭمۇ مادىرىد كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇللىقىغا سايلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئېيتقان. ئەمما زىدانى تېخىچە تېرنىرلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشىپ بولالمىغان، ئەگەر زىدانى تېرنىرلىققا سايلىنىپ قالغان ئەھۋالدا، ئۇ پەقەت پەردە ئارقىسىدىكى «قوماندان» لارنىڭ يوليۇرۇقلىرى بىلەن ئىش تۇتىشى كېرەك. پەقەت ئاتاقتىلا تېرنىر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋال زىدانىنىڭ تېرنىر بولۇشىدىن ئانچە ئۈمىد يوقلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
زىدانىدىن باشقا بۇرانىك بىلەن ئېنرىك فىلورېز ئىككىسىمۇ تېرنىر نامزاتىدىكى قىزىق نۇقتا. بۇرانىك بولسا ئىلگىرى زىدانىنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى يېقىن سەپدىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەل زىدانى فىلورىنتىنوغا بۇرانىكنى كۈچەپ تەۋسىيە قىلغان. گەرچە بۇرانىك فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسىنى يېتەكلەشتىكى نەتىنجىسى ناچار ھېساپلانسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىلگىرى بورتۇ كوماندىسىنى فىرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنلىقىغا ئېرىشتۈرگەن.
ئېنرىك فىلورېزغا كەلسەك، ئۇ پۇتبولچى دەۋرىدە مادىرىد كوماندىسى ئۈچۈن توپ ئويناپ باققان. تېرنىر بولغاندىن كېيىن ئۇ بېنفىكا كوماندىسىنى يېتەكلەپ پورتۇگالىيە دەرىجىدىن تاشقىرلار بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنلىقىغا ئېرىشتۈرگەن، مادىرىد رىقابەت كوماندىسىنى يېتەكلەپ ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى ۋە ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرلار لوڭقىسىنىڭ چېمپىيۇنلىقىغا ئېرىشتۈرگەن. ئېنىرىك فىلورېز ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخى يېقىندىلا ئەرەپ بىرلەشمە خەلپىلىكىنىڭ ئەل ئەخىلى كوماندىسىنىڭ 2 يىللىق توختامىنى ئاخىرلاشتۇرغان. ھازىر بولسا ئۇ ئەركىن ئادەم.
فىلورىنتىنونىڭ ئاخىرقى پىلانى: فىلورىنتىنو ئىلگىرى ئۆزى تاللىماقچى بولغان يېڭى تېرنىرنىڭ ھېچكىممۇ خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان بىر ئادەم بولۇپ قالدىغانلىقىنى ئېيىتقان. «دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى» مۇنداق پەرەز قىلغان. يەنى «فىلورىنتىنونىڭ كۆزدە تۇتىۋاتقىنى چوقۇم مادىرىد 2-كوماندىسىنىڭ تېرنىرى تورىل بولۇشى مۇمكىن» دېگەندىن ئىبارەت. تورىل بولسا مادىرىد 2-كوماندىسىنى يېتەكلەپ ئىسپانىيە B بىرلەشمىسىگە ئېلىپ كىرگەن ۋە B بىرلەشمىنىڭ چېمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئەمما بۇ ئادەم ئالدىنقى پەسلىدە پۈتۈنلەي مورىنىيۇنىڭ بېسىمى ئاستىدا قالغان. مورىنىيۇ ئىلگىرى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا «يېڭى توپچىلارنى يېتىشتۈرۈشكە سالاھىيتى توشمايدۇ» دەپ تورىلنى تەنقىد قىلغان. ھەتتا تورىلنىڭ مادىرىد 1-كوماندىسىنىڭ مەشىقىنى زىيارەت قىلىشىغىمۇ يول قويمىغان.
نۆۋەتتە ئەنچىلوتتىنى پارىژ سان ژېرمان كوماندىسى تېخىغىچە قويۇپ بەرمىگەن، زىدانىنىڭ تېخى تېرنىرلىق تەجىربىسى يوق ئەھۋال ئاستىدا قالغان فىلورىنتىنو ھەر ھالدا تېرنىر سايلاشقا كېيىنكى قەدەم ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىق كۆرۈپ يۇقاردىكى 3 نامزاتنىمۇ ئويلاشمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. |
|