- تىزىملاتقان
- 2008-11-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1611
- نادىر
- 0
- يازما
- 1611
|

تۈنۈگۈن بىيجىڭ ئىشچىلار تەنتەربىيە مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان جۇڭگۇ بىلەن گوللاندىيەنىڭ دوستلۇق مۇسابىقسدە جۇڭگۇ 2:0 نەتىجە بىلەن كۈچلۈك گوللاندىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. بۇ مۇسابىقە توغۇرلۇق گوللاندىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىز قوغلاپ خەۋەر بەردى. تۈنۈگۈنكى قىزىل كارتا مۇسابقىنىڭ قىزققىنى قويمىدى. ۋان پىرىس جۇڭگۇ كوماندىسى سەل قۇپال ئوينىدى لىكىن بۇمۇ پۇتبولنىڭ بىر تەرپى، ئۇمۇمى جەھەتتىن جۇڭگۇ ياخشى ئوينىدى، جۇڭگۇ بىلەن بولغان مۇسابىقە تەس بولدى دەپ قارىدى.
ۋان پېرىس مۇخپىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن مۇنداق دېدى:بۇ ناھايىتى ياخشى بولغان بىر نەتىجە، جۇڭگۇ بىلەن بولغان مۇسابىقە ناھايىتى تەس بولدى، ئۇلار ئىپادىسى ناھايىتى قالتىس بولدى. ئۇلار قوپال ئوينىغان بولسىمۇ لىكىن بۇمۇ پۇتبولنىڭ بىر قىسمى. ئۇلار ئاشۇ قىزل كارتا ئۈچۈن بەدەل تۆلدى. مەن ئۇلارنىڭ 10 ئادەم بىلەن قېلىشنى خالىمايتىم، 11 دە 11 بولغان مۇسابىقىنى خالايتىم.
باش تېرنىر كاماچاۋنىڭ قىزل كارتا ئۈچۈن كۆڭلى يېرىم بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى:بىز ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە 5 توپ كىرگۈزگەن، توپ يىمىگەن(قايسى مۇسابقىنى دەيدىغاندۇ؟ ) بىراق بىز بۇ مەيدان مۇسابىقىنى باشلىنشتىلا ياخشى ئوينىيالمىدۇق، جۇڭگۇ كوماندىسى بەك جىديلىشىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن قىستاپ ئويناپ قىزىل يىدى. بۇنداق بىر دوسلۇق مۇسابقىسدە قىزىل كارتا يىيشنى مەن قەتتى خالىمايتىم.
گوللاندىيە ئاخبارات ۋاستلىرنىڭ خەۋىرى: روبىننىڭ قارشچە بۇ قېتىم جۇڭگۇغا كىلشنىڭ ئەھمىيتى زور بولغان، ياشلار مۇشۇ پۇرسەتتە چېنقۋالغان. گولاندىيە كوماندىسى ھىندستان، جۇڭگۇ بىلەن مۇسابىقە ئويناش ئارقىلىق 1 مىليون ياۋرۇدىن ئارتۇق كىرىم قىلغان. جۇڭگۇ بىلەن بولغان مۇسابقىدە جۇڭگۇ كوماندىسىنىڭ خاتالىقى گوللاندىيە كوماندسنى پۇرسەتكە ئىرشتۈرگەن. ئاۋۋال بىر نوقتا توپقا ئېرىشكەن، كىيىن جوڭگۇ كوماندسدىن بىرسى قىزىل يەپ چىكەتكەن. |
|