- تىزىملاتقان
- 2011-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 2571
- نادىر
- 12
- يازما
- 2571
 
|
بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەر سائەت 0:00 (ياۋروپا ۋاقتى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچ) تە مادىرىد كوماندىسى 4-قېتىملىق خەير-ساخاۋەت تەكلىپلىك مۇسابىقىسى بېرنابو مەيدانىدا ئوينالدى. خان جەمەتى مادىرىد پېشقەدەملەر كوماندىسى 1:2 نەتىنجە بىلەن يۇۋېنتۇس پېشقەدەملەر كوماندىسى ئۈستىدىن غالىب كەلدى.
خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى بۇ قېتىملىق غەلبىسى بىلەن ئۇدا 4 نۆۋەت ئۆتكۈزگەن خەير-ساخاۋەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەممىسىدە تولۇق غەلبە قىلدى. ئىلگىرى ئوينالغان 3 قېتىملىق خەير-ساخاۋەت مۇسابىقىسىدە خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئېنتىر مىلان، بايرىن مىيۇنخېن ۋە مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىلىرىنى مەغلۇپ قىلغان. بۇ يىل تەكلىپ قىلغان كوماندا بولسا يۇۋېنتۇس كوماندىسى.
مەيدانغا چىققان ئەزالاردىن بىزگە تونۇشلۇق بولغانلىرى: خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىدىن فىگو، كارلوس، ھېررو، رېدوندو ۋە مورىنتىس. يۇۋېنتۇس تەرەپتىن راۋانېللى ۋە نېدىۋېد قاتارلىق پېشقەدەم چولپانلار مەيدانغا چۈشتى. مۇسابىقە ئالدىنقى يېرىم مەيدان ۋە كېيىنكى يېرىم مەيدان تۈزۈلمىسى بويىچە ھەر يېرىم مەيدان 40 مىنۇتتىن قىلىپ بېكىتىلدى. مۇسابىقىنىڭ باش رېپپىرلىقىنى داڭلىق تاقىر باش رېپپىر كولىنا ئۈستىگە ئالدى. ھەممىدىن پەرىقلىق يېرى شۇكى، زىدانى ئالدىنقى ئالدىنقى يېرىم مەيدان تولۇق مادىرىد كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئاساسلىق ئەزا قاتارىدا مەيدانغا چۈشۈپ ئويناپ، كېيىنكى يېرىم مەيدان داۋاملىشىپ 77-مىنۇتىغا كەلگەندە يۇۋېنتۇسنىڭ 21-نومۇرلۇق كىيمىنى كىيىپ ، داۋدىس بىلەن ئالماشتۇرۇلۇپ يۇۋېنتۇس كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئوينىدى.
ئالدىنقى يېرىم مەيدان باشلىنىپ 6 مىنۇت بولغاندا زىدانى چىقارغان بىر ياردەمچى پاس بىلەن فىگو بىر توپ ئۇرۋالدى. كېيىنكى يېرىم مەيدان داۋاملىشىپ يۇۋېنتۇس تەرەپتىن مونتىرو 62 مىنۇت بولغاندا نېدىۋېد چىقارغان ياردەمچى پاسقا تايىنىپ مۇسابىقە نەتىنجىسىنى 1:1 قىلىپ تەڭلەشتۈردى. ئارلىقتىن 5 مىنۇت ئۆتۈپلا مادىرىدنىڭ بۇرۇنقى داڭدار ئارقا بەل توپچىسى رېدوندو قارشى تەرەپ چەكلەنگەن رايونىغا بۆسۈپ كىرىپ ئىۋان پېرىزغا پاس بەردى، پېرىز بۇ توپنى ئىتالىيە كوماندسىنىڭ 98-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى پېشقەدەم ۋارتارى پېرۇززى بېقىۋاتقان قاپقىغا ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ نەتىنجىنى 1:2 قىلىپ ئۆزگەرتتى.
مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر:
|
|