- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7606
- نادىر
- 17
- يازما
- 7606
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-7 21:33

پورتۇگالىيە ئەمدى ئۇتتۇرسا پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ !
دىيارىمىز ۋاقتى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەر سائەت ( 1:45 ) مىنۇت ئۆتكەندە ،2014-يىلدىكى بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسنىڭ ياۋروپا رايونى ئالدىن تاللاش F گۇرۇپپىدىكى بىر مەيدان قىزىق نوقتىلىق مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ .يەنى ،پورتۇگالىيە كوماندىسى لىسىبون رىقابەت مەيدانىدا كۈچلۈك رەقىبى رۇسىيە كوماندىسى بىلەن كەسكىن جەڭ قىلىدۇ .پۈتۈن دۇنيا توپ مەستانىلىرى بۇ مۇسابىقىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتە .....
ھازىر رۇسىيە كوماندىسى تۆت مەيداندا تولۇق يېڭىپ 12 نومۇر بىلەن رەت-تەرتىپتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ .ئىسرائىلىيە ئالتە مەيداندا 11 نومۇر بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا ،پورتۇگالىيەنىڭ نومۇرىمۇ ئوخشاشلا 11 نومۇر،بىراق ئۇرغان توپ سانى ئاز بولغاچقا ئۈچىنچى ئورۇندا ، 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن بورۇن رۇسىيە يەنە تۆت مەيدان ئوينايدۇ .پورتۇگالىيە بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككى مەيدان مۇسابىقىسى بار .مۇبادا رۇسىيە كېيىنكى مەيداندىمۇ يەنە يەڭسە ،ئۇ چاغدا ئاخىرقى ئىككى مەيداننى ئوينىماي تۇرۇپلا بۇ گۇرۇپتا تۇنجى بولۇپ دۇنيا لوڭقىسنىڭ بېلىتىنى ئالىدۇ .
ئەگەر پورتۇگالىيە بىلەن ئىسرائىلىيە قاتتىق تىركىشىپ رۇسىيەنى تۇسۇپ قالالىسا بۇ گۇرۇپپىدىن چىقىش ۋەزىيىتى تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىدۇ .بۈگۈن كېچە پورتۇگالىيە ئۇتتۇرۇۋەتسە ئىككىنچىلىك ئورنىدىن تۇلۇق مەھرۇم بولۇپ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ .شۇڭىلاشقا بۇ مۇسابىقە پورتۇگالىيەگە نىسبەتەن ھايات-ماماتلىق مۇسابىقە بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . قاتىل ھۇجۇمچى كىرىستىئانو رونالدو ،نانى ،پوستىگا ،پېي پېي ،قاتارلىق چولپانلار مەيدانغا چىقىدۇ .رۇسىيەمۇ ياۋرۇپادا توپ تېپىدىغان ئەڭ داڭلىق ئەزالىرىنى تولۇق مەيدانغا چىقىرىدىكەن .

|
|