- تىزىملاتقان
- 2013-2-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-7-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 61
- نادىر
- 0
- يازما
- 61
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قىرىنداشلار.
بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولغىلىمۇ خېلى بولاپتۇ، ئانچە-مۇنچە ئىنكاس يازغاندىن باشقا پۇتبۇل توغرىسىدىكى بىلىمىم يوق دېيەلىك بولغاچقا قاراپ ئولتۇردىكەنمەن، ئادەتتە ئانچە مۇنچە يېزىپ كۆنەپ قاپتىكەنمەن، يا بۇيەردە يازغاننى تەڭلەۋەرسەم قانداق بولا دەپ تارتىنغان ئادەم (قېنى ماۋۇ قىزىرىپ يۈزىنى توسۇۋالغان چىراي ئىپادىسى)
شۇڭا بۈگۈن ئازراق چاقچاق ئويناپ ئالغاچ كەلگەنتىم، كەمىنىنى ئەيىپكە بۇيرۇماي، بۇندىن كېيىن مېنى ئوبدانراق بىر تونۇپ، ماۋۇ بىزنىڭ ئادەمتى دېگۈدەك بولاسىلە، چاقچاق ئېغىر كەتسە كەچۈرۈم سورايمەن ھە باللا.
بولسا پۇتبۇل توغرىسىدا بىر نەرسە يوللىسام بولىتى، ئەمدى مۇشۇندا بولاپ قالدى، ئەپۇ قىلغايسىلەر.
قانداق قىلىمىز ئەمدى، بەزىدە شۇنداق ھەپىلىشىپ قالىدىكەنمىز، كىم مېنى ئەقىل بۆلۈنمىسى ئېينىشتىيىن بىلەن تەڭ بولسۇن دەپتىكەن؟ شۇنىڭ بىلەن چۈش ۋە چۈش سەنئىتى توغرىسىدا قاتتىق ئىزدىنىشكە باشلىدىم، ئۈلكەردەك كاللىسىنى قاغا چوقۇلىۋالغان ئادەمگە بۇ گەپنى دېسەم كېچىچە مىسسىنىڭ بېشىدا «چۈش ئوغۇرلايمەن» دەپ تۈنەپ چىقىشتىن يانمايدۇ، مۇز دېگەن ئادەمگە دەپ سالسام «مەنمۇ تەتقىق قىلىمە» دەپ كېچىسى بېشىغا كاۋىنى كېيىپ ئۇخلايدىغان بولۇۋالسا 4-دوختۇرخانىدىن قانداق قايتۇرۇپ چىقاتتۇق؟ ھازىر ئادەملەرگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ، ئۆتكەندە توپ تەپكۈچىكام «قورسىقىڭىز ئاچسىلا تۆلەپ بېرىمەن» دەپ سەككىز تال كاۋا مانتامنى يەۋالغانچە قايتۇرۇپ بەرمىدى، ئۆزۈم يالغۇز چۈش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن دەڭلا، چۈشنىڭ تەركىبى، ئېغىرلىقى، چوڭ-كېچىڭلىكى، رەڭگى دېگەندەكلەرنى ئەمدىلا ئۆلچەپ تۇراتتىم، كېچىدىن بىخەستىلىكىم سەۋەبى قاراڭغۇ چۈشۈپ كېتىپتۇ، مەنمۇ ئۇقۇشماي يوتقانغا كىرىپ قاپتىمەن، ئاندىن چۈش كۆردۈم، ئاۋال چۈشۈمنى ئاڭلاڭلار:
بۈگۈنكى چۈشنىڭ تەركىبى: بىرنابۇ 13 گىرام، نىجات 3 مىسقال، سېرىق ھەرە بار-يوقى يېرىم تال، توتتى بىر سامان خالتىسىدا لىق، مارسى كاللىسىنىڭ سۈيى بىلەن قوشۇپ پۈتۈن، مىراس بىر چىنە، كاكا 0908 بىر تۇياق، يەنە قالغانلار بىرەر چىمدىم، ئىككى چاڭگالدىن بولاپ پۈتۈپ چىقتى. ئۇزۇنلۇقى 17 سانتىمىتىر 3 مىللىمىتىر، كەڭلىكىنى ياخشى مۇنبىرىچىلىك، قېلىنلىقى مىراسنىڭ يۈزىچىلىك كېلىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، ئۇخلاپ قاپتىمەن، چۈشۈمدە بىر يەردە كېتىۋاتقۇدەكمەن، قارىسام ئۈلكەر بىرتال ئاق ئوغلاققا تەتۈر مىنگىنىچە ئۆزىنىڭ پۇتبۇل يۇمىلاق بولۇشى كېرەكمۇ سوقىچاقمۇ دېگەن ماقالىسىنى ئوقۇۋاتقۇدەك، ئوغلاق ئۈلكەرنى كۆتۈرەلمەي پۇتلۇشۇپ كەتسە «ماقالەمنى ياراتمىدىڭ» دەپ قۇلىقىنى چىشلەۋاتقۇدەك، يېنىغا بېرىپ «ماۋۇ خۇدانىڭ جانلىقى، ئېچىڭىز ئاغرىسۇن، بۇنداق خورلىماڭ» دېگەننى بىلىمەن، «ھايۋاناتلارغا ھاقارەت قىلدىڭ، ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلىمەن» دەپ چۈشتى، چاپىنىمنىڭ پېشىغا مەھكەم ئېسىلغان ئۈلكەردىن مىڭبىرجاپادا قۇتۇلۇپ، بىر كۆل بويىغا كەلدىم، قارىسام مەھمۇدىيە قىزلارنىڭ ئېگىز پاشنىلىق توپلىيىنى كېيىپ، قېنىققىنە گىرىم قىلىۋاپتۇ، بىرتال سۆگەتنىڭ غولىدىن قۇچاقلاپ «ئوينىساڭمۇ ئوينايسەن، ئوينىمساڭمۇ ئوينايسەن» دەپ تانسىغا تارتقىلى تۇرۇپتۇ، بۇ قىلىقتىن ئەقلىم ھەيران قىلىپ، يېنىمغا قارىسام مۇز چىكىسىگە قىپقىزىل گۈل قىسىپ، بېشىغا لۆڭگە ئوراپ، ئاچچىقسۈيىگە شىكەر قوشۇپ، خانلەيلۇننى بولۇشىغا توۋلاپ لەڭپۇڭ ساتقىلى تۇرۇپتۇ، ئۇنىڭ يېنىدا مىسسىي2 ھەدەپ بىر ئېشەك ھارۋىسىنىڭ چاقىنى يالاۋاتىدۇ، تۇيۇقسىز قۇلىقىمغا بىر ئاۋازلار كىرىپ قالدى، كەينىمگە يېنىپ قارىسام يول بويىدا توپ تەپكۈچىكام ئىككى تال چاشقاننىڭ ئۆلۈكىگە پاراڭ سالغاچ، ئالدىغا 6-7 تال تاش، 4 تال ئىمىزگۈنى تۇتۇۋىلىپ، سېرىق ھەرىگە پال سىېلىۋاتىدۇ، قارىسام گەپلىرى خىل:
-سىزنىڭ مىجەزىڭىز ياخشىكەن، قىچىشقان يەرنى قاشلىمايدىكەنسىز، پۇل تاپسىڭىز قالايمىقان تاشلىمايدىكەنسىز، توق قورساققا ئاش يېمەيدىكەنسىز، باشقىلار بىكارغا سوۋغات بەرسە ياق دېمەيدىكەنسىز، ئاشقازىنىڭىز ياخشى تاماقنى خىللايدىكەن، مەكتىپىڭىزدىكى بالىلار تاياق يېسە يىغلايدىكەن، قارىسام يېقىندىن بىرى كۈندە ئۈچ ۋاق تاماق يەيدىغان بوپقاپسىز، ماڭسىڭىز پۇتىڭىزدا ماڭىدىكەنسىز،ئەڭ يامىنى كۆزىڭىزنى پات-پات چىمچىقلىتىدىكەنسىز، گەپ قىلسىڭىز ئاغزىڭىز مىدىرلاپ كېتىدىكەن...
بۇنى ئاڭلاپ تۇرغان سېرىق ھەرە بۈدۈر قىلىۋالغان بۇرۇتىنى ئوينىغاچ دەۋاتىدۇ:
-يائاللا سوپۇم، يامان ئۇستا پالچىكەنلا، بولسا مىجەزىمگە بىر دورا قىلسا!
-چاتاق يوق، بۇندىن كېيىن كۈندە ئۈچۋاق ئاياغنى تەتۈر كېيىڭ، ئۆيىڭىزگە دېرىزىدىن كىرىڭ، ئۇخلىغاندا پالاسنى تەتۈر يېپىنىڭ، ۋەلىسپىتنىڭ ئىگىرىنى ئېلىۋىتىپ مېنىڭ، چاپاننىڭ يانچۇقىنى سۆكۈۋىتىپ كېيىڭ، ئايىغىڭىزنى قازان بېشىغا سىلىڭ....
بۇ كارامەتلەرگە ھەيران بولۇپ، ھاڭۋىقىپ كېتىۋاتسام مارىس بىر ئەسكى تاملىقتا قېزىل قوچقاردىن بىرنى قوغلاۋاتىدۇ، توتتى كەينىدە توي كۆينىكى كېيىۋالغان ھالەتتە قولىدا بىر توپ ئەتلەس، مارىسنى تىللىغان پېتى كەينىدىن يۈگرەۋاتىدۇ، قوينى توسۇپ بېرىپ «نېمە ئىشبۇ؟» دېسەم، بايا توتتى ئاۋۇ قويغا ئەتلەستىن كۆينەك كىيگۈزۈپ، تويىغا قولداش قىلماقچىكەن، قوي قېچىپ كەتسە يولدا كېتىۋاتقان مارىسنى «سەن پۇتۇڭدا ماڭمىغان بولساڭ قويۇم قاچامتى؟» دەپ تۇرۇۋاپتۇ، بۇلارنىڭ جىدىلىنى ئاران ئايرىپ ماڭسام چىمبۇلاق دېگەن ئاداش بىر ئېتىزنىڭ ئوتتۇرسىدا 7 دانە توشقانغا ھۆرمەت قەدەمدە مېڭىشنى ئۆگەتكىلى تۇرۇپتۇ، قانداق قىلىدۇ دەپ قاراپ تۇرسام بىركەمدە توشقاننى قويۇپ، شاخقا قونۇۋالغان بىر ئاققۇچقاچقا سۆيگۈ ئىزھار قىلىپ، ئېقىپ كەتتى، ئاندىن بىر دەرەخنىڭ ئاچىسىغا چىقىپ ئەزان توۋلاپ چۈشتى، ناماز ۋاقتى بوپتۇدە دەپ ئەمدى ئېرىق بويىدا تاھارەت ئېلىۋاتسام، ماۋۇ ئاداش قولىغا بىر تال ئىشەكنىڭ پاچاق سۆڭىكىنى كۆتۈرگەنچە كېلىپ «مېنىڭ ئېتىزىم دىننى سوتسىيالىزىملاشتۇرۇش يولىدا ماڭىدىغان تۇرسا، نېمە دىننىي پائالىيەت ئېلىپ بارىسەن؟» دەپ ئۇرۇپ كەتتى، مىڭنى يالۋۇرۇپ، قىچىپ كەتتىم، قارىسام بىر سۆگەتنىڭ تۈۋىدىن ئىس چىقىۋاتىدۇ، بارسام مۇزات تۈۋى يوق قازاننى ئاچىغا ئېسىپ، لەغمەن سېلىپ، تۆشۈك قاچىغا ئۇسۇپ «نىجاتقا ئاپىرىمەن» دەپ ئېلىپ ماڭدى، «خۇداغا شۈكۈر، ساراڭ بولمىغاندىن بىرسى قاپتۇ» دەپ ماڭسام، بىر ئوتتۇرا يولدىن چوكىنات روزىلەمنى ياپۇنچە ئوقۇپ، ئۇچرىغان دەل-دەرەخكە سالام بېرىپ، ئەھۋال سوراپ كېلىۋاتىدۇ، سالام قىلغاننى ئۇقىمەن «ئىككى پۇتلاپ مېڭىپ، ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى تۆككەن سەنمۇ» دەپ يانپاشقا ئېلىپلا كۆتۈرەپ ماڭدى، نەق شۇ يەرگە كەلگەندە ئويغىنىپ كەتتىم بۇرادەرلەر.
شۇنىڭ بىلەن تەتقىقاتنى توختىتىپ، سىلەر بىلەن ئورتاقلىشاي دەپ تۇرۇپتىمەن، بۇ زادى قانداق چۈش؟
(باشقۇرغۇچىلار، ئەگەر تېمام مۇنبەرگە ماس كەلمىسە ماڭا خەۋەر قىلماي ئۆچۈرۋىتىۋىرىڭلار، ماس كېلەمدۇ، كەلمەمدۇ بىلمەيمە ئەمدى. ھى..ھى..ھى..) |
-
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 290
تۆھپە + 51
شۆھرەت + 42
تەجرىبە + 53
باھا خاتىرىسى
|