- تىزىملاتقان
- 2011-4-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 847
- نادىر
- 0
- يازما
- 847
 
|
مۇشۇ بېرنابۇ توي قىلغاندىن بۇيان كېچىسى تازا بەك ئويغىنىپ مۇسابىقە كۆرەلمەس بوپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئايالىغا دەپتۇ:خوتۇن، كېچىدە سائەت بىردە مېنى ئويغىتىپ قويغىن، شۇنىڭ بىلەن ئايالى دەپتۇ، توۋا، بۇ مۇسابىقىنى ئەتىسى قايتا قويغاندا ،ياكى باشقا ۋاقىتتا كۆرسىڭىز زادى بوممامدا؟
شۇنىڭ بىلەن بېرنابۇ تۇرۇپ كېتىپ: ھەي كالۋا خوتۇن سەن بۇنى چۈشەنمەيسەن، توي بولغان كېچىسى بىلەن، باشقا ۋاقىتتىكى كېچە ئوخشامدا؟
مەرۋايىت بىر كوماندىغا ۋارتار بوپ بېرىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كوماندىنىڭ تىرېنىرى ئۇنىڭغا دەپتۇ،قارا ما كەينىڭدىكى ۋارتار تورىنى كۆردۈڭمۇ، ما بىزنىڭ كۇلۇب بەك قىممەت نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ، ئەگەر قارشى تەرەپ تەپكەن توپ بۇ ۋارتار تورىنى مەينەت قىلىۋەتسە ئۆيۈڭگە ئاپىرىپ يۇيىىسەن، ئەگەر يىرتىلىپ كەتسە، بەش ھەسسىسى بويىچە تۆلەيسەن ،ئۇقتۇڭمۇ؟
ئاۋرال مۇھەببىتىگە توي تەلىپى قويۇپتۇ،ئەمما ئۇنىڭ مەبىتى ئاۋرالنىڭ قان پۇتبول مەستانىسى ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئاۋرالغا دەپتۇ، ھەي،مەن سىزگە تەگسەممۇغۇ بولاتتى ، ئەمما، مەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆلۈپ كەتسەم،دەل شۇ كۈنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بار بولۇپ قالسا ،نامىزىمغىمۇ كەلمەسمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن،
شۇنىڭ بىلەن ئاۋرال ئويلىنىپ كېتىپ جاۋاب بېرىپتۇ: نامىزىڭىزنى بىرەر كۈن كېچىكتۈرۈپ چىقارساقلا بولىدۇغۇ…
توتتىنىڭ ئايالىمۇ توتتىنىڭ بىر پۇتبول مەستانىسى ئىكەنلىكىگە بەك خاپا ئىكەن،بىر كۈنى رەنجىپ توتتىغا سۆزلەپ قاپتۇ:
سىز بۇ ئائىلىگە ،ماڭا، بالىمىزغا پەقەت كۆڭۈل بۆلمەيسىز،ئەشۇ ئاقمايۋاتقان رىم كوماندىسى بىلەن پۇتبول بولسىلا بولىدۇ سىزگە…
توتتى:يەنە باشلىدىڭغۇ خوتۇن،مەن قانداق كۆڭۈل بۆلمەپتىمەن؟
ئايالى:كۆڭۈل بۆلسىڭىز دەپ بېقىڭە، بالىمىز قايسى چىسلادا تۇغۇلغان؟
توتتى:ۋاي بىلىمەن ئۇنى، ھېلىقى بارسىلونە بايرىنغا تۆتتە نۆل ئۇتتۇرغان كۈنى تۇغۇلدى |
|