- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7388
- نادىر
- 16
- يازما
- 7388
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-7 16:44

6-ئاينىڭ 6-كۈنى ،مادرىدىكى ئىككى چوڭ ئاخبارات ئورنىنىڭ باش بېتىدە ،پورتۇگالىيىلىك قاتىل ھۇجۇمچى كىرىستىئانو رونالدونىڭ توختام ئۇزارتىش ئىشى توغۇرىسدا خەۋەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ ،« ماركا گېزىتى » نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشچە ،رونالدو مادرىد بىلەن 2018-يىلغىچە توختام ئۇزارتىشقا ماقۇل بوپتۇ .بىراق يىللىق ئىش ھەققىگە چوقۇم باجدىن كېيىنكى 18 مىليون ،ھەمدە سۈرەت ھۇقۇقىنى تولۇق بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ . » ئا س گېزىتى » دە خەۋەر قىلىنىشچە ،ھازىر رونالدونىڭ قۇلىدا ،مانچېستىر بىرلەشمىسى ،مانچېستىر شەھەر ۋە پارىژ سانت گىرمان كۇلۇبىنىڭ تەكلىپنامىسى باركەن .مۇشۇ كۇلۇبلارنىڭ ھەممىسى 60 مىليون باھا قۇيۇپ ،باجدىن كېيىنكى 23 مىليون ئىش ھەققى بېرىشكە ۋەدە قىلغان .
شۇڭا رونالدو ھازىر خان مادرىدتقا قاتتىق بېسىم چۈشۈرۈپ قويۇپتۇ .يېقىندا مادرىد رەئىسى فىلورىتنىنو رونالدوغا دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئىش ھەققى بېرىمەن دېگەن .ئەمما ھازىرغا قەدەر ئەمىلەشمىگەن .رونالدومۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ ،دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئىش ھەققى ئالمىسىمۇ ،پەقەت 18 مىليون بەرسىلا بولىدىغانلىقى ئېيتقان .ئىگىلىنىشچە ، خان مادرىد رونالدونىڭ بۇ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلسا باج بىلەن قۇشۇلۇپ ئىش ھەققى 30 مىليوندىن ئېشىپ كېتىدىكەن .نۆۋەتتە رونالدونىڭ سۈرەت ھۇقۇقى % 60 بولۇپ ،بۇ فىلورىتىنونىڭ رونالدوغا ئېتىبار قىلغىنىكەن . رونالدو ئۆتكەن يىلى 9-ئايدىن باشلاپ بۇ ھۇقۇقنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزىگە مەنسۇپ بۇلۇشىدا چىڭ تۇرغان .لېكىن فىلورتىنىو رەت قىلغان .يىغىنچاقلىغاندا ،رونالدوغا 18 مىليون ئىش ھەققى ۋە تولۇق بولغان سۈرەت ھۇقۇقى لازىم .بولمىسا خان مادرىد كېيىن پۇشايمان قىلىپ قېلىشى مۇمكىن !
 |
|