akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 5973|ئىنكاس: 47

ئېرپانجان ، تالانت ئىگىسى كۆمۈلۈپ قالماسلىقى كېرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13.jpg


     مۇخپىر ۋاڭۋېي نىڭ گېرمانىيە ميۇنخىندىن ئەۋەتكەن خەۋىرى : گېرمانىيە داڭلىق توپ چولپىنى برېتنېر مەخسۇس زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ئاز دېگەندىمۇ 10 قىتىم ئېرپانجاننىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ ، ئۇنىڭ 2013-يىلى چوقۇم بايرىن ميۇنخىنغا كېلىپ مەشىق قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى . بۇ قىتىم ، ئېرپانجان كەلدى .

     2011-يىلى پۈتۈن دۆلەتلىك مەكتەپلەر پۇتبول لاگىرى چىڭدۇ لاگىر رايونى مۇسابىقىسىدە ، ئالتۇن رەڭ چاچ شىنجاڭلىق ئۇيغۇر كىچىك توپچى كىشىلەرنىڭ دېقىتىنى تارتتى ، پۇختا بولغان تېخنىكا ، ئىشەنچكە تولغان توپ ئېلىپ مېڭىش ، ئوخشاش ياشتىكىلەردىن ئۈستۈن بولغان سەزگۈ ، شۇ ۋاقىتتا بىر چەتتە تۇرغان برېتنېرنىڭ ئېرپانجانغا كۆزى چۈشكەن ئىدى . بۇ يىل 2-ئايدا ، برېتنېر يەنە بىر قىتىم ئېرپانجاننى كۆردى ، ئىككى ياش چوڭايغان ئېرپانجان تېخىمۇ گەۋدىلىك كۆرۈنەتتى . ئېرپانجانغا بىر قانچە ئورننى ئوينىتىپ كۆرگەندىن كېيىن ، برېتنېر نومۇر قويغۇچى ترېنېر شېدوڭفىڭغا :«ئۇنى بايرىنغائېلىپ بېرىشنى ئۈمۈد قىلىمەن .» دېدى .

     «ھېلىقى ئاق ساقاللىق مويسىپىت كىشى ئېسىڭىزدىمۇ ؟» دەپ سورىدى مۇخپىر . «ئەلۋەتتە ئېسىمدە .» ئۇندىن كېيىن مۇخپىر ئېرپانجاندىن بايرىنغا كەلگەندىكى تۇيغۇسىنى سورىغاندا :«ھەقىقەتەن ياخشىكەن !» دەپ جاۋاپ بەردى . ئەمەلىيەتتە ئېرپانجان بايرىن توپ مەستانىسى ئەمەس ، ئۇ لىۋېرپۇلنى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ ، ئەينى ۋاقىتتا لىۋېرپۇل ئىستانبۇلدىكى ياۋرۇپا چېمپيونلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 0 دە 3 ئارقىدا قىلىپ ، كېيىنكى مەيداندا مەغلۇبىيەتنى غەلبىگە ئايلاندۇرۇپ چېمپيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ھېلىمۇ ئۇنىڭ يادىدا بار ئىكەن .

     ميۇنخىندىكى «Sportschule» مەشىق مەركىزىدە ، ئېرپانجان ئەڭ ئويۇنچى ھېسابلىنىدۇ ، مەشىق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇ ھەمىشە ياتاقداشلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ بىليارت ئوينىغىلى بارىدۇ . 3-چېسلا كەچتە ئۇ رەقىبى بولغان ياپونىيە كوماندىسىنىڭ كوماندا يىتەكچىسىنى ئۇچرىتىپ قىلىپ ، ئاكتىپ ھالدا ئۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ ، ھەمدە 3 دە 0 نەتىجە بىلەن ياپونىيە كوماندا يىتەكچىسىنى مەغلۇپ قىلىدۇ . «ياپونىيە كوماندىسىنىڭ ھېلىقى يىتەكچىسى قەتئىي قايىل بولماپتۇ ، مەن ئۇنىڭ جەڭ ئېلانىنى قوبۇل قىلىمەن ، ئۇنى يەنە يېڭىمەن .»

     بايرىننىڭ ساھىپجان مەيدانى ئەللىيەن توپ مەيدانىغا كىرگەندە ، ئېرپانجان تۇنجى بولۇپلا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى چىقىرىپ مۇخپىردىن توپ مەيدانى سىرتىدا رەسمىگە تارتىپ قويۇشنى ئۆتۈندى . ئاندىن كېيىن ئۇ بايرىن مەھسۇلاتلىرى دۇكىنىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ، بايرىن توپ كېيىمى قاتارلىق بارسىلەرنى ئالدى ، ئاخىرىدا يېنىدا ئېلىپ بارغان 100 ياۋرۇدىن 1 ياۋرۇلا قالدى .

     ئادەتتە ، سەپداشلىرى ئۇنى «كىچىك پۇتىن» دەپ چاقىرىدۇ ، روسىيە كوماندىسى بىلەن گورۇپپىلىشىپ مۇسابىقىلەشكەندە ، بايرىندىكى ترېنېر ئېرپانجاننى روسى يەلىك ئەزالار بىلەن بىر گورۇپپىغا بۆلۈپ قويدى . توپ ئېلىپ مېڭىشى چەبدەس ، سەزگۈسى ئۆتكۈر ، بۇ ئېرپانجاننىڭ ئالاھىدىلىكى . ياپونىيە كىچىك توپچىلىرى بىلەن بەدەن قىززىتقان ۋاقىتتا ، ئېرپانجان سەزگۈ ۋە ئاڭ جەھەتتىكى پەرقنى ھېس قىلدى ، شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئاكتىپلىق بىلەن ياپونىيە كوماندىسىنىڭ يادرولۇق ئەزاسى بولغان بويى ئارانلا 1.46 مېتىر كەلگەن تاكاخاشىنى مۇداپىيە قىلىشنى تاللىدى ، دەل مۇشۇ 14 ياشلىق ياپونىيلىك بالا جۇڭگو بىلەن بولغان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدىكى بىردىنبىر توپنى كىرگۈزدى ، ئۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى جۇڭگو 2 دە 1 نەتىجە بىلەن ياپونىيە كوماندىسىنى يەڭدى .

     «بۇ ئىككى يىلدىكى ئۆزگىرىشكە ئاساسەن ، سىزنىڭچە ئېرپانجاننىڭ سەۋىيسى ئۆستىمۇ ياكى ئىلگىرلەش بولمىدىمۇ ؟» دۆلەتلىك مەكتەپ پۇتبول ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى زىڭدەن مۇخپىردىن شۇنداق سۇئال سورىدى . ھازىر ئېرپانجان ئۈچۈن چوڭ بىر خوش خەۋەر شۇكى ، بەزى ۋاستىچىلار ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىشنى باشلاپتۇ . مەكتەپ پۇتبولىدىن يىتىشىپ چىققان ئېرپانجان ھازىر ھەقىقەتەن كەسپىي مەشىق ئارقىلىق تەربىيلىنىشكە مۇھتاج ، تالانت ئېگىسى كۆمۈلۈپ قالماسلىقى كېرەك .




مەنبە : «مەكتەپ پۇتبولى» گېزىتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-6 13:15:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بوپتۇ
ئۇيغۇرمۇ يا قازاق بالىمۇ بۇ ......... ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-6 13:17:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى ۋاستىچىلار ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىشنى باشلاپتۇ .

مۇشۇ گەپ راس بولسا شۇ ۋاستىچىلار بىلەن توختاملىشىپ ياۋرۇپادا كەسپى پۇتبولچى بوپكەتسە بۇلاتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-6 13:17:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا كۆمۈلۈپ قالماسلىقى كىرەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-6 13:19:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالتۇن كۈمۈلۈپ قالمايدۇ دىگەن بىلەن بىزنىڭ رايۇنىمىزدا كۆمۈلۈپ قالدىغان ئەھۋال جىق ، لىكىن بۇ بالىنىڭ كۆمۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-6 13:28:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مايكول 发表于  11 مىنۇت ئالدىدا
بەك ياخشى بوپتۇ  
ئۇيغۇرمۇ يا قازاق بالىمۇ بۇ ......... ؟...

ئۇيغۇر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-6 13:58:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بوپتۇ  ئۇ ھازىر قانچىگە كىرگەندۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-6 13:59:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇرەممەس خەنلەر قەسلىمىسىلا بۇلاتتىغۇ   
ساڭا ئۇتۇق تىلەيمەن ئېرپانجان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-6 13:59:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا بايرىنغا قېتىلىپ كەتسە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-6 14:05:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەيرىنغا قېتىلىپ كەتسە، گوديولا بۇنى مېسسىدەك قىلىپ تەربىيلىسە...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-6 14:30:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ مۇھىمى بۇ بالىغا كۆز تەگمىسۇن..ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇنىڭ ئىشلىرىنى مەڭگۈ ئوڭۇشلۇق قىلسۇن..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-6 14:55:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە بۇ بالا ھەرگىز كۈملۈپ قالمايدۇ.بۇ بالخا چەتەلنىڭ نەتچە كۇلۇپلىرى كۆز تىكىپ بولدى.بۇ بالنىڭ داڭقى 2010يىللا چىقىپ بولخان شۇ چاخنىڭ ئۆزدىللا بىر قانچە كۇلۇپلار بۇ بالنى كۆزلەپ يۈرگەن، شۇ چاخدا پۇرسەت تېخى يىتشمگەن  ئەمدە پۇرسەت  كەلدى. بۇ بالنىڭ شۇ چاخدىكى مۇسا بىقسنى كۆرسەڭلار بىلسلەر.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 20:53

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش