پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1083|ئىنكاس: 32

ياۋروپادىكى ھالسىرىغان زەردارلار(1) (سەييارە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

9

دوست

363

جۇغلانما

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12369
يازمىسى: 363
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 80825
تۆھپە: 715
ۋاقتى: 151
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 19:45:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   22kaka22 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-4 14:52  

                                            ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم
        زەردارلار ماكانى بولغان كەڭ كەتكەن ياپيېشىل ياۋروپا قىتئەسىدە ئۆچمەس شانلىق تارىخلارنى ياراتقان نۇرغۇن كۇلۇبلار بار.خۇددى ئېرىپ تۈگىمەيدىغان شام،يېنىپ خىرەلەشمەيدىغان چىراق بولمىغىنىغا ئوخشاش ،بىز بۇدۇنياغا كۆز ئاچماستا ياۋروپا ھەتتا دۇنيانى سورىغان،مونوپوللۇقنى قولىغا ئېلىۋالغان غايەت زور بىر تۈركۈم زەردارلارنىڭ ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە ئۆزىنى ساقلاپ قالغانلىرى قېلىپ،چېكىنگەنلىرى چېكىنىپ بۇرۇنقى نەۋقىران ياشلىقىدىن قېلىۋاتىدۇ.بۇنىڭ سەۋەبىنى تاپىمىز دېسەك تېخىمۇ كۆپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ،ئەلۋەتتە.
7983419_104701619181_2.jpg

           ھەممىمىزگە ئايانكى دۇنياۋى، ئېسىل، ياراملىق ،پۇتبولچىلارنىڭ كۆپلىرى جەنۇبى ئامرىكا قىتئەسىدىكى بىرازىليە،ئارگېنتىنا قاتارلىق ئەنئەنىۋى پۇتبول دۆلەتلىرىدىن كۆپ چىققان لېكىن ئۇلار بىرازىلىيە ،ئارگىنتىنادا ئەمەس بەلكى  تەرەققى تاپقان ياۋروپا قىتئەسىگە كېلىپ ئۆزىنىڭ تالانتىنى نامايەن قىلىپ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونىلىدۇ.ياۋروپادىكى كۇلۇپلارنىڭ ئىقتىسادى باشقا يەردىكى كۇلۇپلاردىن ياخشى بولغانلىقى سەۋەپلىك دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پۇتبول چولپانلىرى ۋە مايسىلىرىنى ئۆزىگە تارتىدۇ ھەمدە قازىدۇ.شۇ ئارقىلىق دۇنيانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىكى مەستانىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ياۋروپا ھەمدە پۈتكۈل دۇنياغا داڭلىق بەش چوڭ بىرلەشمە:
1.ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى
201262134728b747d.jpg

2.ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى
53795.jpg

3.ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى
getimage.jpg

4.گىرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى
01200000033865116226364651541.jpg

5.فىرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى
202758054-954-2010-11-05 15-32-20.jpg

    يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتتۇق مانا مۇشۇنداق دۇنياۋى بىلەشمىلەر ئىچىدىن قانچىلىغان كوماندىلار بىر زامانلاردا بولىشىغا دەۋىر سۈرۈپ ھازىر خۇددى ھارغىنلىق يەتكەندەك بولۇپ ئۆز ئەسلىنى تاپالمايۋاتىدۇ.ھەقىقەتەنمۇ ئاسان ئەمەس رىقابەت ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى.ھازىر زەردارلىقىنى يوقاتماي ئويناۋاتقان ۋە يېڭى زەردارلىققا يۈزلەن كوماندىلارغا ئەمەس بۇرۇن ياۋروپانى زىل زىلگە سېلىۋەتكەن لېۋىرپولدەك كونا قېرى زەردەرلارغانوتتىنھام ئورمان كۇلۇبى،ئېۋىرتون كۇلۇبى دەك كونا كۈچلۈك كوماندىلارغا قاراپ باقساق بولىدۇ.يەنە ئىتالىيە ئا بىرلەشمىسىدىكى بوشاپ قېلىۋاتقان ئىنتىر مىلەن،رىم قاتارلىقلارمۇ بار.ئۇلار دەۋىر سۈرگەن دەۋىرلەر دە ئارىمىز دىكىلەردىن قانچىمىز كۆرگەن بۇ نامەلۇم لېكىن ناھايىتى ئاز.
      گەپنىڭ قىسقىسىغا كەلسەك،مەن ئۆزۈم بىر مادرىد مەستانىسى.شۇنداق بولسىمۇ ياۋروپادىكى بەش بىرلەشمە ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كونا ھالسىرىغان ،زەردارلىقىنى ئاز تولا يوقىتىپ قويىۋاتقان چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە بۇرۇنقىدەك چاقنىيالمايۋاتقان بەزى كوماندىلار ئۈستىدە ئاز تولا بىر نەرسە يېزىپ باقماقچى بولۇپ مۇنۇ تېمىغا تۇتۇش قىلدىم.قېنى ئەمسە 1-قىسىمدا ئۆزۈم مادرىتتىن باشقا ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئارسېنال كوماندىسىدىن باشلاپ كېتەي...................
   
                                                                  .........................

كۇلۇپ ئىسمى:ئارسېنال پۇتبول كۇلۇبى
ئېنگىلىزچە ئاتىلىشى:Arsenal FC
قاتنىشىدىغان دۆلەت بىرلەشمىسى ۋە تەۋەلىكى:ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى،ئەنگىلىيە لوندون شەھىرى شىمالى رايونى
قۇرۇلغان ۋاقتى:1886-يىلى                              a71ea8d3fd1f4134878394e5251f95cad0c85ef0.jpg

ساھىپخان مەيدانى:خەلىپە مەيدانى
سىغدۇرالايدىغان ئادەم سانى:60432ئادەم
كۇلۇپ خوجايىنى:ئەلشىر ئوسمانوف
ھازىرقى تېرىنىرى:ئارسېنا ۋىنگىر
كۇلۇپتا ئۆتكەن دۇنياۋى چولپانلار:زېررىي ھىنرى،پاترىك ۋېيرا
       2003-2004-يىللىرى ياۋروپانى تىترەتكەن بىر كوماندا بار .ئۇ ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ  بىر پەسىل يېڭىلمەسلىك رىكوتىنى يارىتىپ ئىنگىلاند بىرلەشمە چىمپىيونى بولغان.گەرچە بىرەر قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلىقىنى دەس كۆتۈرۈپ باقمىغان بولسىمۇ ،شۇ يوغان قۇلاقنى كۆتۈرگەنلەرنى خېلى قاغجىراتقان.ھېنرىدەك دۇنياۋى توپ ئۇرۇش ماشىنىسى دەل شۇ كوماندىدا چىمپىيونلۇق مۇسابىقىلىرىدە قارشى تەرەپ ۋارتاسىنى ئۆتمە تۆشۈك قىلىۋەتكەن.ئۇ دەل زەمبىرەك شاھى ،ئەسكەر ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى______ئارسېنال.
2217481703328.jpg

20111210080809643035.jpg

      ئارسېنال 1886-يىلى ئەنگىلىيەنىڭ لوندون شەھىرى ۋورۋىچ رايونى دېيىر مەيدانىدىكى ‹‹خان جەمەتى ئارسېنال ››قۇرال ياراق ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنىڭ بىر ئىشچىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان.1891-يىلى كەسپىي پۇتبول كۇلۇبى بولۇپ ئۆزگەرگەن.ھەمدە  ئىككى يىلدىن كېيىن پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە رەسمى قاتناشقان.1904-يىلى ئا دەرىجىگە ئۆرلەپ چىققان.لېكىن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن 1910يىلى ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان.كۇلۇپ ھىنرى.نولىس دېگەن كىشى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغاندىن كېيىن،ئىقتىساددا ياخشىىلانغان.1913يىلى لوندوندىكى خەيبورى مەيدانىغا كۆچكەن.1-دۇنيا ئۇرىشىدىن كېيىن ئا دەرىجە بىرلەشمىسىگە قايتقان.كۇلۇپ قۇرۇلۇپ1960-يىللارغىچە گۈللىنىش ۋە خاراپلىشىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن.
962bd40735fae6cd6384543f0eb30f2442a70fbf.jpg

f11f3a292df5e0fe4ad5785f5d6034a85fdf729b.jpg

      2-دۇنيا ئۇرىشىدىن كېيىن تام.خوتىكنىڭ باشچىلىقىدابىرلەشمە ۋە ئۇيۇشما لوڭقىسىدا ئىككى قېتىمدىن چىمپىيون بولغان.خوتىكنىڭ ئالەمدىن ئۆتىشى كۇلۇپنىڭ نەتىجىرىنى بارا بارا تۆۋەنلىتىۋەتكەن.تاكى1966-يىلىغىچە13يېرىم يىل ھېچقان لوڭقا ۋە نەتىجە ئېلىپ باقمىغان.1966-يىلىدىن كېيىن،كۇلۇپ  تېرىنىرى بېل.خۇەينت ئىستىپا بېرىپ،بېيتى.مېر كۇلۇپنى  قولىغا ئالغاندىن كېيىن تەدرىجى ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن.
48540923dd54564e946c49a5b3de9c82d058ccbf6c816f1c.jpg

    شۇنى ئالاھىدە ئېيتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇكى ھازىرقى ۋىنگىرنى ھىساپقا ئالمىغان ئارسېنال تارىخىدىكى تۇنجى ئەڭ مۇنەۋۋەر تېرىنىر بولساخېربېرت.چاپمەن.ئۇ ئارسېنالغا تۇنجى چىمپىيونلىقنىڭ ،لوڭقىنىڭ تەمىنى تېتىقان تېرىنىر.1925-يىلى ئۇ باش تېرىنىرلىقنى ئۈستىگە ئېلىپ 5يىلدىن كېيىن يەنى 1930-يىلى ئىنگىلاند ئۇيۇشما لوڭقىسىدا چىمپىيون بولۇپ،بايا دەپ ئۆتكەن چىمپىيونلىقنىڭ تەمىنى ئارسېنالغا تېتىتتى.بۇ ئارسېنالنىڭ تۇنجى لوڭقىسى بوپ قالدى.مانا بۇ ئاېرسېنالنىڭ 30 يىللاردىكى شانلىق دەۋرى.
9e010b5584d30d52b645aef6.jpg

9e010b5584d30d52b645aef6.jpg

       تۇنجى قوش شاھلىق
  70-يىللار كىرگەندىن كېيىنكى تۇنجى پەسىلدە ئارسېنىال تارىخى خارەكتىرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلدى.ئۇلار شۇ پەسىلدە بىرلەشمە چىمپىيونى ۋە ئۇيۇشما چىمپىيونى بولۇپ كۇلۇپ تارىخىدىكى تۇنجى قوش شاھلىقنى قولغا كەلتۈردى.ئەينى ۋاقىتتىكى ئارسېنالدا چارلىز.گوركىي،گوركىي.ئامۇستىردام،راي.كېننىدى ۋە كاپىتن فىرانىك.مىكلىنتوفتىن ئىبارەت كوزۇر توپچىلارمۇ بار ئىدى.ئارسېنال ئالدى بىلەن بىرشەھەردىكى قان رەقىبى توتىنھام رېس كوماندىسىدىن بىرلەشمە چىمپىيونلىقىنى تارتىۋالدى.كېيىن ۋېنبورىي دىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقتىدا لېۋىرپولنى بوغۇزلاپ ئۇيۇشما لوڭقىسىنى دەس كۆتۈردى.
   1986-يىلى گىئورگىي.گىراھام ئارسېنالغا مەشقاۋۇل بولدى.ئۇ 1980-يىللارنىڭ ئاخىرى1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئارسېنالنى تەڭداشسىز بويسۇندۇرۇش كۈچىگە ئىگە ئارسېنال قىلىپ چىقتى.دەل شۇ يىللار لىۋىرپولنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقان،مانچىستىرنىڭ بولسا تازا تەخىتكە چىقالماي يۈرگەن ۋاقىتلىرىدا ئارسېنال ئىنگىلاندنىڭ شاھىنشاھىغا ئايلاندى.1989-يىلى مەغلۇبىيەتنى غەلبىگە ئايلاندۇرۇپ بىرلەشمە چىمپىيونى بولغاندىن كېيىن ،1990-01مۇسابىقە پەسلىدە گىراھام ئارسېنالنى يەنە بىر قېتىم بىرلەشمە چىمپىيونلۇق ئورنىغا ئېلىپ چىقتى.ئەينى ۋاقىتتىكى داڭقى  بار تۈت كىشىلىك مۇداپىئە سېپىنىڭ تۈرتكىسىدە ئارسېنال پۈتۈن مۇسابىقە پەسلىدە  پەقەتبىرلا مەيدانن ئۇتتۇردى.
                                     ۋىنگىرنىڭ ئارسېنالغا كېلىشى
       گىراھام كۇلۇپتىن ئايرىلغاندىن كېيىن،ئارسېنال ۋاقىتلىق ئۆتكۈنچى دەۋىردە تۇردى.خوستون ۋە لىئوچ ئالدى كەينى بولۇپ كۇلۇپنى تۇتقان بولسىمۇ ئىككىلىسى ئۇزاققا بارالمىدى.1996-97مۇسابىقى پەسلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا،ئارسېنال كۇلۇپ تارىخىدىكى تۇنجى چەتئەللىك تېرىنىرنى كۈتىۋالدى.ئۇ دەل ئارسېنا.ۋىنگىر ئىدى.ۋىنگىر كېلىپ كېيىنكى پەسىل ئارسېنال ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم بىرلەشمە ۋە ئۇيۇشما لوڭقىسىنى ئالدى.ھەمدە2003-2004مۇسابىقە پەسلى بىر مەيدانمۇ يېڭىلمەي بىرلەشمە چىموپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ كۇلۇپ تارىخىدا رىكورت ياراتتى.
    6390975_005220205879_2.jpg

8gi0akni00d80005.jpg

                   قايتا گۈللىنىشنى كۈتۈش
    2006-يىلى 7-ئايدا ئارسېنال شانلىق دەۋىرگە شاھىت بولغان خەيبورىي مەندانىدىن خوشلىشىپ يېڭى مەيدانى بولغان زامانىۋى خەلىپە مەيدانىغا كۆچۈپ كىردى.يېڭى مەيدان مەستانىلەر ۋە كوماندىغا ياخشى مۇھىت،ئىلغار مۇلازىمەتلەرنى ئېلىپ كەلگىنى بىلەن كۇلۇپقا   ئىقتىسادىي بېسىم پەيداقىلىپ قويدى.گەرچە كۇلۇپ ھەريىلى ياۋروپا چىمپىيونلىقىنىڭ خېلى ئاخىرغىچە چېپىپ بارغان بولسىمۇ يەنىلا لوڭقىسىز قالدى.2007-يىلدىن2011-يىلغىچە 2قېتىم ئىنگىلاند بىرلەشمە لوڭقىسى ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرگەن بولسىمۇ كىچىككىنە پەرق بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويۇپ لوڭقا كۆتۈرۈشكە ئامالى بولمىدى.
    2011-يىلى كۇلۇپنىڭ يادرولۇق توپچىسى فابرىگاس بىلەن ناسرى ئايرىم ئايرىم بارسېلونا ۋە مانچىستىر شەھرىگە يۆتكىلىپ كەتتى.كىلەركى يىلى ۋان پېرسى ۋە سوڭمۇ مانچىستىر ۋى بارسېلوناغا يۆتكىلىپ كەتتى.ۋىنگىرنىڭ تاكتىكا قۇرۇلمىسى قايتا قۇرۇشقا دۇچ كەلدى.ئەمدى ھەقىقەتەنمۇ قايتا قۇرۇپ چىقمىسا بولمايدۇ.ئارسېنال ئەمدى قايتا بىر قۇرۇلۇشقا بەكمۇ موھتاج.توپچىلىرىنى بۇنداق سېتىپ تۈگەتسە تېخىمۇ بەك تۈگىشىشى مۇقەرەر.
003.jpg

12942476623008470270.jpg

anyouhui13921350ae1d77eb27d.jpg

     ئاخىرىدا ئارسېنالنىڭ ئىسمى جىسمىغا لايىق كۇلۇپ گىربىگە لايىق زەمبىرەكچىلەر قوشۇنى بولۇپ چىقىىشىنى ھىنرى جاھان سۈرگەن دەۋىرلىرىگە يەنە قايتىشىنى بەكمۇ ئۈمۈد قىلىمەن.ئالغا ئارسېنال.سەن ھەقىقى بىر مەدەنىيەتلىك ئېسىلزادىلەرگە خاس كۇلۇپ.تۆۋەندىكى بۇ ناخشىدىن ھوزۇرلانغايسىلەر شۇنداق قىلىپ ‹‹ياۋروپادىكى ھالسىرىغان زەردارلار››دېگەن تېمامنىڭ 1-قىسمىنى ئوڭۇشلۇق تۈگەتتىم.خاتا يەرلىرى بولسا مۇنبەردىكى قېرىنداشلىرىم تەلىم بەرگەي.ئىنكاسلىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.
         




9e010b5584d30d52b645aef6.jpg
132340229134936.jpg
201002062109579ad50.jpg
none-02-03-lfp-french-league-patch.gif
962bd40735fae6cd6384543f0eb30f2442a70fbf.jpg
201002062109579ad50.jpg
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى تۆھپە شۆھرەت تەجرىبە يىغىش سەۋەبى
پارتىزان + 50 + 5 + 5 + 5 ئېسىل تېمىلىرىڭىز ئۈز.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50  تۆھپە + 5  شۆھرەت + 5  تەجرىبە + 5   باھا خاتىرىسى

59

تېما

11

دوست

1707

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11721
يازمىسى: 1707
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 50651
تۆھپە: 1726
ۋاقتى: 284
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 19:54:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ مەن تىما يازسام كىرگۈزگەن رەسىم دائىم تېگىگە چىقىدۇ ، باشقىلار يازسا نىمىشقا بۇنداق بولمايدۇ ؟
بارسىلونا،مادىرىت ھەمىىدىن نوچىسى شۇ !!

كۆرۈنگەن تاغ يىر

123

تېما

9

دوست

995

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11812
يازمىسى: 995
نادىر تېما: 2
ياۋرۇ: 55057
تۆھپە: 1301
ۋاقتى: 693
h
ھالەت

تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 20:04:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تېما !!! ئاخىرىنى ساقلايمىز !!!

ئاكاڭ كىمتى ؟؟؟؟

152

تېما

2

دوست

4913

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8401
يازمىسى: 4913
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 53475
تۆھپە: 1138
ۋاقتى: 2327
h
ھالەت

يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 20:06:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
messi-10 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-3 19:54
مۇشۇ مەن تىما يازسام كىرگۈزگەن رەسىم دائىم تېگىگە چىقى ...

رەسىمنى ئۆزىڭز نەگە قستۇرسىڭز شۇ يەرگە چىقارغلى بولدۇ ،،تېما يېزىپ رەسىم قىستۇردىغان ۋاقىتتا ئامال بار بىر قۇر تاشلىۋىتپ رەسىم قىستۇرسىڭز رەسىم ياخشى چىقدۇ ،،
چۆپچى ئادەم شالتاق يالسىمۇ ،گۆش پۇرغاندەك خوش بولدۇ:

ئاكاڭ كىمتى ؟؟؟؟

152

تېما

2

دوست

4913

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8401
يازمىسى: 4913
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 53475
تۆھپە: 1138
ۋاقتى: 2327
h
ھالەت

يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 20:11:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارسىنال 21-ئەسىردە ھىنرى بار ۋاقىتدا ئەڭ گۈللەنگەن يۇقىرى پەللىگە چىققان ۋاقتىلرى ،،،ھىنرى ئارسنالدا نام چىقارغان ۋاقتتا دائىم دۆلىتمىزدىكى داڭلىق تەنتەربىيە ۋاستلىرنىڭ تەكلىپگە بنائەن دۆلتىمزگە كېلىپ نەق مەيدان پائالىيەتلىرگە قاتنشار ئىكەندۇق ،،،،،مەن مۇشۇ ھىنرى بار ۋاقىتتىن باشلاپ ئارسنالنمۇ ياقتۇراتىم ،،،،ئارسىنالنىڭ ھىنرىنىڭ ھەيلكىلنى خەلپە مەيدانغا تىكلىشى كىشنى تولىمۇ سۈيۈندۈردۇ ،،،
چۆپچى ئادەم شالتاق يالسىمۇ ،گۆش پۇرغاندەك خوش بولدۇ:

59

تېما

11

دوست

1707

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11721
يازمىسى: 1707
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 50651
تۆھپە: 1726
ۋاقتى: 284
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 20:22:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چېمپىئون يوللىغان ۋاقتى  2013-6-3 20:06
رەسىمنى ئۆزىڭز نەگە قستۇرسىڭز شۇ يەرگە چىقارغلى بولد ...

پەقەت چۈشەنمىدىم
بارسىلونا،مادىرىت ھەمىىدىن نوچىسى شۇ !!

ئاكاڭ كىمتى ؟؟؟؟

152

تېما

2

دوست

4913

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8401
يازمىسى: 4913
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 53475
تۆھپە: 1138
ۋاقتى: 2327
h
ھالەت

يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 20:40:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
messi-10 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-3 20:22
پەقەت چۈشەنمىدىم

مۇنبەردە بۇرۇن بىرسى مەخسۇس تېما يوللاش قوللانمىسنى رەسىملىك قىلپ تېما يوللىغان ،،بەك بىملىسڭز شۇ تېمنى كۆرۈپ چىقىڭ دوستۇم   
چۆپچى ئادەم شالتاق يالسىمۇ ،گۆش پۇرغاندەك خوش بولدۇ:

ھەق يولىدىن ئۆزگ

560

تېما

3

دوست

7539

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8221
يازمىسى: 7539
نادىر تېما: 4
ياۋرۇ: 9065811
تۆھپە: 1990
ۋاقتى: 1230
h
ھالەت

يازما يوللاش ئۇستىسى مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 20:40:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خان مادرىت ،مانچىستىر بىرلەشمىسى،بارسىلونا كوماندىلىرىنى ھالسىرغان كوماندىلا قاتارىغا چىقىرۋىتىش بىر ئاخمىقانىلىق.مادرىت گەرچە چىمپىيۇن بولمىسىمۇ ئۇدا 3 يىل بولدى ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇقنىڭ ئالدىنقى 4نىڭ ئىچىگە كىرىۋاتقىلى. ئۇلا ھەر يىلى لوڭقا تەمىنى تىتىپ تۇرىدۇ.بۇ پەسىلمۇ دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى ئالدى.بارسىلوناغا بىر قىتىممۇ ئۇتتۇرمىدى.بىرلەشمىدە 2-بولدى.دۇنيا كۇلۇپلانىڭ رەت تەرتىپىدە3-ئورۇندا تۇردى.مانچىستىر بىرلەشمىسىمۇ گەرچە ئۇزغۇنلۇقتا 16كۈشلۈكتە توختاپ قالغان بولسىمۇ ئەمما بىرلەشمىدە چىمپىيۇن بولدى.رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن بولغان كۈشلۈكلە كۆپ بولغان ئىنگىلانت بىرلەشمىسىدە چىمپىيۇن بولۇش ئاسان ئەمەس.بارسىلونا يىللاردىن بىرى ياۋرۇپانى سوراپ كەلگەن بۇ پەسىل بەيرىن تەرىپىدىن شاللاندى.لىكىن ئۇلا يەنىلا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ بۇ پەسىللىك چىمپىيونى.

ھەق يولىدىن ئۆزگ

560

تېما

3

دوست

7539

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8221
يازمىسى: 7539
نادىر تېما: 4
ياۋرۇ: 9065811
تۆھپە: 1990
ۋاقتى: 1230
h
ھالەت

يازما يوللاش ئۇستىسى مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 20:43:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھالسىرغان زەردارلانى مەن دەپ بىرەي...1-دەرىجىلىك ھالسىرغان كوماندا ئىتالىيە ئىنتىر مىلەن كوماندىسى. ئاندىن قالسا ئىنگىلانت لىۋىرپول كوماندىسى.ئاندىن قالسا ئاس مىلەن. ئارسىنال. قالغانلىرى ھىلىمۇ ئەڭ كۈشلۈك كوماندىلا قاتارىدىندۇر....

بارسىلونا ھۇررا

19

تېما

0

دوست

441

جۇغلانما

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12690
يازمىسى: 441
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 51426
تۆھپە: 465
ۋاقتى: 93
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 20:49:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا  ، بۇرۇن مەن پۇتبول كۆرمەيدىغان ۋاقىتلاردا كىچىق ۋاقتىمدا ئارسىنالنىڭ نامى  ھەممە يەرگە تارقالغان ئىدى .. ھازىر ئۇلار توپچىللىىنى سىتىۋىتىپ خىلىلا ھالسىراپ قالدى
بىز-مىللەت تۇيغۇسى سۇس، يۇرتۋاز خەلق.مانا بۇ- بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىز!

59

تېما

11

دوست

1707

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11721
يازمىسى: 1707
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 50651
تۆھپە: 1726
ۋاقتى: 284
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 21:01:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چېمپىئون يوللىغان ۋاقتى  2013-6-3 20:40
مۇنبەردە بۇرۇن بىرسى مەخسۇس تېما يوللاش قوللانمىسنى  ...

ئېسمى نىم بولغۇيتى شۇ تىمىنىڭ
بارسىلونا،مادىرىت ھەمىىدىن نوچىسى شۇ !!

3

تېما

9

دوست

363

جۇغلانما

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12369
يازمىسى: 363
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 80825
تۆھپە: 715
ۋاقتى: 151
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 21:20:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈكسەل يوللىغان ۋاقتى  2013-6-3 20:40
خان مادرىت ،مانچىستىر بىرلەشمىسى،بارسىلونا كوماندىلى ...

مەن مادرىت بارسېلونا مانچىستىرلارنى  ھالسىرغان كوماندا دېمىدىم ساراڭ ئادەممۇ ئۇنداق دېمەيدۇ .بىرئوبدان ئويناۋاتقان زەردارلار ئۇ.خااتاچۈشىنىۋاپسىز ياكى ياخشى ئوقۇماپسىز تېمىنى .مەن  لېۋىرپول.ئارسېنال ،رىم قاتارلىق كوماندىلارنى دېمەكچى ھەم يازماقچى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号-1 )