- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7672
- نادىر
- 17
- يازما
- 7672
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-2 23:18

ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى لېۋېپولدا توپ تېپىدىغان ئۇرۇگۋايلىق داڭلىق ھۇجۇمچى سۇئارېزنىڭ بۇ يەردىن پۈتۈنلەي كۆڭلى سوۋۇپ كەتتى .سەۋەبى ،ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرى سۇئارېزنى قىلچە ھۆرمەتلىمىدى .كەينىدىن نۇرغۇن گەپ تاپتى .توختىماي سۇئارېزنى سۆكىدىغان گەپلەرنى قىلىشقا باشلىدى .سۇئارېزنىڭ توختىماي توپ ئۇرغىنىنى ،مەيداندىكى قالتىس ماھارەتلىرىنى ئۇنتۇپ قالدى .يەنى ،« ئادەم چىشلەيدۇ » « يالغان يىقىلىدۇ » « باشقىلارنىڭ مىللىتىنى كەمسىتىدۇ » ..........
مۇتلەق كۆپ ساندىكى توپ مەستانىلىرى كوماندىدىكى بىرىنچى نۇمۇرلۇق بۇ مەرگەننىڭ كېتىشىنى قەتئى خالىمايدۇ .بىراق ئاخىردا بۇ توپچنىڭمۇ سەۋىر-تاقىتى توشتى ،ھەمدە ئېنگىلاندنى شۇلارغا تاشلاپ بېرىپ لېۋېرپولدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى .شۇنىڭ بىلەن بەزى مۇتئەسسىپ لىۋېرپول توپ مەستانىلىرى سۇئارېزنىڭ 7-نۇمۇرلۇق كىيىمىنى كۆيدۈردى .ئىگىلىنىشچە ،سۇئارېزنىڭ ھازىرقى يۆتكىلىش باھاسى 40 مىليون فوند سىتىرلىڭ بولۇپ ،ھەتتا ئەينى چاغدا لېۋېرپولدىن چېلىسغا يۆتكەلگەن تورېسنىڭ 50 مىليون باھا رېكورتىنى بۇزۇپ قويۇش ئېھتىمالى باركەن .
خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە ،سۇئارېزنىڭ كېيىنكى بېكىتى خان مادرىد ياكى بايرىن مىيۇنخىن بولۇپ قېلىشى مۇمكىنكەن .
 |
|