akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1211|ئىنكاس: 38

==گېرمانىيە «ئۈچ لوڭقا شاھى» تەزكىرىسى==[ئوغلانى]

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوغلانى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-3 03:20  



  بۈگۈن....گېرمانىيە تارىخىدىكى تۇنجى «ئۇچ لوڭقا شاھى»  گېرمانىيە پايتەختى بىرلىن شەھرىدە مەيدانغا كەلدى! 50 يىللىق گېرمانىيە بىرلەشمىسى شۇنداقلا بۇ  پەسىللىك مۇسابىقىلەرنىڭ ئاخىرىغا چوڭ ئۈندەش بەلگىسىدىن بىرى قۇيۇلدى. پىشقەدەم  سانغۇن ھايىنكىس ئۈچۈنمۇ ئۇنتۇلغۇسىز ئايرىلىش مىنۇتلىرى بۇلۇپ  قالدى.......بۇ نەتىجىلەرنىڭ ئارقىسىدا ئەلۋەتتە قان-ياشلىق بەدەللەر  بار! بۇلار ھەرگىزمۇ ئاسان  قولغا  كەلگەن ئەمەس...تېخى  بىر  يىلنىڭ ئالدىدىلا نۇرغۇن «كىشىلەر» بايرىن مىيونخېننى «ئۈچ  كۈمۈش شاھ»  دەپ  مەسخىرە قىلىشقان ئىدى..ئەمما مىيونخېنلىقلارنىڭ تىز  پۈكمەس  روھى ئۇلارنى ئاغزىنى  چىڭ  يۇمۇشقا  مەجبۇر  قىلدى! ئۇلار ئاخىرى بىر  رىۋايەتلىك تارىخى دەۋرنى ياراتتى!
  




بۇ  پەيىتلەرنىڭ ئالدىدا،  بايرىن مىيونخېن مەستانىلىرىنىڭ  زادىلا ئىسىدىن چىقمايدىغان پەسىل دەل ئۆتكەن يىلى ،يەنى 2012-يىلى ئىدى...
ئالدىنقى  پەسىل مۇسابىقىلەر ئاياقلىشىشتىن  بۇرۇن ، بايرىننىڭ دەل  مۇشۇنداق «ئۈچ  لوڭقا  شاھى»بۇلۇپ تارىخ يارىتىشى كۆزگە كۈرۈنۈپلا قالغان ، ياۋرۇپا ئۇزغانلىق ھەل  قىلغۇچقا  بۆسۈپ  كىرگەن،گېرمانىيە لوڭقىسىا  ھەل  قىلغۇچقا  كىرگەن، بىرلەشمىدىمۇ چېمپىيۇن بۇلۇش مۇمكىنچىلىكى  زور  ئىدى. ئەمما  ئاخىرقى بىر  ئاي  ئىچىدە مىيونخېنلىقلارنىڭ ئارزۇ -ئۈمىدلىرى  بىر -بىرلەپ ئۇچۇپ كەتتى!قاباھەتلىك بىر  ئاي ، مىيونخنلىقلارنى قارا باسقان ، ۋەھىمىلىك چۈش  كۆرىۋاتقاندەك ھالەتكە ئەكىلىپ  قويدى...ئاۋۋال بىرلەشمىدە چېمپىيۇنلۇقنى بەلگىلەيدىغان گېرمانىيە دېربىيسىدا دورتمونغا ئۇتتۇرۇپ تۇنجى لوڭقىدىن يىراقلاشتى،ئارقىدىنلا  يەنە  گېرمانىيە لوڭقىسىدا ئوينالغان يەنە  بىر  مەيدان دېربىيدا رەقىبى  دورتمونغا يەنە لوڭقىنى تارتقۇزۇپ  قويدى.ئەڭ ئەپسۇسۇلىنارلىقى ، ياۋرۇپا ئۇزغانلىق ھەل  قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە رەقىبى چىلىسىغا نوقتا توپتا ئۇتتۇرۇپ  قۇيۇپ بىر  مەھەل مەڭدەپ  قالدى...
بۇ قاباھەتلىك چۈشمۇ؟ ياق...بۇ رىئاللىق ئىدى! پىشقەدەم سانغۇن تۇنجى يىلى «ئۈچ  كۈمۈش شاھ»  دىگەن نامنى ئېلىۋالغان ئىدى...شۇنىڭدىن كىيىنكى  نەچچە  كۈندە بۇ  پىشقەدەم سانغۇن زادىلا ئۇخلىيالمىدى، قانداق قىلىش  كىرەك ؟ شۇنچىۋالا مۇسابىقە  تۈرلىرىدە ئەڭ  ئاخىرقى مەيدانغىچە بۆسۈپ كىرىپ ، ئاخىردا يىقىلىپ  چۈشۈش ھەركىمگە تەس  كىلىدۇ...توپچىلارنىڭ پىسخكىسىمۇ ئېغىر ھالدا  تەۋرىنىپ كەتتى..يەنە  شۇنداق  مىنۇتلار  كىلەرمۇ؟ ئار-نۇمۇسنى يۇيۇش  مۇمكىنمۇ ؟؟؟؟
پىشقەدەمنىڭ چاچلىرى تامامەن ئاقىرىپ كەتتى...ئۇ  پۈتۈن  بىر  پەسىللىك مۇسابىقە لىنتىسىنى كۆتۈرۈپ ئەكىلىپ، ئۆتكەن ھەربىر مۇسابىقىنى ، ھەربىر توپچىنى بىر-بىرلەپ ئاپىراتسىيە قىلىشقا  باشلىدى... ئۇ بۇ  قىلىۋاتقانلىرىنىڭ زادى  قانچىلىك ئۈنۈم  بىرىدىغانلىقىنىمۇ ئېنىق  بىلمەيتى...ئەمما  شۇنىسى ئېنىق ئىدىكى ئۇنىڭغا ھار كەلگەن ئىدى!
  ئاقىۋەت،  بايرىن مەستانىلىرى بايرىندا بۇلىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى كۇنسايىن ھىس قىلىشقا  باشلىدى، مۇداپىيەدىكى پۇختىلىق ، ھۇجۇمدىكى ئۆتكۈرلۈك ، كوللىكتىۋىزىملىق روھ مەستانىلەرنىڭ كۆز  ئالدىدا نامايەن بولماقتا ئىدى.ئۇلار ھىچقانداق  بىر  چۈشكۈن قۇشۇنغا ئوخشىمايتى!دەرھەقىقەت ، ئاخىرى مۆجىزە يۈز  بەردى...بايرىن  مىيونخېن بۇ  پىشقەدەم  سانغۇننىڭ  يىتەكچىلىكىدە يۈز يىللىق چۈشىنى ئەمەلگە  ئاشۇردى!ھاينكىس بايرىن تارىخىدىكى ئەڭ ھۆرمەتلىك مەشقاۋۇل  سۈپىتىدە  بايرىن تارىخىدىن ئورۇن ئالدى...ئەمما سانغۇن ئەزمەتلىرىدىن ئايرىلىدىغان  بولدى...ئايرىلغاندىمۇ بايرىن مىيونخېن تارىخىدا ھىچكىم قىلالمىغان  بىر بۈيۈك ۋەزىپىنى  تاماملاپ ، ئۆز  سىماسىنى  دۇنيادىكى  بارلىق توپخۇمارلارنىڭ قەلبىگە  چوڭقۇر ئورنىتىۋېتىپ، يەنە  شۇ مىھرىبانە كۈلكىسى  بىلەن ،قەددىنى  رۇسلاپ مىيونخېندىن ئايرىلدى....ھايىنكىس ،مىيونخېن توپچىلىرى  ۋە مەستانىلىرىنىڭ يۈرىكىدە ئەڭ  چوڭ ئابىدە بۇلۇپ مەڭگۈ ساقلانغۇسى! ئامان بولغىن پىشقەدەم سانغۇن!!


گېرمانىيە پۇتبول ئاتىسى بىكىباۋۇر ، بۇ  پەسىللىك  بايرىن كوماندىسىنى گېرمانىيە  تارىخىدىكى ئەڭ كۈچلۇك بايرىن  قۇشۇنى دەپ  تەرىپلىدى. ئۇنىڭ  قارىشىچە گەرچە بايرىن 70-يىللاردا ئۇدا 3 قېتىم ياۋرۇپا چېمپيۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيۇنى  بۇلۇپ شانلىق  دەۋىر  ياراتقان بولسىمۇ، ئەمما  ھازىرقى  بايرىن  يەنىلا ئۇ دەۋىردىكى  بايرىندىن كۆپ ئېشىپ چۈشىدىكەن. ھەقىقەتەنمۇ بايرىن  مىيونخېن بۇ  پەسىلدە  زور  ئۇتۇقلارغا  ئىرىشتى.پەقەت  بوشاشماس  روھ  بولغاندىلا ئاندىن مانا  مۇشۇنداق  زور  شان-شەرەپلەرگە نائىل بولغىلى بولىدۇ -ئەلۋەتتە!

ئەنە شۇ  بوران -چاپقۇنلارنى بىر  قۇر ئەسلەتمە قىلايلى-------------------------------------



بۇ يىللاردا ،بۇ پاينەكباش چولپان ئىزچىل باش رولچى ...ئۇمۇ  ئازاپ ۋە ھالاۋەتنى ئوخشاشلا تېتىدى..
بۇ دەقىقىدە ئۇنىڭ كاللىسى توختاپ قالدى...كۆز  ئالدىدا دۈگىلەك-دۈگىلەك چەمبەردىن باشقا ھىچنىمنى ھىس قىلالمىدى




بۇ دەقىقىدە بولسا،ئۇنىڭ  كاللىسى يەنە توختاپ قالدى!كۆز  ئالدىنى ئىسسىق ياشلار قاپلىۋالدى...ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئاغزىدىن چىققىنى ، ئۆزىمۇ  تۇيمىغان ھالدا « تەڭرىم!  ئاھ  تەڭرىم ....خۇدا!!» دىگەن سۆز  ئىدى..ئۇنىڭ شۇۋاقىتتا دەل  مۇشۇ سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى ئاخباراتچىلار ئېلان قىلدى................





بۇ پەيىت ، بەلكىم مەستانىلەرنىڭ ئىسىدە  بولسا  كىرەك...روببىن  بىرلەشمە چېمپىيۇنلىقىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم دېربىيدا ،دورتمونغا ئەڭ ھالىقىلىق نوقتا توپنى ئۇرالمىدى، دورتموند بىكى سوبودىچ ئازاپلانغان روببىنغا قاراپ قاتتىق ھۆركىرىدى..




بۇ پەيىتتە، سوبودىچ روببىننىغا قاراپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇشتىن  باشقا ئامال  قىلالمىدى...





بىر قاققا-بىر  قاق! ئەينى ۋاقىتتىكى مەنزىرىنى ئىسىدە چىڭ ساقلاپ  كەلگەن بوئاتىڭ، بۇ  ھۆركىرەشنى سوبودىچقا قايتۇرۇپ بەردى...




بۇ پەيىتتە لام قانچىلىك ئازاپلانغان .......







ئەمما لام يەنىلا ھەيۋەت بىلەن نەرە  تارتالىدى...ئوغۇل بالا يىقىلغان يىرىدىن قۇپۇش كىرەك..






كوماندىنىڭ  روھى تۈۋرىكى...ئەمما ئۇمۇ ئوخشاشلا  بىر  ئىنسان، ئۇنىڭدىمۇ ئېچىشىدىغان يۈرەك بار....مەستانىلەرگە يۈز كىلەلىمىگەنلىكىدىن ئېچىشقان يۈرەك!







مەستانىلەرگە  قايتۇرۇلغان ئەڭ  ياخشى  جاۋاپ...








كۈمۈش مىدال ئالغىلى ماڭغانلار.........




ئالتۇن مىدال يەنىلا تىرىشقاندىلا جۇلا قىلىدۇ..



يەنە  بىر  كۈمۈش مىدال ........بۇ  دەقىقىدە  لام بۇ  لوڭقىنى  بىر  يىلدىن  كىيىن قايتۇرۇپ كىلىدىغانلىقىنى ئويلىغان بولغىيمىدى؟



دەر ھەقىقەت ! لوڭقا  قايتىپ كەلدى...« غەلبە  تىرىشقانلارغا مەنسۇپ!»





قايغۇرما  دوستۇم....بىز  يەنە  كىلىمىز...




بۇ ئىككى كاپىتان ھەقىقەتەن دىگىنىنى  قىلالىدى....






ئازاپ...يەنە  ئازاپ.....................






ئازاپلاردىن كىيىنكى ھالاۋەت تولىمۇ تاتلىق  بولسا  كىرەك...







مەستانىلەر.....بۇ دەقىقىلەرگە ئىنتىزار ئىدى...ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس...





بۇلار ئاخىرى كۈلدى....غەلبە جىلۋىسى...










بۇ يىل  سىلەرگە  مەنسۇپ بايرىن مىيونخېن ئەزمەتلىرى...سىلەرنىڭ بوشاشماس  روھىڭلار  بىزنى ھەقىقەتەن قايىل  قىلدى...بىز  سىلەرگە ئوخشاشلا پەخىرلەنمەكتىمىز...دۇنيا پۇتبول  مەستانىلىرىمۇ سىلەرگە  ئوخشاش تىز  پۈكمەس ئەزمەتلەرنىڭ چىملىق مەيداندا  بولغىنىدىن خوشاللىق ھىس  قىلىشىدۇ..سىلەرگە ئاپرىن ئېيىتىدۇ. سىلەر دۇنيا پۇتبولچىلىقىنىڭ  ئۆچمەس بايلىقى...داۋاملىق غەلبە  يار بولسۇن !



باھالاش

قاتناشقانلار سانى 5مۇنبەر پۇلى +250 تۆھپە +10 شۆھرەت +10 تەجرىبە +20 يىغىش سەۋەبى
پارتىزان + 50 + 10 قالتىس!
zidanni005 + 50
رىقابەت + 50 قالتىس!
بارچۇق + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس!
dilmurat. + 50 ئىسىل تېما

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-2 14:48:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ئەڭ ئىچىم ئاغرىيدىغىنى ھاينىكىس....
بەيرىن يۇقۇرى قاتلىمىدىكىلەر يەنە ئۇنىڭدەك كوماندىنى مۇكەممەل تۇتىدىغان بىر تېرىنىر تاپمىقى تەس... گو سۇمبۇل بۇنىڭ ئىزىنى مەڭگۈ باسالمايدۇ... بەيرىن رەھبەرلىرى ئۆزىنىڭ قارارىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانمىدۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-2 14:50:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ تىماڭنى ساقلاپ ئولتۇرغىنى خىلى بولغان ئىدى ئوغلانكا .
ئوتتۇرلۇقتىكى بىرنەچچە رەسىمنى كۆرەلمىدىم بولسا قايتا بىر تەھرىرلەپ قويغىن .
مۇبارەك بولسۇن 3شاھ . مۇبارەك بولسۇن ھايكىنىس . . . قۇربانلىق بولۇپ كەتكەن بولسڭمۇ گەرچە ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-2 14:50:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ  مۇزىكا تۈگىشىگە ئوقۇپ بولدۇم دېسە     راسلا ، راسلا كىم بىلسۇن بەيرىننىڭ بۇ يىل بۇنداق ئېچىلىپ كىتىشىنى ؟ بەيرىن مەستانىلىرى يەنە بىر قېتىم مۇبارەك بولسۇن ... كىلەر يىلى يەنە كۆرۈشىمىز ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-2 14:52:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئىسىل تىما بوپتۇ ھەم تەسىرلىك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-2 14:57:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بۇلسۇن بەيرىنلىقلا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-2 14:57:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەرەپشان يوللىغان ۋاقتى  2013-6-2 14:48
ھازىر ئەڭ ئىچىم ئاغرىيدىغىنى ھاينىكىس....
بەيرىن يۇقۇرى ...

ئاخشامقى مۇسابىقىدىن  كىيىن رەئىس رۇمنىگى ھايىنكسنى ئۇزۇن -ئۇزۇن قۇچاقلاپ تۇرۇپ  كەتتى...بەلكىم ھىس  قىلغاندۇ....

ساممىرنىڭمۇ تۆھپىسى ئاز  ئەمەس. ئاخشام ئاخىردا بايرىن  2-توپنى  يىگەندە ساممىر ئۇرۇندۇقنى بوكىس خالتىسى قىلىۋەتتى. كىلوپ بىلەن بۇرۇن  نۇقۇشقان پاينەك شۇ...
  ھەي...ئىسىل  ئادەملەر ئىدى-دە...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-2 14:59:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي  بەخىت يار بولسۇن..مۇزىكا ھەقىقەتەن تەسىرلىك ئىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-2 14:59:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلكەش يوللىغان ۋاقتى  2013-6-2 14:50
مۇشۇ تىماڭنى ساقلاپ ئولتۇرغىنى خىلى بولغان ئىدى ئوغلا ...

بۇرۇن ...بايرىن تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك مەشقاۋۇل شىسفرىد ھىساپلىناتتى...مانا  ئەمدى ھايىنكىس ئۇنىڭ  ئورنىغا چوڭ ئابىدىدىن  بىرنى  تىكلەپ قويدى.....ئەمما  ھىچكىم ئۇنىڭغا  قىيمىدى...بەلكىم بايرىن يۇقىرى قاتلىمى خاتالاشقاندۇ...ياكى ئۇنداقمۇ بولمىغاندۇ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-2 15:02:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھايىنكىس مادرتنىڭ ئەڭ ياخشى نامزاتى ئىدى . گۇئادىئۇلانىڭ قانداق تېرىنىر ئىكەنلىكى ئىسپاتلىندىغان پەيىتلەر يىتىپ كىلىشكە ئاز قالدى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-2 15:05:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
messi-10 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-2 14:50
ماۋۇ  مۇزىكا تۈگىشىگە ئوقۇپ بولدۇم دېسە     راسلا ، ر ...

ناخشا  تۈگىگىچە  تېما  بىلەن  ئىنكاسلارنى  قوشۇپ  ئوقۇپ  بولدۇم  .....  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-2 15:07:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككىنچى بولغان كوماندا چىمپىيوندىن پەقەتلا بىر كوماندىنى ئاز ئۇتقان كوماندا . لېكىن ئىككىنچى بولغان كوماندا بىلەن ئەڭ ئاخىردا قالغان كوماندىنىڭ پەرقى يوق . ئىككىنچى بولسا ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەيدىكەن. ئۇنىڭ شۇ ئىككىنچى بولغان پەسلىگە مەغلۇبيەتلىك پەسىل دەپ تامغا بېسىلىدىكەن. ئىككىنچى بولغاننىڭ پەقەت ئەتىۋارى يوقكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 14:41

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش