- تىزىملاتقان
- 2011-1-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 515
- نادىر
- 4
- يازما
- 515
|
]ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم پۇتبول مۇنبىرىدىكى ئەزىز دوسلار كەمىنە تاڭنۇردىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام ئۇزۇن ۋاقىتلار بولۇپتۇ ئالدىراشچىلىقتا مۇنبەرگە تېما يولىمىغىلى بۈگۈن سىلەرگە يېڭى بىر خوشخەۋەر ئېلىپ كەلدىم ،
بۆرتالا شەھىرىدىكى پۇتبولخۇمار قولىغۇچىلارنىڭ قوللىشى ھەر ساھە زاتلارنىڭ ، ساخاۋەتچى تىجارەتچىلەرنىڭ ياردىمى ئاستىدا رەپقەت ئەپەندىمنىڭ باش بولۇپ تەشكىلىشى ئاستىدا ‹ بۆرتالا ئوبلاستىلىق پۇتبولچىلار جەميىتى › قۇرۇلدى ،
پۇتبولچىلار جەميىتى قۇرۇلۇپ پۇتبولغا بولغان ئىشتىياقى كۈچلۈك ئۆسمۈرلەرگە يىشىل چىراق يېقىلدى ، رەپقەت ئەپەندىمنىڭ نىشانى ئۆسمۈرلەردىن تەشكىلەنگەن مۇنتىزىم كوماندا قۇرۇش ، ھەم ئوخشىمىغان ياشلىق ئۆسمۈر ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىپ مۇنتىزىم مەشىلەندۈرۈش ئۆسمۈرلەرنىڭ كەلگۈسىگە ئۇل سېلىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار لىكىن جاپالىق ۋەزىپىدۇر ، مەن رەپقەت ئەپەندىمنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق داۋاملىشىشنى ئۈمۈت قىلىش بىلەن بىرگە پۇتبولغا ئىشتىياقى بار ئۆسمۈرلەنىڭ ئاتا ئانىلىرىنىڭ رەپقەت ئەپەندى بىلەن ئالىقىلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ بېقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ،ئاخىرىدا رەپقەت ئەپەندىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ بۇ ئىشنىڭ رۇياپقا چىقىشىغا ياردەم بەرگەن دوس بۇرادەرلىرىگە رەھمەت ئېتيىش بىلەن بىرگە ئۆسمۈرلىرىمىز ئۈچۈن بېسىلغان بۇ يولدا رەپقەت ئەپەندى بىلەن بىرگە تۇرۇشنى ئۈمۈت قىلىمەن !
ۋاقىتنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا بۇ خەۋەرنى ۋاقتىدا يولىيالمىدىم ئەپۇ قىلىڭلار !
مەنبە-- خەيرۇللا قۇربان ‹ تاڭنۇر › |
|