- تىزىملاتقان
- 2010-8-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1700
- نادىر
- 0
- يازما
- 1700
|
ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن باللار گاۋ تۇڭگاننى تىللىغان، ئەمما بىر گەپنى دىسەم گاۋ تۇڭگان كوماندىنى ياخشى تەشكىللىگەن بۇنىڭغا كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ. مەيلى ھەر قانداق بىر كوماندىغا قانداق بىر دۆلەتتىن مەشقاۋۇل ئىلىپ كەلسۇن ئۇ مەشقاۋۇل پەقەت ئىلگىرى تۇتقان كوماندىلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ كەمچىللىكلىرىنى تولۇقلاپ ئۆزىنى تونۇتۇشقا تىرشىدۇ لىكىن ئەمەلگە ئاشمىسا ئاستا ئورۇننى بوشتىسا بولىدۇ. ئەگەر نەتىجە قازىنىمەن دەيدىكەن چوقۇم شۇ تۇتقان كوماندىسىنىڭ ئەمەلى ئاساسىنى چۈشەنگەن ھالدا تاكتىكا ئۆزگەرتىش ئىلىپ بېرىشى كېرەك. بۇنداق بولمىغاندا ھەرقانچە دۇنياۋى مەشقاۋۇلنى ئەكەلگەن تەقدىردىمۇ كوماندىنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىنى چۈشەنمىسە ئۇ چاغدا ھەممىسى بىكار. ھازىرقى دۆلەت كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى كوماچوۋنى مىسالغا ئالساق: 1. ئۇ جۇڭگۇ كوماندىسىنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىنى چۈشىنىشى يىتەرلىك ئەمەس بۇنداق ھالەتتە ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى تېڭىشى ئەسلا مۇمكىن بولمايدۇ. 2. ئۇ جۇڭگۇلۇق ئەمەس شۇڭا بۇنى چۈشىنىشى ئەسلا مۇمكىن بولمايدۇ. بۇنىڭ ئاددى مىسالى مەن بىر ئوقۇتقۇچى ئەگەر مەن سىنىپىمدىكى ئوقۇغۇچىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىگە ئۆزەمنىڭ ئىدىيىسىنى سىڭدۈرمەن دىيشىم بىر كۈلكىلىك گەپ بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر مەن ئۇتۇق قازىنىمەن دىسەم شۇ ئوقۇغۇچىللىرىمنىڭ ئىدىيىسىنى ئويلىشىپ تۇرۇپ ئۇلارغا مەيلى ئەخلاقى جەھەتتىن بولسۇن مەيلى بىلىم بېرىش جەھەتتىن بولسۇن مەيلى گۈزەللىك جەھەتتىن بولسۇن ئەمەلى ئەھۋالىنى چىقىش قىلمىسام ئۇ چاغدا يەمنى ئۆگىزگە قويۇپ كالىنى ئۆگىزگە ئەچىقىمەن دىگەندەكلا ئىش بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا دۆلىتىمىز پۇتبول كوماندىسىنى قانداق ئادەم تۇتۇش كېرەك دىگەندە چوقۇم جۇڭگۇ پۇتبولچىلىقىنى چۈشىنىدىغان، ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ تۇرۇپ ئىش تۇتالايدىغان مەشقاۋۇل بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ تىپىك مىسالى ھازىرىقى كاماچوۋ ئۇ جۇڭگۇ پۇتبولىغا نىسپەتەن گاۋ تۇڭگان قىلالىغاننىڭ يېرىمىنىمۇ قىلالمىدى دىيىشكە بولىدۇ.
يەنە بىر سەۋەپ بارلىق مەسئۇلىيەت مەشقاۋۇلدا بولمايدۇ، توپچىلاردىمۇ بەلگىلىك مەسئۇلىيەت بولىدۇ. توپچىلارمۇ مەشقاۋۇلنىڭ دىگەن يېرىدىن چىقىش كېرەك. يىغىپ ئېيتقاندا بۇ پۇتبول دىگەن تەنھەرىكەت تۈرى ھەقىقى ئەركەكنى سىنايدىغان، ۋىجدانى بىلەن ئوينايدىغان ئادەمگە مۇھتاج بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ توپچىلىلىرىدا بۇنداق ئىدىيە تېخى شەكىللەنمىدى دىيىشكە بولىدۇ.
ئازراق جۆيلۈپ قويدۇم ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر بۇ پەقەت شەخسى كۆز قاراش خالاس. |
|