بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-26 14:51
2012-2013 يىللىق ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى
بايرىن مىيونخىن 2 - 1 دورتىموند


شىنجاڭ ۋاقتى 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 26كۈنى سەھەر سائەت 12.45ئۈتكەندە ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لۇڭقىسىنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ موسابىقىسى مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ ۋونبىلى مەيدانىدا ئىلىب بىرىلدى.
ئالدىنقى مەيدان باشلىنىپ دوتىمۇنىد كۇماندىسى ئىپادىسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ تاكى ئالدىنقى مەيدان 10-20مىنۇتقىچە بايرىن كۇماندىسىغا كۈچلۈك ھۇجۇملارنى قوزغىدى ، بۇ جەرياندا بايرىن مىيۇنخىن كۇماندىسى ۋارتاسى ۋە بىكلىرىنىڭمۇ ئىپادىسى ياخشى بولدى مۇسابىقە 43 مىنۇتقا بارغاندا روبىن پىچاق بىسىدەك توپتىن بىرنى ئىسىراپ قىلۋاتتى ھەر ئىككى تەرەپ كۈچەپ ئۇينىغان بۇلسىمۇ ئالدىنقى مەيدان 0-0 ئاياقلاشتى.
كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ھەر ئىككى تەرەپ دەششەت ھوجۇملارنى باشلىۋەتتى مۇسابىقە داۋاملىشىپ 58- مىنۇتقا بارغاندا روبىننىڭ پاس چىقىرىشى بىلەن مەنزوجىچ بىر توپ ئۇروپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگەنلىدى، 76 -مىنۇتقا بارغاندا بايرىن كۇماندىسىدىن دانتىنىڭ سەۋەبىدىن رىپىر دۇتىمۇنىد كۇماندىسىغا بىر نۇقتا تۇپ بەردى بۇنى گۇندىگان ئورۇپ كۈرگەزدى، مۇسابىقە ئاخىرى 89- مىنۇتقا بارغاندا بايرىن كۇماندىسى قايتۇرما ھۇجىمىدا روبىن بىر توپ ئۇروپ سىرىق ھەرىلەرنى بۇغوزلاپ چىمپىيۇنلۇقنى قۇلغا كەلتۈردى، بۇ بايرىن مىيۇنخىن كۇماندىسىنىڭ ياۋروپا ئۇزغونلۇق تارىخىدىكى 5 قىتىم ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق لۇڭقىسىغا ئىرىشىشى بولۇپ ئەڭ كۆپ ئالغان خان مادىرىد، ئاس مىلاندىن قالسىلا ئۈچۈنچى ئۇروندا تۇردۇ.

|