- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7601
- نادىر
- 17
- يازما
- 7601
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-26 02:01

بىرازىلىيەلىك داڭلىق ماھىر نېيمار توغىرسىدىكى سۇپۇن ماغزىپىدەك لەيلەپ يۈرگەن ،شۇنداقلا ئۇزۇنغا سۇزۇلغان يۆتكىلىش خەۋەرلىرى تولۇق ئاخىرلاشتى .« دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى » -« ماركا گېزىتى » -« كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى » قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا ، بارسېلونا كۇلۇبى بۈگۈن نېيمار بىلەن رەسمى توختام ئىمزالاپتۇ .
بىرازىلىيە بىرلەشمىسىدىكى سانتوس كوماندىسدا توپ تېپىدىغان بۇ تالانتلىق چولپاننىڭ يۆتكىلىش باھاسى 50 مىليون ياۋروغا مۇقىملاشقان .يىللىق ئىش ھەققى يەتتە مىليون ياۋرو بولغان .خان مادرىد ئاۋازى بولغان « ماركا گېزىتى » مۇ بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ، نېيمار بارسېلونا بىلەن بەش يىللىق توختام ئىمزالىدى دەپ خەۋەر بەرگەن .ئىگىلىنىشچە ،مادرىد تەرەپ نېيمارنىڭ سۈرەت ھوقۇقىنىڭ % 50 تىنى تۇتۇپ قالماقچى .ھەمدە يىللىق ئىش ھەققىگە 11 مىليون 500 مىڭ ياۋرو بەرمەكچى بولغان .بىراق بارسېلونا بولسا سۈرەت ھۇقۇقىنى پۈتۈنلەي نېيمارغا مەنسۇپ قىلىپ بەرگەن .نېيمار بۇ جەھەتتە بىر يىلدا 8 مىليون ياۋرو كىرىم قىلىدىكەن .يەنە بىرسى ،نېيمارنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى نۇمۇرلۇق قاتىل ھۇجۇمچى مېسسى بىلەن بىرگە توپ تېپىش ئارزۇسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىككىلەنمەي بارسېلونانى تاللىغان .
 |
|