- تىزىملاتقان
- 2011-3-31
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2770
- نادىر
- 1
- يازما
- 2770
|

24-ماي كەچتىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى يىڭى ئىسلاھات لايىھىسىنى ماقۇللىغان بۇلۇپ 2015-يىلدىن باشلاپ بىرلەشمە چىمپىيونى بولغان كۇلۇب بىۋاستا كىلەر پەسىللىك ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق سالاھىيەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ. بۇ سان مۇشۇ كۇلۇب تەۋە بىرلەشمىنىڭ ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق سالاھىيەت بىلەت سانىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. مەسلەن كىلەر يىلى ئەگەر توتىنھام ئىتتىپاق بىرلەشمە چىمپىيونى بۇلۇپ ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە 5-بۇلۇپ قالسا توتىنھام ئالدىدىكى تۆت كۇلۇب بىلەن بىللە ئۇزغۇنلۇققا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ. بۇنداقتا ئېنگىلاند، ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىن كۆپ بولغاندا 5 كۇلۇب ئۇزغۇنلۇققا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ. توتىنھام ئېھتىمال بۇ يىلقى بىرلەشمىگىلا ئەمەس ئىتتىپاققىمۇ راۋۇرۇس كۈچەپ قويىشى مۇمكىن . بۇ ھەم رىقابەت كەسكىن ئېنگىلاندتا توتىنھامنىڭ ئۇزغۇنلۇققا قاتنىشىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسولى بۇلۇشى مۇمكىن.
بۇ قىتىملىق يىڭى سىياسەت توغرىسىدا پىلاتىنى مۇنداق دىدى: بۇ پەسىللىك ياۋرۇپا ئىتتىپاق لوڭقىسى مۇسابىقىسى شۇنى بىلدۇردىكى ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ تەسىر دائىرىسى بارغانچە چوڭلاۋاتىدۇ. مەستانىلەرنىڭ قىزغىنلىقىمۇ يۇقۇرى بولماقتا. تېخىمۇ كۆپ مەستانىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش، ھەر قايسى كۇلۇبلارنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىتىدە مەزكۇر لايىھە تەستىقلاندى.
ئىتتىپاق بىرلەشمىسى يەنە كۆپ تۈردە ئىسلاھات ئىلىپ باردى. مەسلەن ياۋرۇپادىكى ھەر قايسى دۆلەت پۇتبول بىرلەشمىلېرى كۆپ بولغاندا 3 كۇلۇبنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىدۇ. ياۋرۇپا دەرىجە تەرتىپىدە ئالدىنقى 12 ئورۇندىكى بىرلەشمىلەردىن جەمئى 16 كۇلۇب بىرلەشمە ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى سىياسەتتە ئالدىنقى 6 ئورۇندىكى بىرلەشمىلەر 6 ئىتتىپاق ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشەتتى. |
|