بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-24 15:28
2015-يىللىق ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە مەيدانى بېكىتىلدى
ياۋروپا ۋاقتى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 2015-يىللىق ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە مەيدانى بىلەن ياۋروپا بىرلەشمىسى لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مەيدانىنى بېكىتتى. گېرمانىيەنىڭ نامى مەشھۇر بېرلىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مەيدانى 2015-يىللىق ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيتىگە ئېرىشتى. 2015-يىللىق ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بولسا پولشانىڭ پايتەختى ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسى
ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى
________________________________________________________________________________
2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى دەل مۇشۇ بېرلىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەنىدى. 2012-يىللىق ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى بايرىن مىيۇنخېن كوماندىسىنىڭ ساھىبىخان مەيدانى ئارىيان تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، 3 يىلدىن كېيىن گېرمانىيە يەنە بىر قېتىم ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە نائىل بولدى.
بېرلىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مەيدانى
ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسى تارىخىدا بۇنىڭدىن ئىلگىرى گېرمانىيە زېمىنىدا جەمىئىي 4 قېتىم چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلغان (مىيۇنخېندىكى ئارىيان توپ مەيدانىدا 1993-يىلى، 1997-يىلى، 2012-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن. 2004-يىلى گېلىسىنكىرچېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن) بولۇپ، 2015-يىلى گېرمانىيە زېمىنىدا 5-قېتىم چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
________________________________________________________________________________
2015-يىللىق ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكەن يىلى ئۇكرائىنا ۋە پولشادا تەڭ ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى ئېلىپ بېرىلغان ۋارشاۋا دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ۋارشاۋا دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانى
________________________________________________________________________________
ھەممىگە مەلۇم، يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن بۇ يىللىق ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئەنگىلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدىكى ۋېنبۇلى مەيدانىدا ئوينىلىدۇ. كېلەر يىللىق ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مەيدانى بولسا پورتۇگالىيە پايتەختى لىسسابوندا، ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بولسا ئىتالىيەدىكى 3-چوڭ شەھەر تۇرىندا ئۆتكۈزىلىدۇ.
ۋېنبۇلى مەيدانى
لىسسابون رىقابەت كوماندىسىنىڭ ئالۋالاد پۇتبول مەيدانى
تۇرىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مەيدانى
________________________________________________________________________________ |