- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7672
- نادىر
- 17
- يازما
- 7672
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-24 00:00

جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە توپ تەپمەك ئاسان ئەمەس ،چۈنكى ھازىر بۇ بىرلەشمىمۇ بارغانسېرى تەرەققى قىلىپ مېڭىۋاتىدۇ .رىقابەت كەسكىن ،كۆپلىگەن كۇلۇبلار چەتئەلدىن ياراملىق توپچىلارنى يۇقىرى ئىش ھەققى بىلەن يۆتكەپ كېلىۋاتىدۇ .مۇسابىقىدىن كېيىن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاش ئەۋج ئالماقتا .شۇنىڭغا ئەگىشىپ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان مەرگەن بولۇپ كېلىۋاتقىنى يەنىلا مۇشۇ چەتئەللىك ماھىرلار ،ئالدىنقى پەسىل جىياڭسۇ شۈنتىيەدىكى بىر ماھىر بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتى .ئالدىنقى كۈنى گۇاڭجۇ خېڭدادىكى مولىچ ئاسىيا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە جەمئىي 11 توپ ئۇرۇپ ،دۆلىتىمىزنىڭ ئىلگىرى ھوجۇمچىسى خاۋ خەيدۇڭ بىلەن ھازىر شەندۇڭ لونىڭدا توپ تېپىۋاتقان خەنپىڭنىڭ رېكورتىنى بۇزىۋەتتى .يەنە بىر توپچى ئىرىكسۇن 9 مەيداندا 14 توپ ئۇرۇپ بۇ پەسىلمۇ ئۈزۈپ ماڭماقتا ..
گەرچە جۇڭگو بىرلەشمىسىدىكى نامى ئەڭ چوڭ پۇتبولچى دېرۇگبا بىلەن ئانىلكا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ گالاتا ساراي ۋە يۇۋېنتۇسقا كەتكەن بولسىمۇ ،بىراق ھازىر بەزى كوماندىدا توپ تېپىۋاتقان چەتئەللىك توپچىلارنىڭ سەۋىيىسىگە قەتئى سەل چاغلىغلى بولمايدۇ .ھەرقايسى كوماندىدا ئاساسلىق كۈچ بېرىۋاتقىنى يەنىلا مۇشۇ توپچىلار .بۇنداق توپچىلارنىڭ كۆپلەپ كېلىشى دۆلىتىمىز بىرلەشمىسىنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق ئەلۋەتتە ! شەندۇڭ لۇنىڭغا يېڭى كەلگەن چەتئەللىك تېرىنىرمۇ بۇ پەسىل كوماندىنى باشقىچە رەتكە سېلىۋەتتى .ھازىر شەندۇڭ لۇنىڭ گۇاڭجۇ خېڭدانى قوغلاپ كېلىۋاتىدۇ .ئىككىنچى ئورۇندا ،خېڭدادىكى لىپىنىڭ قانداق تېرىنىر ئىكەنلىكىنى ھەممەيلەنگەن ئايان ،شاڭخەيدىكى باتىستامۇ كوماندىنى ياخشى يېتەكلىمەكتە ...
بارى توپ ئويناۋاتقان جىياڭسۇ شۈنتيەن ھازىرمۇ 10-ئۇرۇندا ،يامان ئەمەس ،بىرلەشمە تېخى ئەمدى باشلاندى .بارى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى چاڭچۈن ياتەي بىلەن بولغان مۇسابىقىدە تولۇق 90 مىنۇت ئوينىغان .شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە بىر مىنۇتمۇ مەيدانغا چىقالمىدى .بارىدا يارىلىنىش ئەھۋالى بارمۇ ؟ ياكى نېمە سەۋەب بۇ ئېنىق ئەمەس ،بۇ كوماندىدا ھۇجۇمچى كۆپ بولغانلىقىنى ئۈچۈن بارىغا نىسبەتەن رىقابەت كەسكىن بۇلۇشى مۇمكىن .بارى ئىچكىرىدىكى پۇتبولچىلىق ھاياتىدا ھازىرغا قەدەر تۆت توپ ئۇرۇپ ئىككى پاس چىقارغان .مانا ھازىر بارىغا ئىچكىرىدە توپ تېپىۋاتقىلىمۇ ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتتى .( خاڭجۇ يېشىل شەھەردە 2010-يىلدىن باشلاپ توپ تەپكەن )
بۇ پەسىل بىرلەشمىنىڭ تېخىمۇ كەسكىن بۇلۇشىغا ئەگىشىپ بارىغا پۇرسەتمۇ كۆپ بولمىدى .شەندۇڭدىكى مىرئەخمەتجان گەرچە دەرىجىدىن تاشقىرىدا ئوينىيالمىسمۇ ، بىراق تەييارلىق كوماندىدىكى ئىپادىسى ياخشى بۇلىۋاتىدۇ .بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا قالپاق ئۇيۇنى ئوينىدى .داڭلىق ھۇجۇمچى ئەكرەم خۇنەن شىياڭتاۋدا يوق ،( سەۋەبى ئېنىق ئەمەس ) ھازىر دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە پەقەت بارىلا قالدى .بىز بارىغا بېسىم قىلمايمىز .گەرچە پۇرسەت ئاز بولسىمۇ ،بارىنىڭ چوقۇم ئۆز سەۋىيسىنى ياخشى جارى قىلدۇرىشىنى ،تىرىشىپ ئۈزىنى ئىسپاتلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .يىغىنچاقلىغاندا ،بىرالا ئېغىز سۆز ،تىرىشقىن بارى ....ساڭا پۇرسەت بار .....
 |
|