خېڭدا پۇتبول مەكتىۋنىڭ 2013 - يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا ئاساسەن ، مەكتەپنىڭ شىنجاڭ رايۇنىدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گورۇپپىسى 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 16 - كۈنىگىچە قەشقەر شەھرىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ . تەپسىلاتى تۆۋەندىكچە :
بىرىنچى :ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش دائىرسى ۋە ئوبىكتى
9 ياشتىن 16 ياشقىچە بولغان مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ، پۇتبولنى قىزغىن سۆيىدىغان ، پۇتبولدا مەلۇم ئاساسى بار ، تېنى ساغلام ئوغۇل ، قىز ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلنىدۇ ، ئالاھىدە تالانتى بار ئۇنۋېرسال ساپاسى ياخشى بولغان 9 ياشتىن تۆۋەن ئوقۇغۇچىلار ئازساندا قوبۇل قىلىندۇ .
ئىككىنچى :تىزىملىتىش
1 -، ۋاقتى : ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنىگىچە (باشقا جايلار 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە) ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن چۈشتىن كىيىن سائەت 5 كىچە (دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ ئوخشاش تىزىملاش ئېلىپ بېرىلدۇ ).
2 -:تىزىملىتىش ئۇسۇلى
2)تېلىفۇندا تىزىملىتىش :ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىزىق لىنيىسى ئارقىلىق تىزىملاتسا بولىدۇ .0991-6681663 ،6692311 ،
3)نەق مەيداندا تىزىملىتىش :قەشقەردىكى نەق مەيدان ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىندۇ .
ئۈچىنچى ، ئىمتىھان
1 - :ئىمتىھان ۋاقتى ، ئورنى ئايرىم ئۇقتۇرىلدۇ .
2 - : ئىمتىھان مەزمۇنى
مەدەنىيەت ئىمتىھانى
بەدەن سۈپەت ئىمتىھانى
پۇتبول كەسپى ئىمتىھانى (ئىسپانىيە مادرىد تېرنىرلىرى تەشكىللەيدۇ)
3 - ئىمتىھاندا كىرەكلىك ماتىريال ، جابدۇقلار )
يېرىم بەدەن يالاڭباش تارتىلغان بىر سۇڭلۇق رەڭلىك سۈرەت 3 پارچە ، نوپۇس دەپتىرىنىڭ ئەسلى نۇسقىسى ، كۆپەيتىلمە نۇسقىسى
پۇتبول ئايىغى ، پۇتبول كىيىمى ۋە باشقا پۇتبول قوشۇمچە جابدۇقلىرى (ۋارتار پەلىيى ، تىزلىق دگەندەك )
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانلارنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش قەغىزى (بوي ئېگىزلىكى ، ئېغىرلىق ، تاپان ئەھۋالى دائىمىلىق قان تەكشۈرۈش ، سۈدۈك تەكشۈرۈش ، كۆكرەكنى رېنتىگىندا ، يۈرەكنى رەڭلىك ئاپراتتا ئولتىرا ئاۋازلىق دولقۇندا تەكشۈرۈش ، جىگەر ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى )
تۆتىنچى :ھەق ئېلىش ئۆلچىمى :
ئوقۇتۇش ، مەشىقلەندۈرۈش ھەققى 21 مىڭ 900 يۇەن ( يىللىق )
ياتاق ھەققى 2000 يۇەن
تاماق پۇلى 10مىڭ 400 يۇەن
كىيىم - كىچەك پۇلى 700يۇەن
بەشىنچى :قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئىتىبار بىرىش شەرتلىرى ۋە ئۆلچىمى
ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىق دەرىجىسىگە قاراپ نامرات ، ئادەتتىكى نامرات ، ئالاھىدە نامرات دەپ 3 تۈرگە ئايلىپ ، 15000 يۈەندىن 35 مىڭ يۈەنگىچە ئوقۇتۇش ياردىمىگە ئېرىشەلەيدۇ . كىيىنكى يىلدىن باشلاپ كەسپى نەتىجە ۋە ئىنتىزام ئەھۋالىغا قاراپ ئائىلە ئەھۋالى يېڭىدىن تەكشۈرلۈپ ياردەم ئۆلچىمى قايتا بىكتىلىدۇ .
ئالاقىلاشقۇچى : ئالىمجان QQ :344718715