- تىزىملاتقان
- 2008-6-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4494
- نادىر
- 1
- يازما
- 4494
|
كاماچاۋ يېقىندا مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ياشلارنى تەربىيلەشتىكى مەسئۇلىيەت مەندە، لېكىن جۇڭگۇ كوماندىسىنىڭ 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا كىرەلىشى تەس!
كاماچاۋ جۇڭگۇ كوماندىسىنى يېتەكلىگەن 2يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن ئىسسىق-سوغاقلارنى باشتىن كەچۈردى. دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىدىن شاللىنىپ كېتىپ مەستانە ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا ئۇچراش، ئاسىيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسى باشلانغاندىن كېيىن 9يىلدىن بىرى ئۇتالماي كېلىۋاتقان ئىراق كوماندىسىنى يېڭىپ نېمىلا دېگەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئابرويىنى ساقلاپ قالدى. بۇ قېتىم جۇڭگۇ كوماندىسى 7-ئايدىكى شەرقىي ئاسىيا 4دۆلەت مۇسابىقىسى ۋە 10-ئايدىكى ئاسىيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن 6-ئايدا گوللاندىيە، ئۆزبىكىستان، تايلاند كوماندىلىرى بىلەن دوستلۇق مۇسابىقىسى ئوينايدۇ.
جۇڭگۇ كوماندىسى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخوتتا ئۆزبىكىستان ، 6-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدا گوللاندىيە، 6-ئاينىڭ 15-كۈنى تايلاند كوماندىسى بىلەن تۇتۇشىدۇ.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە جۇڭگۇ كوماندىسى ئۆزبىكىستان ۋە گوللاندىيەدىن ئىبارەت ئىككى كۈچلۈك رەقىب بىلەن تۇتۇشىدۇ. ئۆزبىكىستاننىڭ دۇنيادىكى رەت تەرتىپى 66-ئورۇندا ئاسىيادىكى رەت تەرتىپى 5-ئورۇندا شۇنداقلا دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسى 10كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسىدە 11نومۇر بىلەن گۇرۇپپا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئۆزبىكىستان كوماندىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسى ئالدىدىكى ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىسى بولىدۇ. 6-ئاينىڭ 11-كۈنى كورىيە كوماندىسى بىلەن 6-ئاينىڭ 18-كۈنى قاتار كوماندىسى بىلەن ئوينايدۇ. بۇ ئىككى مەيدان مۇسابىقە ئۆزبىكىستانغا نىسبەتەن بىرمەيدان ھاياتلىق ماماتلىق جەڭ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بۇ ئىككى مەيداندا مۇسابىقىدە تولۇق غەلبە قىلسا دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئېرىشەلەيدۇ. شۇنداقلا بۇ سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا كىرىشتەك نەتىجىنى يارىتىدۇ.
گوللاندىيە كوماندىسى دۇنيادىكى رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى ئوننىڭ كىچىدىكى كۈچلۈك كوماندا بۇ قېتىم جۇڭگۇنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن قاتنىشىدۇ. بۇ بىرمەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئىككى تەرەپنىڭ بىرقىسىم كېلىشىم تەرەققىيات تۈزۈشتە تۈرتكلىك رول ئوينايدۇ. بۇ مەيدان مۇسابىقىگە ھەرئىككىلى تەرەپ كۈچلۈك سەپ شەكلىنى قوللىنىدۇ. گوللاندىيە تەرەپتىن روبىن، فەندىسار قاتارلىق داڭلىق چولپانلار قاتنىشىدۇ.
دۆلەت كوماندىسىغا يېڭىدىن تاللانغان ئۈمىدلىك چولپانلار
دۆلىتىمىزنىڭ ئىزچىل دۇنيا لوڭقىسى ئۆتكۈزۈش ئارزۇسى بارئىدى. 2022-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ساھىبخانى قاتار بولغاندىن كېيىن بۇ ئۈمىدىمۇ سۇغا چىلاشقان. (بىر قىتئەدىكى دۆلەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئىككى نۆۋەتتىن كېيىن ئۆتكۈزۈش كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن) كېيىن 2034-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، لېكىن مالايسىيە قاتارلىق شەرقىي ئاسىيا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭمۇ ئۆتكۈزۈش پىلانى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن جۇڭگۇ تەرەپكە يەنە چوڭ بىر بېسىم پەيدا بولدى.
|
|