بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 22kaka22 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-21 15:54
دىيارىمىز ۋاقتى 5- ئاينىڭ 21- كۈنى سەھەردە، خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، كوماندىنىڭ باش مەشقاۋۇلى مورىنھونىڭ مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دەرستىن چۈشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئالدى بىلەن مورىنھوغا بېغىشلانغان فىلىمنى كۆرۈپ باقايلى: خەيىر مورىنھو، مورىنھوغا تەۋە مادرىد دەۋرى
ماركا گېزىتى مۇخبىرى ئالدىن ئاشكارىلىدى
ئىسپانىيە شۇ جاي ۋاقتى دۈشەنبە كۈنى، خانلىق مادرىد ئاخبارات ۋاستىسى دىيارىمىز ۋاقتى سائەت 00:00دە(شۇ جاي ۋاقتى 20:00) بېرنابېئۇدا بىر مەيدان ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنى چاقىرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ‹ماركا گېزىتى› مۇدىرىيەت يىغىنىدىكى ئاساسلىق كۈنتەرتىپىنىڭ بۇ يىل يازدىكى رەئىس سايلىمى ۋە مورىنخونىڭ مەسىلىسىنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئىكەنلىكى ئاشكارىلىدى، بىراق ‹مەخپىيەتلىك گېزىتى›نىڭ نوپۇزلۇق مۇخبىرى فىلىكىس: فىلورىنتىنو ئاللىبۇرۇن مورىنخو بىلەن يۈز كۆرۈشتى، مورىنخو 6- ئاينىڭ 2- كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق بىرلىككە كەلدى. - دەپ ئالدىن ئاشكارىلىدى.
رەسمىي دەلىللەش: خانلىق مادرىد ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا رەسمىي دەلىللىدى
خانلىق مادرىدنىڭ رەئىسى فىلورىنتىنو ئەپەندى يىغىندا: مەن مۇدىرىيەت يىغىنىنىڭ ئىككى قارارىنى ئېلان قىلىشىم كېرەك. بىرىنچى قارار بىز ئاللىقاچان مورىنھو بىلەن بۇ پەسىل ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، بىزنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىمىز توغرىسىدا بىردەكلىككە كەلدۇق. مەن مۇدىرىيەتكە ۋاكالىتەن مورىنھونىڭ كوماندىمىزغا سىڭدۈرگەن ئەجرىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كەسپىي ھاياتىغا ئۇتۇق تىلەيمەن. ئۇنىڭدىن قالسا، رەئىس سايلىمى 6- ئاينىڭ 16- كۈنى ئېلىپ بىرىلىدۇ، مەن بۇ قېتىمقى سايلامغا قاتنىشىشنى قارار قىلدىم. - دەپ ئالدىن ئىپادە بىلدۈردى.
ئاندىن فىلورىنتىنو مۇخپىرلار ئەسكەرتكەن سۇئاللارغا ئىپادە بىلدۈرۈپ: ھىچكىم ھىچكىمنى مەجبۇرلىمىدى ۋە ئىشتىن بوشاتمىدى، بۇ ئىككى تەرەپ سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق بىرلىككە كەلگەن قارار. كوماندىمىز مورىنھو يىتەكلىگەن ئۈچ يىلدىن بۇيان كۆپ ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشتى، ئۇ كوماندىدا ئىنتايىن ئاكتىپ رول ئوينىدى. بۇ پەسىل پات ئارىدا ئاخىرلىشىدۇ، كوماندا نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى، بىراق پۈتۈنلەي پالاكەت باسقان بىر پەسىلمۇ دېيەلمەيمىز. خانلىق مادرىد كوماندىسى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك ئىتتىپاقلاشتى. توققۇز يىل ئىلگىرى مەن خانلىق مادرىدقا كەلگەن ۋاقتىمدا كوماندا داۋالغۇش ھالىتىدە تۇرغان ئىدى، بۇنداق ئەھۋال ئەمدى مەڭگۈ يۈز بەرمەسلىكى كېرەك. - دېدى.
خانلىق مادرىد رەئىسى تەكىتلەپ: مەن ئەسلى ئۇنىڭ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلاتتىم، بىراق بىلىشىمىز كېرەككى، بىر ئادەمنىڭ بېسىمغا بەرداشلىق بىرىش كۈچى چەكلىك بولىدۇ. ھەر بىر مەشقاۋۇلنىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتېرى بولىدۇ. مورىنھو سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ باققان، ئۇ ئۆزىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ بەرداشلىق بىرىشكە تىگىشلىك بىسىمىمۇ ئاز ئەمەس. ھەممە نەرسە نىسپىي قارمۇ - قارشىلىققا ئىگە بولىدۇ، بىزنىڭ ئەمەلىي كۈچىمىز ئۇچقاندەك تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى، بىراق بىزدە يەنە بەزى بىر نەرسىلەر كەم. ‹مەغلۇبىيەتچى› دىگەن بۇ سۆز بىزگە ئەسلا ماس كەلمەيدۇ. ئەڭ مۇھىمى بىز ئۆزىمىزگە خاس سەۋىيىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۋالدۇق. - دېدى. فىلورىنتىنۇ كىلەركى قېتىملىق مەشقاۋۇل توغرىسىدا توختۇلۇپ: بىز تېخى ھېچقانداق مەشقاۋۇل بىلەن توختام ئىمزالمىدۇق، بىراق بۇ بىزنىڭ كەلگۈسى خىزمىتىمىزدىكى مۇھىم يۆنىلىش.-دېدى.
دەرىستىن چۈشۈش سەۋەبى: مۇغلۇبىيەتلىك پەسىل + ھەممىنى بىزار قىلىش
شاھلىق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە مادرىد رىقابەت كوماندىسىغا ئۇتتۇرۋەتكەندىن كېيىن، مورىنھو مۇسابىقىدىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خۇلاسە يەكۈنلەپ: بۇ بىر مەغلۇبىيەتلىك پەسىل بولدى، مېنىڭ مەشقاۋۇللۇق ھاياتىمدىكى ئەڭ ناچار بىر پەسىلدۇر. - دېدى. بىرلەشمە، ئۇزغۇنلۇق، شاھلىق لوڭقىسىدا ھەممىدىن قۇرۇق قېلىش، بولۇپمۇ فىلورىنتىنو ئېرىشىشنى ئەڭ ئۈمىد قىلىدىغان ئۇزغۇنلۇق مورىنھونىڭ دەرىستىن چۈشىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئامىلدۇر. ئىككى ھەپتا ئالدىدىكى كەينى - كەينىدىن كاشىلىياس، پىپى، رونالدولارنى تەنقىدلەپ، مورىنھو ئاللىقاچان كوماندىدىكى توپچىلارنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالدى. نەس باسقان نەتىجە ۋە توپچىلار، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ پوزىتسىيىسى، مورىنھونىڭ ئىشتىن چۈشۈشىنىڭ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مورىنھونىڭ كېيىنكى بىكىتى: سىتانفورد كۆۋرۈكىگە قايتىش
ئۇزغۇنلۇقتا دورتمۇند تەرىپىدىن شاللىۋىتىلگەندىن كېيىن، مورىنھو مۇسابىقىدىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: مەن بىر يىتەرلىل قوللاشقا ئېرىشەلەيدىغان كوماندىغا بىرىشنى ئۈمىد قىلىمەن، ئىنگىلاندتا مۇشۇنداق كوماندىدىن پەقەت بىرسى بار. - دېدى. ئاخبارات ۋاستىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىپ، مورىنھونىڭ كىيىنكى بىكىتى كۆك ئارمىيە دەپ خەۋەر قىلدى. پەسىل ئاخىرىدا كوماندىدىن ئايرىلىشى مۇقىملاشقان بىنىتىزمۇ: بەلكىم كىيىنكى كۆك ئارمىيە مەشقاۋۇلى ئىلگىرى بۇ يەردە قوماندانلىق تەجىربىسى بولغان كىشى بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا مېنىڭ ئۇنىڭغا ھىچقانداق پىكرىم يوق. - دەپ ئېتىراپ قىلدى.
مادرىدنىڭ يېڭى قوماندانى: ئالدىن تاللاش نامزاتى ئانچىروتتى
مورىنھونىڭ دەرىستىن چۈشۈشى مۇقىملاشقاندىن كېيىن، ‹ماركا گېزىتى› ئىپادە بىلدۈرۈپ: كونا شاھ ئاللىبۇرۇن ئۆلدى، يېڭى شاھ تەخىتكە چىقىشى كېرەك، ئانچىروتتى پات يېقىندا فىلورىنتىنو رەئىسلىك ئورنىغا ئولتۇرغاندىن بۇيانقى 9- قوماندانغا ئايلىنىدۇ. مورىنھونىڭ 1007كۈنلۈك قوماندانلىقىدىن كېيىن، ئىتالىيىلىك قوماندان مادرىدنى يىتەكلەشتەك مۇھىم ۋەزىپىگە ئولتۇرىدۇ. - دەپ ئىپادە بىلدۈردى. بىردىنبىر ساقلانغان مەسىلە شۇكى، ئانچىروددى ئاللىبۇرۇن پارىژ ساينىت ژېرمان كوماندىسىغا، مادرىدقا يۆتكىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىراق پارىژ كوماندىسى رەئىسى ئارفىلىف تەكىتلەپ: ئانچىروتتى مېنىڭ مادرىدقا بارغۇم بار دېدى، بىراق ئۇ ۋە بىزنىڭ ئارىمىزدا بىر يىللىق توختام بار، شۇڭا ئۇ كىتەلمەيدۇ. بىراق بۇ بىزنىڭ مەسىلىمىز ئەمەس، ئۇ چوقۇم توختامغا ھۆرمەت قېلىشى كېرەك. - دېدى.
مورىنھونىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
تۆت چوڭ بىرلەشمە ئۇزغۇنى! تارىختىكى 1- نومۇرلۇق مەشقاۋۇل!
8يىل سەرىپ قىلىپ ئۈچ داڭلىق تاغنى بۆسۈپ ئۆتۈش
2002- يىلى 1- ئايدا، ئۆتمۈشتىكى كىچىك بىر تەرجىمان پورتۇگالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ زەردارى پورتو كوماندىسىغا باش تىرىنىرلىقىغا تەيىنلەندى. كوماندىنى قولغا ئالغاندىن كىيىن شۇ پەسىلنىڭ كىيىنكى يىرىمىدا، كوماندىنى ياخشى يىتەكلەپ قايتىدىن پورتۇگالىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئالدىنقى تۆتنىڭ قاتارىغا كىردى. شۇنىڭدىن كىيىنكى 2002-03، 2003-04 ئىككى پەسىلدە بۇ ئەسەبىي مەشقاۋۇل كوماندىنى تېخمۇ ياخشى يىتەكلەپ 2قېتىم بىرلەشمە ئۇزغۇنى، بىر قېتىم ئىتتىپاق لوڭقىسى ئۇزغۇنى، بىر قېتىم پورتۇگالىيە لوڭقىسى ئۇزغۇنى، بىر قېتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ئۇزغۇنى ۋە شۇنداقلا ھەممە كىشى پىششىق بىلىدىغان ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ئۇزغۇنلىقىغا ئېرىشتۈردى. بۇ شۇنداقلا 21- ئەسىرگە تەۋە بىردىنبىر 4داڭلىق بىرلەشمە سىرتىغا چىقىپ كەتكەن ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھېسابلىنىدۇ.
كوماندىنى يىتەكلەپ پەقەت ئىككى پەسىلدىلا 6قېتىم ئۇزغۇنلۇققا ئېرىشتى ۋە 2چوڭ ياۋروپا دەرىجىلىك لوڭقىنى قولغا كەلتۈردى، بۇنىڭ بىلەن مورىنخونىڭ ئىسمى پۈتۈن ياۋروپانى تىترەتتى. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ بىلەن تېخى يېڭىلا چىلسى كۇلۇبىنىڭ خوجايىنى بولغان روسىيەلىك چوڭ تىمساھ ئابلاموۋىچنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە مەركەزلەشتۈردى. 2004- 05 مۇسابىقە پەسلىدە، مورىنخو ئىتالىيەلىك لايىلى بىلەن بىرگە رەسمىي ھالدا ئۆزىنىڭ ھەقىقى يۇقىرى دەرىجىلىك زەردار كوماندىدىكى شانلىق دەۋرىنى باشلىدى.
بۇ تەلۋە مەشقاۋۇل چىلسىدا 3پەسىل مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسى ئۆتەپ، 2قېتىم ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى ئۇزغۇنى ۋە ئىنگىلاند بىرلەشمىسى لوڭقىسى، 1قېتىم <رايون قالقان لوڭقىسى>، 1قېتىم ئىنگىلاند ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ ئۇزغۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. 3پەسىلدە مورىنخو يەنە بىر قېتىم باشقا بىر جەڭگاھتا كەينى - كەينىدىن 6قىتىم ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆك ئارمىيەنى قولغا ئالغان تۇنجى پەسىلدىلا، بۇ ئەسەبىي مەشقاۋۇل كوماندىنى چىرايلىق يىتەكلەپ، شۇ دەۋردە <جاھانغا پاتماي قالغان> بارسىلونانى شاللاپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقنىڭ يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە بۆسۈپ كىردى. 2004-، 2005- يىلى ئۇدا ئىككى يىل قالتىس نەتىجىلىرى بىلەن خەلقئارا پۇتبول تارىخى ۋە سىتاستىكا كومىتىتى تەرىپىدىن <دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى مەشقاۋۇل> بولۇپ باھالاندى.

2007- يىلى 9- ئايدىن 2008- يىلى 6- ئايغىچە بولغان ئارلىقتا، چىلسى كوماندىسىدىكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىپ، ئائىلىسىدىكىلەرگە ھەمرا بولۇپ دەم ئالدى ۋە نۇرغۇن جايلاردا ساياھەتتە بولدى. 2008- يىلى 6- ئايدا، قايتىدىن پۇتبول ساھەسىدە پەيدان بولۇپ، ئىتالىيە زەردارى خەلقئارا مىلان كوماندىسىنى قولىغا ئالدى.
ئاپىنىن يىرىم ئارىلى جەڭ مەيدانىدا، يەنە بىر قېتىم داۋاملىق سىرلىق ئويۇنىنى داۋاملاشتۇردى. مىئاززادا قۇرۇقلۇققا چىققان تۇنجى پەسىلدە (2008-09- پەسىل)، مورىنخو كوماندىنى يىتەكلەپ، بىرلەشمە ۋە ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىدىن ئىبارەت <قوش چىمپىيۇن شاھ>لىقنى قولغا كەلتۈردى؛ 2009- 10- پەسىلدە بۇ ئەسەبىي مەشقاۋۇل تېخىمۇ ياخشى نەتىجىنى بەرپا قىلىپ، ئىتالىيە لوڭقىسى، ئىتالىيە بىرلەشمە ئۇزغۇنى، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ ئۇزغۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تولىمۇ ئاز كۆرۈلىدىغان <ئۈچ چىمپىيۇن شاھ>لىق تەختىگە چىقاردى ۋە خەلقئارا مىلان كوماندىسى ئىتالىيىدىن تۇنجى بولۇپ <ئۈچ چىمپىيۇن شاھ> بولغان كوماندا بولۇپ قالدى، شۇ يىلى يەنە ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ۋە دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسىنى قولىغا كىرگۈزدى، تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسنى ئىتتىپاق لوڭقىسى ئۇزغۇنى مادرىد رىقابەت كوماندىسىغا تارتقۇزۇپ قويۇپ، <6 چىمپىيۇن شاھ> بولۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىدى.
قىسقىغىنە 7يىلدا، پورتۇگالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى، ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى، ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىن ئىبارەت ئوخشىمىغان داڭلىق ئۈچ جەڭگاھتا، مورىنخو باشقىلار ئويلاشقىمۇ پىتىنالمايدىغان 17قېتىم ئۇزغۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت خىيالى نەتىجىنى تاماملىدى. 2010- يىلى 5- ئاينىڭ 31- كۈنى، مورىنخو بىرنابىئۇ پۇتبول مەيدانىدا يەنە قايتىدىن ئۆزىنىڭ رېۋايەتلىك مەشقاۋۇللۇق ھاياتىنى باشلىدى.
خانلىق مادرىدقا مەشقاۋۇل بولغان مورىنخو چوقۇم چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش شەرت بولغان ئەھۋالدا، تۇنجى پەسىلدە ئىسپانىيە خانلىق لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. ئەمما، 2011- يىلى 4- ئاينىڭ 30- كۈنى، سايىپخان مەيداندا 0-1 نەتىجە بىلەن گىجون رىقابەت(希洪竞技) كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان جەڭدە، مورىنخو مەشقاۋۇللۇق ھاياتىنى باشلىغان 9يىلدا، 4داڭلىق بىرلەشمىدە ئۇدا 150مەيدان سايىپخان مەيداندا ئۇتتۇرماسلىق رىكورتى بۇزۇپ تاشلاندى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 2011- يىلى 1- ئايدا، مورىنخو بارسىلونانىڭ مەشقاۋۇلى گۇاردىيولا ۋە دۇنيا لوڭقىسى ئۇزغۇنى ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇل بوسىكنى يىڭىپ، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى تەرىپىدىن <2010- يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر مەشقاۋۇل> بولۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدى.
ئۆتكەن پەسىلدە، گەرچە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گىرمانىيەلىك گىگانىت - بەيرىن مىيۇنخىن كوماندىسى تەرىپىدىن نۇقتا توپ جېڭىدە ئەپسۇسلىنارلىق مەغلۇپ قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق 37- ئايلانمىدا(ئەمما 36- مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسى) مېھمان مەيداندا بىلباۋ رىقابەت كوماندىسىنى مەغلۇب قىلىپ، مورىنخو يىتەكلىگەن خانلىق مادرىد كوماندىسى بارسىلونادىن ئۈستۈن كىلىپ، 4يىلدىن كىيىن يىپەك يولى قولۋىقى 2ئايلانما بۇرۇن ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇق تەختىگە قايتا چىقتى ۋە بارسىلونانىڭ 2009-10 مۇسابىقە پەسىلىدىكى 99نومۇرلۇق رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بەش چوڭ بىرلەشمىدە ئومۇمىي نومۇرى ئۈچ خانىلىق سانغا يېتىشتەك، يەنى 100نومۇر ئېلىشتەك ياۋروپادا بۇزۇش قېيىن بولغان بىر رىكورتنى قالدۇرۇپ كەتتى. يەنە بىرلەشمىدە ئومۇمىي 128توپ كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ 1989-90يىلى توساك يىتەكلىگەن مادرىد كوماندىسىنىڭ 107توپلۇق رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ياۋروپادا ئۇدا ئۈچ پەسىل بىرلەشمىدە كىرگۈزگەن توپ سانى ئۈچ خانىلىق سانغا يەتكەن كوماندا بوپ قالدى. مادرىد بۇ پەسىل ياراتقان رىكورتلاردىن يەنە، تاق پەسىللىك سايىپخان توپ كىرگۈزۈش رىكورتى، تاق پەسىللىك مېھمان مەيدان توپ كىرگۈزۈش رىكورتى، تاق پەسىللىك ئۇتقان مەيدان سانى رىكورتى، تاق پەسىللىك توپچىنىڭ توپ كىرگۈزۈش رىكورتى(رونالدو 40 توپ) قاتارلىقلار بار. بىرلەشمە ئۇزغۇنلۇقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا مورىنھو مەيدانغا چىقىپ، پۈتكۈل كوماندا ئەزالىرىغا تەزىم بەجا كەلتۈردى، بۇ قېلىقى بىر ئاز ئەسەبىيلەرچە بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ كەسىپنى ھۆرمەتلەش ۋە توپچىلىرىنى ياخشى كۆرۈش روھىنى ئىپادىلەپ بەردى(گەرچە بۇ قېلىقى بىزنىڭ دىنىمىزغا نىسپەتەن خاتا بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئۆز دېنىمىز بىلەن چەكلىمە قويالمايمىزدە). شۇنداق قىلىپ، بۇ ئەسەبىي مەشقاۋۇل ئىلگىرى كىيىن پورتۇگالىيە، ئىنگىلاند، ئىتالىيە، ئىسپانىيەدىن ئىبارەت 4داڭلىق بىرلەشمىنىڭ ئۇزغۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن دەرىجىدىن تاشقىرى <ھاكىمبەگ>گە ئايلىنىپ، ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنى پۈتۈنلەي قولىغا كىرگۈزدى. بۇ پەۋقۇلئاددە شەرەپ تېخى تارىختا ھېچكىمگە مەنسۇپ بولۇپ باقمىغان. تارىختا، پەقەت ئىۋىچ، خاپىر ۋە تىراپاتونىدىن ئىبارەت 3داڭلىق مەشقاۋۇل ئايرىم - ئايرىم كوماندىلارنى يىتەكلەپ، ئوخشىمىغان 4 دۆلەتنىڭ بىرلەشمە ئۇزغۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ باققان، بىراق ئىلگىرى كىيىن ئەنگىلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى، ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى ۋە ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىن ئىبارەت 3داڭلىق تاغنى بۆسۈپ ئۆتكەن مەشقاۋۇل پەقەت بىر مورىنھولا بوپ قالدى، بۇنداق ئاز كۆرۈلىدىغان ئۇلۇغۋار ئىشلارنى تارىختا ھىچكىم ۋۇجۇدقا چىقىرىپ باقمىغان.
ئەسلىمە: كاشىلىياس مادرىدنىڭ 32- ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى دەس كۆتۈردى
ئەسلىمە: ‹ئاق ساۋۇتلۇق قوشۇن›نىڭ بىرلەشمىدە 100نومۇرلۇق رېۋايەت يارىتىش قەدىمى
ئەسلىمە: ‹يىپەك يولى جەڭ كېمىسى› تارىخىدىكى نادىر ئەسلىمىلەر
2012- 13- پەسىللىك مۇسابىقە پەسلىدە،‹ئاق ساۋۇتلۇق ئارمىيە› قايتىدىن ياۋروپا ئۇرۇش مەيدانىغا قايتىپ كەلدى. بىرلەشمە جېڭىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ مەيدان مۇسابىقىسىنىڭ 1-مەيدىنىدا ئۇتۇپ، 2- مەيدىنىدا تەڭلىشىپ، 3- مەيدىنىدا ئۇتتۇرۇپ، پەسىل بېشىنى تازا ياخشى باشلىيالماي قالدى. بۇ خانلىق مادرىدتەك بىر زەردار ئۈچۈن گەرچە ياخشى نەتىجە ھېسابلانمىسىمۇ، ئېشەنچىسىنى يوقاتماي ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى كۈتىۋالدى. ئەشەددىي قان رەقىبى بىلەن بولغان بۇ جەڭدە مادرىد ئاۋۋال مېھمان مەيداندا 3-2 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى، بارسىلونا مەستانىلىرى شاتلىققا چۆمدى، چۈنكى ئالدىنقى بىرلەشمىدە 2-1 مادرىتقا ئۇتتۇرۋەتكەندىن كېيىن كۆك قىزىل قوشۇن يېڭى مەشقاۋۇل بىلانوۋانىڭ يىتەكلىشى ئاستىدا تېزلا ئۆچ ئالغان ئىدى. پىشقەدەم ئېسىل بارسىلونا مەستانىلىرى بۇ غەلبىنى يەڭگىللا تەبرىكلىدى، بىراق بەزەن بىر كىچىك مەستانىلەر مۇنبەر يۈزىدە غەلبىسىنى تەبرىكلەشنى چەكتىن ئاشۇرۇپ، مادرىد كوماندىسىنى مەسخىرە قىلىشتى. ئەمما مادرىد مەستانىلىرى كوماندىسىغا بولغان ئېشەنچىسىنى قەتئىي يوقاتمىدى ۋە كوماندىسىنى قوللاپ مەدەت بەردى. شۇنىڭغا يارىشا مادرىد ئۆز مەيدانىدىكى ھالقىلىق جەڭدە، باشتىن - ئاخىرى مۇسابىقىدە ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇردى ۋە مۇسابىقىنى كونتىرول قىلىپ ئويناپ، تېزلا ئىككى توپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتۈپ، مادرىد كوماندىسى ۋە مەستانىلىرىگە ئۈمىد نۇرىنى ئىلىپ كەلدى. مۇسابىقىدە ھەتتا بارسىلونا كوماندىسىغا تۈزۈكرەك ياخشى ھۇجۇم قوزغاش پۇرسىتى بەرمىدى، ئەمما بارسىلونا شاھى مىسسى بىر ئىختىيارىي توپنى بىۋاستە ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ، بارسىلونا كوماندىسىغا ئازراق ئۈمىد ئاتا قىلدى. مۇسابىقە جەريانىدا مادرىدنىڭ يەنە نۇرغۇن پۇرسەتلىرى زايە بوپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ مادرىد ئۆز مەيدانىدىكى 90مىنۇتلۇق مۇھىم جەڭدە 2-1 نەتىجە بىلەن غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىنى قولغا كەلتۈردى.بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئەھمىيىتى شۇ يەردە بولدىكى، مادرىد ئەمدى ئۆزىنىڭ قان رەقىبىگە ئاسانلىقچە بوزەك بولمايدىغانلىقىنى، ئالدىنقى قېتىملىق غەلبىسىنىڭ تاساددىپىي بولماستىن بەلكى، ئۆز تىرىشچانلىقىنىڭ بەدىلىگەن قان كېچىپ جەڭ قىلىپ غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
بەلكىم بۇ جەڭ غەلبىسىدىن كېيىن، مادرىدنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى ئوت يۈرەك مەستانىلىرى بۇ پەسىلگە نىسپەتەن مادرىدتىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتكەن بولۇشى ۋە چوڭ ئىشەنىچ باغلىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇقېتىملىق غەلبە مادرىد كوماندىسىغا ئامەت ئېلىپ كىلەلمدى. بىرلەشمە جېڭىدە 1-0 ياكى 2-1 بولۇشتەك كىچىك پەرىقلەر بىلەن بىرلەشمىدىكى ئۆزىدىن بىر قەدەر ئاجىز تۇرۇۋاتقان كوماندىلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئالدىنقى يىرىم پەسىل ئاخىرلاشقۇچە قان رەقىبى بارسىلونادىن 13نومۇر كەينىدە قالدۇرۇلدى، ھەتتا بىر شەھەرلىك رەقىبى مادرىد رىقابەتنىڭمۇ كەينىدە قىلىپ، ھەتتا 2- لىك ئورنىنىمۇ تارتقۇزۇپ قويدى. ئەمما كۆڭۈلنى بەزلەيدىغان يېرى، بىرلەشمە ۋە ئۇزغۇنلۇقتىكى زەردارلار ئۇچرىشىشىدا كۈچلۈك رەقىبلىرىگە بوزەك بولمىدى. ئىسپان بىرلەشمىسىنىڭ 7- ئايلانمىسىدا قان رەقىبى بارسىلونا بىلەن قارشى تەرەپ مەيدانىدا 2-2 نەتىجە بىلەن تەڭلەشتى. گەرچە غەلبە قىلالمىغان بولسىمۇ، بارسىلونانىڭ ئۇ ھالىتىدە مېھمان مەيداندا تەڭلىشىشمۇ كىشىنى رازى قىلالمىغۇدەك نەتىجە ئەمەس ئىدى. ياۋروپادىكى كۇلۇپلارنىڭ شاھلىق تەختىنى تالىشىدىغان ياۋروپا ئۇزغانلىق جېڭىدە، داڭلىق 4دۆلەت بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزغۇنلىرى بىلەن بىر گۇرۇپپىغان بۆلەنگەن خانلىق مادرىد كوماندىسى ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزغۇنى، ھازىر يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان، چولپانلار يىغىلغان مانچىستىر شەھىرى كوماندىسى بىلەن جەڭ قىلدى. جەڭ باشلىنىپ ئىككى تەرەپ كەسكىن ئۇرۇش قىلدى ۋە بىر بىرىدىن قىلىشماي كۈچلۈك ھۇجۇملارنى قوزغىدى، بىراق چاتاق بولغىنى مانچىستىر شەھىرى ئاۋال بىر توپ ئۇرۇپ، غەلبىگە يول ئاچتى. مادرىدمۇ بوش كەلمەي، كۈچەپ ئۇرۇشۇپ تېزلا نەتىجىنى تەڭلەشتۈرگەن بولسىمۇ، 81- مىنۇتقا قەدەم قويغاندا مانچىستىر شەھىرى يەنە بىر توپ ئۇرۇپ، مەستانىلىرىنى ھاياجانغا سالدى. مادرىد مەستانىلىرى بولسا مۇداپىئە ۋە ھۇجۇمدا بۇنداق كۈچلۈك كوماندىدىن بۇنداق ۋاقىتتا كېيىن قالغانلىقىدىن كۆڭلى يىرىم بولۇپ، ئۈمىتسىزلىككە تولدى. چۈنكى شەھىرى مانچىستىرنىڭ ئالدىنقى 80مىنۇتتىكى ئىپادىسىدىن قارىغاندا، قالغان ئازغىنە ۋاقىتتا مادرىد ئەمدى بۇ نەتىجىنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىزدەك كۆرۈنەتتى. بىراق ئويلىمىغان يەردىن مادرىد كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئېشەنچىسىنى يوقاتماستىن، تەمتىرىمەستىن چىرايلىق ھۇجۇم قوزغاپ 86- مىنۇتتا بىنزىمانىڭ 1توپ قايتۇرۋىلىشى بىلەن نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۋالدى. بېرنابىئۇ مەيدانى ۋە مەستانىلەر قاينام تاشقىنلىققا چۆمدى، ئۆز كوماندىسىنىڭ ئۇنداق ئاسان بوزەك بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ قويدى. مۇسابىقە ۋاقتى توشاي دىگەندە ھىگۇايىننىڭ قاپقىغا نەچچە مىتىرمۇ كەلمەيدىغان جايدىن ئۇرغان بىر كاللا توپىنى شەھەر قاپقاۋۇلى خارت تەلىيى ۋە ئۆز ماھارىتىگە تايىنىپ توسۇپ چىقاردى. مەستانىلەر تەڭ نەتىجىنى قوبۇل قىلىشقا تەييارلىنىپ بولغان ئىدى، چۈنكى ئىنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزغۇنى بىلەن تەڭلىشىشمۇ ئانچە قوبۇل قىلغىلى بولمىغۇدەك نەتىجە ئەمەس ئەلۋەتتە. بىراق دەل مۇشۇ چاغدا مۆجىزە يۈز بەردى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ، ۋاقىت قوشۇپ بىرىش باسقۇچىغا قەدەم قويغاندا، رونالدو ئوڭ تەرەپتىن ھۇجۇم قوزغاپ، شەھىرى مانچىستىرنىڭ بىر مۇداپىيەچىسىنى ئالداپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئىككىلەنمەيلا توپنى ۋارتارغا قارىتىپ ئۇردى. توپنىڭ ئۇرۇلۇشى گەرچە ئانچە ئۆلچەملىك بولمىغان بولسىمۇ، بىراق خارت ھىگۇايىننىڭ توپىنى قانداق تەلەي بىلەن توسۇۋالغان بولسا، بۇ قېتىم شۇنچىلىك تەلىيى قاچتى. توپ سەبدىشىنىڭ بەدىنىگە بىلىنەر بىلىنمەس تىگىپ ئازراق يۆلىنىش ئۆزگىرىپ كەتكەچكە، خارت بۇ يۆنىلىش ئۆزگەرتكەن توپقا ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغۇچە، توپ خارتنىڭ قولتۇق قىسمىدىن ئۆتۈپ ۋارتارغا كىرىپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ مادرىد كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يامان ھالەتنى ئۆزگەرتىپ، مەغلۇبىيەتنى غەلبىگە ئايلاندۇرۇپ، بىر مەيدان مۇھىم مۇسابىقىسىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى ۋە ئۇزغۇنلۇق جېڭىدە گۇرۇپپىدىن چىقىشقا پۇختا ئاساس سالدى. مادرىد مەستانىلىرىمۇ ئۆز كوماندىسىدىن يەنە بىر قېتىم رازى بولدى. بەلكىم بۇ مەيدان جەڭ مەغلۇبىيەت ياكى تەڭ نەتىجە بىلەن ئاياغلىشىپ قالغان بولسا، بەلكىم ئۇزغۇنلۇق تارىخى ئۆزگەرگەن، مادرىد گۇرۇپپىدىن چىقالماسلىق تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى. كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىلەردە مادرىد گەرچە خېلى تىرىشقان بولسىمۇ سېرىق ھەرىلەرگە بوزەك بوپ قالدى، بىراق گوللاندىيە زەردارىنى قوش بوغۇزلاپ ئىككىنچىلىك سالاھيىتى بىلەن بولسىمۇ گۇرۇپپىدىن چىقىشقا مۇيەسسەر بولدى. ئالدىنقى پەسىل ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا جېڭىدە 6مەيدان تولۇق غەلبە قىلغان خانلىق مادرىد كوماندىسى بۇ يىل 3مەيدان ئۇتۇپ، ئىككى تەڭلىشىپ بىر ئۇتتۇرۇپ، ئاران 11 نومۇرغا ئېرىشىپ قالدى. ھەتتا ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى سېپىدە ئىسپانىيە ب دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى سېرتا كوماندىسى تەرىپىدىن مېھمان مەيداندا مەغلۇپ قېلىندى، ئەمما ھەر ھالدا ئۆز مەيدانىدا بوغۇزلاپ، شەرىپىنى ساقلاپ قالدى. بۇنداق ناچار نەتىجىلەرنىڭ بارلىققا كىلىشىگە مادرىد ئەزالىرى ۋە مەشقاۋۇل ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى نىزالار باش سەۋەپچى بولغان ئىدى. نىمىلا بولمىسۇن مادرىد ئالدىنقى يىرىم پەسىلنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۋالدى. مادرىد ئالدىنقى يىرىم پەسىلدە بىرلەشمىدە 3- ئورۇندا تۇردى، قان رەقىبى بارسىلونادىن 2خانىلىق پەرىق بىلەن كەينىدە قالدى. ئۇزغۇنلۇقتا 2- لىك سالاھىيەت بىلەن قىينىلىپراق گۇرۇپپىدىن چىقىۋالدى، شاھلىق لوڭقىسىدىمۇ ھەر ھالدا سەپتىن چۈشۈپ قالماي ئالغا ئىلگىرىلەپ ماڭدى، چاتاق يېرى مادرىدنىڭ ئەمدىكى رەقىبلىرى ئىلغار قوراللار بىلەن جابدۇقلانغان كۈچلۈك قوشۇنلار ئىدى. يەنى بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئىپادىسى ئىزچىل تۇراقلىق بولۇپ كىلىۋاتقان قان رەقىبى قېزىل كۆك ئارمىيە بىلەن تۇتۇشۇشتىن سىرت، شاھلىق لوڭقىسى ئۇرۇش سېپىدە يەنە شۇ قان رەقىبى بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىش سالاھىيىتىنى تالىشىپ ئۇرۇش قىلىشى كېرەك ئىدى. ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ئۇرۇش سېپىدە بولسا، ‹قىزىل ئالۋاستى› دەپ دەپ نام ئالغان، بۇ پەسىلدىكى ئىپادىسى ئىزچىل تۇراقلىق مېڭىۋاتقان، بىرلەشمىدە بولسا ئۆز بىرلەشمىسىدىكى ھەر قايسى زەردار قوشۇنلارنى كۆرگەنلا يىرىدە قېرىپ، ئۇزغۇنلۇق ئۇرۇش سېپىدە بولسا ئالدىنقى تۆت مەيدان مۇسابىقىدە ئۇدا غەلبە قىلىپ، گۇرۇپپا جېڭىدە 32قوشۇن ئىچىدە 1- بولۇپ گۇرۇپپىدىن ئۈزۈپ چىققان مانچىستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى بىلەن چەك تارتىش ئارقىلىق تۇتۇشۇش بەلگىلىنىپ قالدى. خوپ كەلگەن يېرى، ئىسپان بىرلەشمىسى ھەيئېتى ئالدىنقى پەسىل بارسىلونا بىلەن مادرىدنىڭ ئېسپانىيە دۆلەت دېربىيسى مۇسابىقىسىنىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسى يىرىم ھەل قىلغۇچ جېڭىگە توغرا كىپ قالغانلىقىدەك ساۋاقنى يەكۈنلەپ، بۇ پەسىللىك ئىسپان دېربىيسىنى بالدۇرراق ئورۇنلاشتۇرغان ئېدى. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن بۇ ئاق جېيەكلىك ئارمىيە ئۈچۈن ئامەت ئېلىپ كەلمەستىن بەلكى، ئاپەت ئېلىپ كەلدى. چۈنكى بۇ قېتىملىق ئىسپان دېربىيسى يەنە مادرىدنىڭ قىزىل ئالۋاستى بىلەن 16كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشغا توغرا كېپ قالغان بولۇپ، بۇنداق بولغاندا، مادرىد ئىنتايىن قىسقا مۇددەت ئېچىدە ئارقىمۇ - ئارقىدىن قوشۇنىنى تۈزۈك ئارام ئالدۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەي تۇرۇپ، ئۈچ ئۇرۇش سېپى بويىچە قانلىق جەڭ قېلىشقا توغرا كىلەتتى. بۇنداق ئەھۋال مەيلى مادرىد ۋە ياكى باشقا زەردارلار تارېخىدا تېخى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىدى(تۈركىيەنىڭ چاناق - قەلئە ئۇرۇشىدا كۆرۈلگەن). ئۇنىڭ ئۈستىگە مادرىد ئىچكى قىسمىدىكى نىزالارنىڭ تېخى ئايىغى چىقمىغان ئىدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ خۇددىي ئۇلارنىڭ تەڭرىسى مادرىدنى 10- ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى كىچىكىپرەك ئېلىشقا بۇيرىغاندەك، يەنە بىر كىلىشمەسلىك يۈز بەردى. قىشلىق يۆتكىلىش بازىرى تاقىلاي دىگەندە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى بىر مەيدان بىرلەشمە جېڭىدە كوماندىنىڭ ئاساسلىق قاپقاۋۇلىلا بولغان بولسىمۇ بىر كاشكى، يەنە تېخى كوماندىنىڭ روھىي تۈۋرۈكى، كاپىتان كاشىلىياس بىر قېتىملىق مۇداپىيەدىكى توپ تالىشىش جەريانىدا ئۆز سەبدىشىنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن قولىنىڭ بىر بارمىقى سۇنۇپ كەم دىگەندە 1ئايغىچە داۋالاشى قوبۇل قىلىدىغان بوپ قالدى. ئەگەر كاشىلىياس مەيدانغا چىقالمىسا، كوماندىدىكى زاپاس قاپقاۋۇل ئادەننىڭ كۈچىگە تايىنىپ مادرىد 2ئۇرۇش سېپىدە(ئۇزغۇنلۇق ۋە شاھلىق لوڭقىسى) كۈچلۈك رەقىپلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇزۇنغا چېپىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايىتتى. ئەمما مادرىدقا بىر ئوڭ كەلگەن يېرى شۇ بولدىكى، يۆتكىلىش بازىرىغا يېپىلىدىغانغا تېخى نەچچە كۈن بار ئىدى(ئەگەر يۆتكىلىش بازىرى تاقالغاندا يارلىنىپ قالغان بولسا قانداق قىلاتتى ھە مادرىد). شۇنىڭ بىلەن مادرىد يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر مورىنھونىڭ كۆرسىتىشى بىلەن مادرىدنىڭ بۇرۇنقى قاپقاۋۇلى دېيىگو لوپىزنى كوماندىغا قوشۇۋىلىشقا ئۈلگۈردى. بىراق بۇ پەقەت بىر تەۋەككۈل سودا بولۇپ، مادرىد ئامالسىز قالغان ئېدى، لوپىزنىڭ ئىپادىسىنىڭ قانداق بولۇشىغا ھېچقانداق كىشى كاپالەت بىرەلمەيىتتى. شۇنداق قېلىپ، كاشىلىياس دوختۇرخانىدا بوپ قالدى، مادرىد مۇئاۋىن كاپىتان راموسنىڭ باشچىلىقىدا ۋە لوپىزنىڭ ئېشىك باقارلىقىدا كېيىنكى يېرىم پەسىللىك ئۇرۇش سېپىغا ئاتلىنىپ كەتتى. بىرلەشمە مۇسابىقە باشلىنىپ بىر نەچچە مەيدان خېلى ئوڭۇشلۇق بولغان بولسىمۇ، لېكىن يېڭى دەرىجە ئۆرلەپ چىققان خانلىق بېتىس كوماندىسىغا يەنە 1-0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى. قارىماققا مادرىدنىڭ ئېچكى قىسمىدىكى نىزالار بېسىقمىغاندەك قىلاتتى. ئاندىن ئۇزغۇنلۇق ۋە شاھلىق لوڭقىسى ئۇرۇش سېپىدە ئۆز مەيدانىدا 1-1 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. گەرچە مادرىد ئۇتتۇرۇپ قويمىغان بولسىمۇ، بۇنداق مۇھىم ئۇرۇشتا ئۆز مەيدانىدا تەڭلىشىش ۋە قارشى تەرەپكە مېھمان مەيدان توپى سوۋغا قىلىش تازا كۆڭۈلىدىكىدەك نەتىجە ئەمەس ئېدى. ئامال يوق، كىمدىن ئاغرىنىمىز ئەمدى. شۇنداق قىلىپ بۇ بىر مەزگىللىك جىددىيچىلىك بىر مەھەل پەسەيگەن بولسىمۇ، مادرىد قايتىدىن يەنە ئالۋاستى مۇسابىقە پەسلىگە كىردى. 7كۈننىڭ ئىچىدە مادرىد شاھلىق لوڭقىسىدا بارسىلونا، ئىسپان بىرلەشمىسىدە بارسىلونا، ئۇزغۇنلۇقتا مانچىستىر بىرلەشمىسى بىلەن قانلىق ئۇرۇش قېلىشى كېرەك ئىدى. شۇنداق قىلىپ مادرىد بۇ جاپالىق جەڭگە ئاتلاندى. بىرلەشمىدىن چوڭ ئۈمىد قالمىغان ئەھۋال ئاستىدا مادرىد چوقۇم شاھلىق لوڭقىسى ۋە ئۇزغۇنلۇققا پۈتۈن كۈچىنى سەرىپ قېلىشى كېرەك ئىدى. شۇڭا مادرىد ئاۋۋال ھەپتە ئارلىقىدا ئېلىپ بىرىلغان شاھلىق لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ 2- ئۇچرىشىشىدا ئاساسلىق جەڭچىلىرىنى ئىشقا سىلىپ، باشتىن ئاخىرى ئۈستۈنلۈكنى ئېگىلىدى ۋە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بارسىلونانى پۇخادىن چىققۇدەك بىر ئۇتتى. ئاندىن ئۈچ كۈندىن كېيىنكى بىرلەشمە مۇسابىقىدە بارسىلونا بىلەن ئۆز مەيدانىدا يەنە تۇتۇشۇشى كېرەك ئېدى. لېكىن 3 كۈندىن كېيىن يەنە قىزىل ئالۋاستى بىلەن بىر پەسىللىك مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە ئىنتايىن مۇھىم بولغان ھايات - ماماتلىق بىر مەيدان كەسكىن كۆرەش ئىلىپ بىرىلىدىغان بولغاچقا، ھەمدە بىرلەشمىدىن چوڭ ئۈمىد كۈتكىلى بولمىغاچقا مادرىد بۇ جەڭگە ئەڭ مۇھىم ئەزالىرىنى ئارام ئالدۇرغان ئاساستا، يىرىم ئاساسلىق سەپ شەكلى بىلەن جەڭگە چېقىشقا مەجبۇر بولدى، چۈنكى بۇ مەيدان جەڭدە ئۇتتۇرۋەتتى دېگەن تەقدىردىمۇ بەك چوڭ پەرىق بىلەن ئۇتتۇرۋەتمىسىلا كارايىتى چاغلىق ئېدى. بىراق بۇ جەڭدىمۇ يەنە ئويلىمىغان نەتىجە بارلىققا كەلدى ۋە بىنزىما، موراتتا، راموسلارنىڭ تۆھپىسىدە 2-1 نەتىجە بىلەن غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇ پەسىلدىكى قان رەقىبى بىلەن بولغان جەڭدە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئېگىلىدى ۋە ئەڭ قېسقا ۋاقىتتا دۆلەت دىربىيسىدا غەلبە قىلىش رىكورتىنى ياراتتى. شۇنداق قىلىپ مادرىد بۇ 2 ئۇرۇش سېپىدە قانلىق جەڭ قېلىپ، ئامان ئېسەن ئۆتىۋالدى. 3 كۈندىن كېيىن ئاق ساۋۇتلۇق ئارمىيە 1- نومۇرلۇق قاتىل توپچىسى كىرىستىيانو رونالدو تۇنجى قېتىم كونا ئائىلىسى كونا تىرانفورد مەيدانىغا قايىتتى، ئەمما بۇ قېتىم ئۇ دۈشمەن سۈپىتىدە بۇ يەرگە جەڭ قىلغىلى كەلگەن ئېدى. بۇرۇن ئۇنىڭ بۇ جايدا توپ مەستانىلىرى، مەشقاۋۇل ۋە سەپداشلىرى بىلەن 6 يىللىق ئۇنتۇلماس مېھىر - مۇھەببىتى ۋە ئەسلىمىلىرى قالغان ئېدى. شۇنداق قىلىپ 3- ئاينىڭ 6- كۈنى رونالدو ئاق ساۋۇتلۇق ئارمىيىدىكى سەبداشلىرى بىلەن مانچىستىر شەھىرىگە جايلاشقان كونا تىرانفورد مەيدانىغا يېتىپ كەلدى. مۇسابىقە مۇرەككەپ ھېسسىياتلار ئارىسىدا باشلاندى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مادرىد چوقۇم توپ ئۇرۇشى كېرەك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاكتىپ ھۇجۇم قىلىش بىردىنبىر تاللاش ئىدى. شۇڭا مادرىد كوماندا ئەزالىرى ئالدىرىماي ھۇجۇم تەشكىللىپ، كوللىكتىپچانلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ نومۇر ئېلىشقا كۈچىمەكچە بولدى. مانچىستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى بولسا 0-0 نەتىجىنى ساقلاپ قالالىسىلا بۇ ئۇرۇشتا غالىب قوشۇنغا ئايلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن ئېستىھكام ئۇرۇشى قىلدى. ئاساسلىق مۇداپىيىگە كۈچەپ ئۆزىدىكى ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ، تېز سۈرئەتتە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، مادرىدقا ئاز بولمىغان ئاۋارىچىلىكلەرنى كەلتۈردى ۋە نۇرغۇن تەھدىت پەيدا قىلدى. بىراق مادرىد دەرۋازىسىنى ئاچالمىدى. ئالدىنقى يىرىم مەيدان 0-0 نەتىجە بىلەن ئاياقلاشتى. قىسقىغىنا ئارام ئېلىش ۋاقتىدا داڭلىق قوماندانلاردىن فۇرگېسىن بىلەن مورىنھو قانداق تاكتىكا ۋە تەڭشەشلەرنى ئورۇنلاشتۇردى ئۇ بىزگە نامەلۇم، ئارام ئېلىش ۋاقتى توشۇپ ئىككى ئارمىيەدىكى قەيسەر جەڭچىلەر قايتىدىن يەنە ئۇرۇش مەيدانىغا قايتىپ كەلدى. ئۇرۇش داۋاملىشىپ قىزىل ئالۋاستىلار بىر قېتىملىق قايتۇرما ھۇجۇم پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تېز سۈرئەتتە كوللىكتىپ ھۇجۇم قوزغىدى ۋە نانىنىڭ تەپكەن توپى راموسنىڭ پۇتىغا تىگىپ، ئۇددۇل قاپقا تەرەپكە شۇڭغىدى، لوپىز بۇ توپقا ئىنكاس قايتۇرغان بولسىمۇ، توپ ئاللىبۇرۇن قاپقا سىزىقىدىن ئۆتۈپ بولغان ئىدى. شۇنداق قېلىپ ئالۋاستىلار مەيداندا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. كېيىن يەنە ئالۋاستى قاتىل ھۇجۇمچىسى ۋان پىرىس تەپكەن بىر توپ لوپىزنىڭ ئۈستىدىن ئۆتۈپ، قاپقا سىزىقىغا يېقىنلىشپ قالغاندا، مادرىد تۆمۈر ئارقا بەل ماھىرى چاققانلىق بىلەن توپنى چىقىرۋىتىشكە ئۈلگۈردى، ئەگەر بۇ توپ كىرىپ كەتكەن بولسا، مادرىد ئەزالىرىغا ئېغىر زەربە بولۇشى ئۈمىتسىزلىككە تولغا مادرىد جەڭچىلىرى نەتىجىنى ئۆزگەرتىشكە ئىلاجسىز قىلىشى مۇمكىن ئىدى. مۇسابىقە داۋاملىشىپ بىر قېتىملىق توپ تالىشىش جەريانىدا نانى قائىدىگە خېلاپ ھەرىكەت ئىشلەپ سالدى، تۈركىيلىك ھۆكۈمدر نانىغا بىۋاستە قىزىل كارتا بىرىپ مەيداندىن چىقىرۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن مورىنھو قارشى تەرەپنىڭ 10 ئەسكىرى قالغانلىق پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، دەرھال مۇداپىئەدىكى بىر ئەزانى چۈشۈرۋىلىپ، ئوتتۇرا مەيدان ئەزاسى مودرىچنى مەيدانغا چىقاردى. مودرىچ چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئوتتۇرا مەيداندا سالماقلىق بىلەن ھۇجۇم تەشكىللەپ چەكلەنگەن رايون سىزىقى سىرتىدىن توپ تېپىپ نومۇر ئالدى، توپ ھەقىقەتەن چىرايلىق تېپىلگەن ئېدى، بۇ توپ تەلەي ۋە شەخسىي تېخنىكىنىڭ مەسئۇلى بوپ قالغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ مەيدان ھاياجانلىق قاينىمىغا چۆمدى، مادرىد مەستانىلىرى يەنە بىر قېتىم ئازراق ئۈمىدنى كۆرگەندەك بولدى. ئۇزۇن ئۆتمەي مادرىد يەنە قارشى تەرەپ مەيدانىنىڭ چەكلەنگەن سىزىقى رايونىدا ئۆزىل، ھىگۇايىن ۋە رونالدولارنىڭ چىرايلىق ماسلىشىش ئارقىسىدا يەنە بىر نومۇر ئېلىۋالدى. توپنى رونالدو ئۇرۇپ كىرگۈزدى ۋە ۋەدىسى بويىچە تەبرىكلەش ھەركىتى ئىشلىمەي كونا ئائىلىسىگە بولغان ھۆرمىتىنى ئېپادىلىدى. رونالدو بۇرۇن قىزىل ئالۋاستىدا ۋاقتىدىمۇ كونا ئائىلىسى لىسابون رىقابەت كوماندىسىغا قارشى جەڭگە چىققان ۋە سايىپخان - مېھمان مەيداندا توپ ئۇرۇپ، كوماندىسىنى بوغۇزلىغان ۋە تەبرىكلەش ھەركىتى ئېشلەشنى رەت قىلغان ئېدى. شۇنىڭ بىلەن رونالدو ئىككى كونا قوشۇنىنى بوغۇزلىغان جەڭچىگە ئايلاندى. بۇنداق بولغاندا، مانچىستىر بىرلەشمىسى كەم دىگەندە ئىككى نومۇر ئېلىشقا توغرا كىلەتتى. بۇ ۋاقىتتا ھۆرمەتكە سازاۋەر داڭلىق مەشقاۋۇل فۇرگېسىن ئورنىدا ئولتۇرالماي قالدى ۋە دەرھال تاكتىكا تەڭشەش ئېلىپ بىرىپ، قاتتىق ھۇجۇم قىلىپ، غەلبە مېۋىسىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن رونى قاتارلىق ئاساسلىق ئەزالارنى دەرھال مەيدانغا چىقاردى.كېيىنكى 30مىنۇتتا قىزىل ئالۋاستى قوشۇنى قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن قاتتىق بومباردىمان قىلغان بولسىمۇ نەتىجىنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز قالدى. مۇسابىقىدە مورىنھو مۇددەتتىن بۇرۇن مەيداندىن ئايرىلىپ، پىشقەدەم مەشقاۋۇلغا ۋە قىزىل ئالۋاستى قوشۇنى ۋە توپ مەستانىلىرىغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى، مورىنھونىڭ بۇ قىلمىشىمۇ پۇتبول دۇنياسىدا ئالقىشقا سازاۋەر بولدى ئەلۋەتتە. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ مەيدان مۇسابىقە زور غۇلغۇلا قوزغىدى، گەرچە ئالۋاستى مەستانىلىرى مۇسابىقىدە ئۇتتۇرغىنىغا قايىل بولمىسىمۇ، ياخشى ئىبارىلىق مەدھىيە سۆزلىرى بىلەن مادرىد كوماندىسىنى مۇبارەكلىدى. مۇسابىقىدىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنىدا مورىنھو تېخىمۇ ياخشى كوماندا شاللىنىپ كەتتى، بىز ئەسلى بۇ غەلبىگە مۇناسىپ ئەمەس دېيىش ئارقىلىق قىزىل ئالۋاستى ۋە فۇرگېسىنغا بولغان ھۆرمىتىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىدى. كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت شۇكى، مانچىستىر ئۇ مەيدان مۇسابىقىدە ھەقىقەن ئېسىل ئوينىغان ئىدى، شۇنداقلا مانچىستىر مەستانىلىرىنىڭمۇ مادرىدنىڭ غەلبىسىنى مەينەت دەيدىغان ھېچقانداق ئاساسى يوق ئېدى. شۇڭا مۇسابىقىدىن كېيىن بۇ مەيدان مۇسابىقە زور غۇلغۇلا قوزغىغان بولسىمۇ مۇنازىرىلەر پاكىزە ۋە ئىلمىي يۇسۇندا ئېلىپ بىرىلدى. شۇنداق قېلىپ مادرىد ئىقتىدارلىق قوماندان مورىنھونىڭ يىتەكلىشى ۋە كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئورتاق كۈچ چېقىرىشى نەتىجىسىدە ئۈچ ئۇرۇش سېپىدە نۇسرەپ قازىنىپ، توختاۋسىز ئالغا ئېلگىرلىدى. بىرلەشمىدە گەرچە بارسىلونانىڭ ئالدىغا ئۆتىۋىلىش ئىمكانىيىتى قالمىغان بولسىمۇ، بېرلەشمىدىكى مۇسابىقىلەردە ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى ۋە بىر شەھەرلىك رەقىبى مادرىدنى كەينىدە قالدۇرۇپ 2- لىك ئورنىنى قايتۇرىۋالدى. ئۇزغۇنلۇق ئۇرۇش سېپىدە بولسا چەك تارتىش ئارقىلىق ئانچە كۈچلۈك دەپ قارالمايدىغان، ئەمما بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ياۋروپادا داڭلىق ماھىرلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ، تەدرىجىي باش كۆتۈرىۋاتقان، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان غەلىتە ساراي قوشۇنى بىلەن چارەك ھەل قىلغۇچ جېڭى ئېلىپ بارىدىغانلىقى بەلگىلەندى. گەرچە بۇ قوشۇن ئانچە كۈچلۈك دەپ قارالمىسىمۇ، ئۇزغۇنلۇق 8كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىرگەن بۇ قىزىل سىرىق قوشۇننى ھەرگىز سەل چاغلاشقا بولمايىتتى. شۇڭا مۇسابىقىدىن بۇرۇن قوماندان مورىنھو ئادىتى بويىچە تۈركىيەگە بىرىپ ئۇلارنىڭ نەچچە مەيدان مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ، ئۇلار ئۈستىدە خېلى زور تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردى. 4- ئاينىڭ 4- كۈنىدىكى غەلىتە ساراي بىلەن ئېلىپ بىرىلغان تۇنجى جەڭدە مادرىد ئۆز مەيدانىدا 3-0 نەتىجە بىلەن خېلى ئوڭايلا غەلبىنى قولغا كەلتۈرىۋالدى ۋە يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە بۆسۈپ كىرىشكە پۇختا ئاساس سېلىۋالدى. بۇ مۇسابىقىدىن قارىماققا، غەلىتە ساراي راستىنلا ئانچە كۈچلۈك ئەمەستەك كۆرۈنەتتى. ئەمما بۇ مەيدان مۇسابىقىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان يېرىكى شۇكى 8000دەك ئەسەبىي تۈرك پۇتبول مەستانىلىرى بۇ مەيداننى مادرىدنىڭ ئەمەس بەلكى غەلىتە ساراينىڭ سايىپخان مەيدانىغا ئايلاندۇرۋەتكەن ئىدى. 2- ئۇچرىشىش 4- ئاينىڭ 10- كۈنى غەلىتە ساراي مەيدىنىدا ئىلىپ بىرىلىدىغان بولۇپ، بۇ مەيدان ھەممىگە داڭقى پۇركەتكەن، خېلى - خېلى زەردارلار بىرىپ مەغلۇبىيەت بىلەن قايتىپ كەلگەن ئىسمى - جىسمىغا لايىق ئالۋاستى مەيدان ئىدى. ئويلىغاندەك بۇ مەيدان مۇسابىقە مادرىدقا نىسپەتەن ئانچە ئوڭايغا توختىمىدى، غەلىتە ساراي كوماندىدىسىدىكى چەتئەللىك ماھىرلارنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە مادرىد ھەتتا بىردەمنىڭ ئىچىدىلا شاللىنىپ قىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئىدى. ئەمما تەلىيىگە يەنە 3-2 نەىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ، ئومۇمىي نومۇردىكى ئۈستۈنلىكى بىلەن ئوڭۇشلۇق ھالدا 4كۈچلۈك قاتارىغا بۆسۈپ كىرۋالدى ۋە ئۇف دەپ چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋالدى. بۇ جەرياندا بىرلەشمىدىمۇ ئوخشاشلا ياخشى ئىپادىسى بىلەن مىڭىپ، ھەرقايسى ئۇرۇش سەپلىرىدە ئۇدا نۇسرەت قازاندى. ئۇزغۇنلۇق ئۇرۇش سېپىنىڭ يىرىم ھەل قىلغۇچ جېڭىدە مۇشۇ 3يىل جەريانىدا ئىقتىدارلىق ياش قوماندا كىلوپنىڭ يىتەكلىشىدە، كوماندىدىكى ياش جەڭچىلەرگە تايىنىپ ئۆزگىچە ئويناش ئۇسلۇبى بىلەن گېرمانىيە ۋە ياۋروپادا يۇقىرى شان - شۆھرەت قازىنىۋاتقان سېرىق ھەرە قوشۇنى - دورتمۇند كوماندىسى بىلەن قايتا ئۇچرىشىش بەلگىلەندى. بۇ پەسىل سىرىق ھەرە قوشۇنىنىڭ ئىپادىسى ئۆتكەن ئىككى يىلدىكىدەك تۇراقلىق بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇزغۇنلۇقتا بىردىن بىر ئۇتتۇرماي مېڭىۋاتقان قوشۇن بولۇپ، سايىپخان مەيداندا تولۇپ ئۇتۇپ، مېھمان مەيداندا 1ئۇتۇپ 4 تەڭلىشىشتەك ياخشى نەتىجە بىلەن كىلىۋاتقان، ئەمىلىي كۈچى كۈچلۈك بولغان قوشۇن ئىدى. ھەتتا گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىمۇ مادرىدنى ئۆز مەيدانىدا ئۇتۇپ، مېھمان مەيداندا تەڭلەشكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىنقى ئىككى يىلدا گېرمانىيەدىكى ئەڭ كۈچلۈك كوماندا ۋە گېرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى بىردىنبىر تەڭداش رەقىبىنى ئۇدا بەش مەيدان ئۇتۇش ۋە ئالتە مەيدان ئۇتتۇرماسلىقتەك رىكورت ياراتقان ئىدى. شۇڭا بۇ سېرىق ھەرىلەرگىمۇ سەل قاراشقا بولمايىتتى. شۇڭا قوماندان مورىنھو يەنىلا كونا ئادىتى بويىچە گېرمانىيىگە ئۇچۇپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى كۈزەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ 7كۈن مادرىد ئۈچۈن يەنە بىر ئىنتايىن ھالقىلىق يەتتە كۈن بولۇپ، 2 مەيدان ئۇزغۇنلۇق جېڭىدىن باشقا ھەپتە ئوتتۇرىسىدىكى بىرلەشمە جېڭىدە بىر شەھەردىكى قان رەقىبى مادرىد رىقابەت كوماندىسى بىلەن مادرىد شەھىرى دېربىيسى توغرا كەپ قالغان ئېدى، قاراڭ بۇ كىلىشمەسلىكلەرگە، قارىغاندا مادرىدنىڭ 10- لوڭقا ئېلىشىنى راستىنلا خالىمىغان بولسا كېرەك. 4- ئاينىڭ 25- كۈنىدىكى يىرىم ھەل قىلغۇچ 1- ئۇچرىشىش ياۋروپادىكى يەنەبىر داڭلىق ئالۋاستى مەيدان ۋېسىتفالۇن مەيدانىدا ئۆتكۈزىلىدىغان بولۇپ، مادرىد تەرەپتىن بۇ مۇسابىقىگە ۋارانىي چىقالمايدىغان بولغاچقا، قوماندان مورىنھو نەچچە يىلدىن بۇيان مادرىد ئۈچۈن ئوتتۇرا مۇداپىيە ئورنىدا تۆمۈردەك تۇرۇپ كېلىۋاتقان پېپىنى قويدى. بىراق بۇ تاللاشنىڭ مادرىدنىڭ قارا چۈشىنىڭ سەۋەبچىسى بوپ قالدىغانلىقىنى كىم ئويلىغان دەيسىز(بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بۇرۇنقى تۆھپىلىرىگە كۆز يۇممايمىز ئەلۋەتتە، بىراق ئىشەنگەن تاغدا كىيىك يوق دىگەندەك ئىش بولدىدە). بۇ جەڭدە پېپىنىڭ ئىپادىسى پەقەت ياخىشى بولمىدى، مادرىد سېرىق ھەرىنىڭ پولشالىق قاتىل ھۇجۇمچىسى لېۋانتوۋىسكى تەرىپىدىن تۆت توپ ئېستىمال قىلىۋالدى ۋە قارشى تەرەپ تۆمۈر بېكى خۇمىلىسنىڭ بىر قېتىملىق سەۋەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، تەلىيىگە يارىشا 1 توپ قايتۇرىۋالدى. مادرىد ئېستىمال قىلغان تۆت توپنىڭ ھەممىسىدە دىگۈدەك پېپىنىڭ سەۋەنلىكى ئېغىر بولدى. پېپىنىڭ بۇنداق مۇھىم مۇسابىقىدە بۇنداق ئىپادە كۆرسىتىشىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز. بىراق مادرىد قايتۇرۋالغان بىر توپ، مادرىدنىڭ ئۆز مەيدانىدا مەغلۇبىيەتنى غەلبىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ ئاز تولا ئۈمىد نۇرلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى. 5- ئاينىڭ 1- كۈنى بېرنابىئۇدىكى 2- ئۇچرىشىشتا بارلىق مەستانىلىرى ئۆز كوماندىسىنىڭ مادرىد رىۋايەتلىك توپچىسى، مادرىدنىڭ خۇانىتو روھىنى قايتا بىر نامايەندە قىلىپ، غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشىىنى ئۈمىد قىلدى ۋە ئۆز كوماندىسىغا قەتئېي ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشۈپ 80مىڭدىن ئارتۇق مەستانە بېرنابىئۇغا يىغىلىپ ئۆز كوماندىسىغا مەدەت بەردى. مۇسابىقە ناھايىتى قىزىپ كەتتى، مادرىد پۈتۈن كۈچىنى ھۇجۇمغا قارىتىپ، باشتىن ئاخىرى غالجىرلارچە توپ تالىشىپ ئوينىدى، بىراق سېرىق ھەرىلەر ھېچ پۇرسەت بىرىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. بىراق مادرىدمۇ تىرىشىپ نۇرغۇن ياخشى ھۇجۇملارنى قوزغىدى ۋە قارشى تەرەپكە نۇرغۇن تەھدىتلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئەمما بۇ مەيدان مۇسابىقىنى بىرلا ئېغىز سۆزگە، يەنى تەلەي كەلمىدى دېگەن سۆزگە يىغىنچاقلاشقا تامامەن ھەقلىقمىز، بولمىغاندا مادرىد بەلكىم مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى 20 مىنۇتىدىلا 3 توپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتەلىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما بۇ قېتىم راستىنلا تەلەي تەلتۆكۈش بىزگە ئارقىنى قىلىۋالغان ئېدى. مادرىد جەڭچىلىرى بۇ جەڭنىڭ تاكى 80- مىنۇتىغىچە 0-0 ماڭغان نەتىجىنى 86مىنۇت بولغاندا قىسقىغىنە بەش مىنۇتلۇق تىرىشچانلىقى بىلەن 2-0 قىلىپ ئۆزگەرتتى. ئەمما مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى 7-8 مىنۇتىدا مادرىد بارلىق كۈچىنى ئىشقا سىلىپ تېرىشقان بولسىمۇ نەتىجىنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز قالدى. گەرچە شاللىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ياخشى يېرى شۇكى، مادرىد مەستانىلىرى بۇ قانلىق جەڭ ئاخىرلاشقۇچە ئۆز كوماندىسىنىڭ غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئېشىنىپ ئولتۇردى، پەقەت مۇسابىقە پۇشتېكى چىلىنغاندىلا مادرىد مەستانىلىرى ئامالسىز بۇرەھىمسىزرېئاللىقنى قوبۇل قىلدى. مادرىدمۇ قاتتىق تىرىشىپ، ئاخىرقى تېنىقىغىچە تەسلىم بولمىدى، كەڭ پۇتبول مەستانىلىرىغا بىر مەيدان ئېسىل جەڭدىن ھوزۇرلىنىش پۇرسىتى ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە ئەمەلىيەتتە ئۆزىدە ھەل قىلغۇچ جەڭگە بۆسۈپ كىرگۈدەك ئەمەلىي كۈچنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. شۇڭا بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن ھېچقانداق مادرىد مەستانىسى ئۆز كوماندىسىدىن سۆيۈنسە ۋە پەخىرلەنسە پەخىرلەندىكى ھېچكىم ئەيىبلىمىدى. بۇنى پەقەت تەلىيىنىڭ كاجلىقىدىن كۆردى. بەلكىم خېرىستايانلارنىڭ تەڭرىسى ئۇلارنى راستىنلا 10- لوڭقىنى ئالدىرىماي قولغا كەلتۈرۈشكە بۇيرىغاندۇ. شۇنداق قېلىپ بۇ مەيدان مۇسابىقىمۇ ئاخىرلاشتى، مادرىد كوماندىسى ۋە مەستانىلەر بۇ رەھىمسىز رېئاللىقنى ئىلاجىسىز قوبۇل قېلدى. ئەمدىكى ئۈمىد شاھلىق لوڭقىسىدا قالغان ئېدى. شاھلىق لوڭقىسىدىكى رەقىبى يەنە شۇ بىرشەھەرلىك قان رەقىبى مادرىد رىقابەت كوماندىسى ئىدى. ئەمما ياخشى يېرى شۇكى مادرىد رىقابەت خانلىق مادرىدنى ئۇتۇپ باقمىغىلى ئۇزۇن زامانلار بولغان بولۇپ، بولۇپمۇ مورىنھو دەۋرىدە مادرىد بۇ قان رەقىبىنى ئۇدا مەغلۇب قىلىپ كىلىۋاتقان ئېدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەل قىلغۇچ جەڭ خانلىق مادرىد سايىپخان مەيدانى سانتىياگو بېرنابىئۇ پۇتبول مەيدانىغا جايلاشقان بولۇپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىن مادرىد ئەۋزەل ئورۇندا تۇراتتى. ئەمما كىم ئويلىغان دەيسىز، بۇ ئەۋزەللىكلەرمۇ مادرىدنىڭ مەغلۇبىيىتىگە دال بولالمىدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مادرىدنىڭ يەنە تەلىيى قاچتى، نۇرغۇن ياخشى پۇرسەتلىرى تۈۋرۈك سوقۇش بىلەن كۇپايىلەندى، يەنە نۇرغۇن ياخشى پۇرسەتلىرى قاپقاۋۇل ۋە بىكلەر تەرىپىدىن چىقىرۋىتىلدى. ئاخىرىدا بولسا 1 توپ ئۈستۈنلتە شارائىتتا 2 توپ كەتكۈزۈپ، بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسى ۋە شاھلىق لوڭقىسى ئۆز مەيدانىدا بىر شەھەرلىك قان رەقىبى تەرىپىدىن تارتىۋىلىندى. يامان بولغان يېرى شۇكى بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن يەنە، مورىنھونىڭ يەنە بىر چوڭ رىكورتى، يەنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇتتۇرماسلىق رىكورتى بىتچىت قېلىندى. شۇنداقلا مورىنھونىڭ مەشقاۋۇللۇق ھاياتىدىكى تۇنجى ھوسۇلسىز پەسىل بوپ قالدى. شۇنداق قېلىپ ئىقتىدارلىق قوماندان مورىنھونىڭ مەشقاۋۇللۇق كەسپىي ھاياتىدىكى 3تۈرلۈك چوڭ رىكورتى ياۋروپادىكى 1- نومۇرلۇق زەردار خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ قولىدا بىتچىت قېلىندى. مادرىدنىڭ بۇ بىر پەسلى بولسا ھوسۇلسىز ئاخىرلاشتى. ئەمما ھوسۇلسىز ئاخىرلاشتى دىگەنلىك ھەرگىزمۇ نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى دىگەنلىك ئەمەس. فىلورىنتىنو ئېيىتقاندەك، بۇ پەسىل مادرىد توپچىلىرى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك ئىتتىپاقلىشىپ، ھەرقايسى ئالۋاستى مۇسابىقە پەسلىدىن ساق سالامەت ئۆتۈۋالدى، بۇ مورىنھونىڭ ھەقىقەتەن ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر كارتىنىسى.
ئۇزغۇنلۇق، شان - شەرەپ، بەس - مۇنازىرە، نۇرغۇن كىشىلەر ئارىسىدا مورىنخو مەڭگۈ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ كارتىنىسىدىكى قىزىق نۇقتا، ئوخشىمىغان 4جەڭ مەيدانىدىكى 20قېتىم ئۇزغۇنلۇققا ئېرىشىشتەك شانلىق جەڭ نەتىجىلىرى بۇ ئەسەبى، تەلۋە تىرىنىرنى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى تىرىنىر بولۇشتەك شان - شەرەپكە ئېرىشتۈردى. 80- يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا، پۇتبول مەشقاۋۇلى بولۇشقا ئىرادا باغلىغان مورىنخو ئاۋۋال ئەنگىلىيەنىڭ لوندوندا ئوغىرلىقچە بىلىم ئاشۇردى، ئاندىن ئىلگىرى - كىيىن بولۇپ لىسىبون رىقابەت، بىنفىكا، بارسىلونا كۇلۇپلىرىدا ياردەمچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى ۋە شۇنداقلا ئادەتتىكى تەرجىمانلىق خىزمىتىنى ئىشلەش داۋامىدا، ياشلار تىتىپ بىقىشقا تىگىشلىك تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق سوغۇقلىرىنى بىشىدىن ئۆتكۈزدى. مورىنخو ئىلگىرى: مىنىڭ مۇۋۋەپپىقىيىتىم پەقەت ئۆزۈمنىڭ مۇستەھكەم ئىرادەم ۋە ئۆز نىشانىم ئۈچۈن توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش روھىم بەدىلىگە كەلگەن.- دەيدۇ. توغرا، ھازىرقى نۇرغۇن داڭلىق مەشقاۋۇلنىڭ بۇرۇندا پۇتبولچى بولغانلىق تارىخى بولغان، ۋە كۆپىنچىلىرى ئاشۇ ئۆزى توپ تەپكەن كوماندىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئاشۇنداق ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئەمما ھېچقانداق پۇتبولچىلىق تارىخى بولمىغان مورىنھو بولسا تۈزۈك قوللاش بولمىغان شارائىتتا، قېقىندا - سوقۇندا بولۇپ يۈرۈپ ئۆز تېرىشچانلىقى ۋە ئىگىلمەس سۇلماس ئىرادىسىگە تايىنىپ، پۇتبول دۇياسىدا ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب مىجەز - خاراكتېرى بىلەن تونۇلغان داڭلىق مەشقاۋۇلغا ئايلاندى. ئىرادىسىز كىشىلەرگە نىسپەتەن بۇ ھەقىقەتەنمۇ ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدىغان نەتىجە دەپ قارايمەن. باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا قاندان باھا بىرىشىدىن قەئېينەزەر، ئۇنىڭغا ئىرادىلىك ئادەم دەپ باھا بىرىشنى لايىق تاپتىم.
مورىنھونىڭ خىزمىتىگە باھا: خانلىق مادرىد كوماندىسىدا ئۈچ يىل مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مورىنھو، گەرچە چوڭ - كىچىك سەۋەنلىكلەردىن خالىي بولالمىغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ خىزمىتىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ(ھەر قېتىملىق ئۇزغۇنلۇقتا ناتونۇش كوماندىلارنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرگىلى بىرىپ كۈزىتىشى ۋە تەتقىق قىلىشى بۇنىڭ بىر مىسالى، ياۋروپادا شۇنداق مەشقاۋۇلدىن يەنە قانچىسى بار)، كوماندسىىنىڭ نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تېرىشتى. بۇ ئۈچ يىلدا مادرىد كوماندىسى ئۇدا ئۈچ پەسىل ئۇزغۇنلۇق تۆت كۈچلۈكلەر قاتارىغا بۆسۈپ كىرىپ، ئۈچ يىل بۇرۇنقى ئۇدا 8 يىل 8 كۈچلۈك سىرتىدا قېلىش تارىخىغا خاتىمە بەردى. بىرلەشمىدە قان رەقىبىگە ئۇدا بوزەك بولۇشتىن، ئاستا - ئاستا تەدرىجى تەرققى قىلىش ئارقىلىق تەڭلىشىش ۋە غەلبە قىلىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى. بۇ ئۈچ پەسىلدىن ئالدىنقى ئىككى پەسىلدە بىرلەشمىدە كىرگۈزگەن توپ سانى ئۇدا ئۈچ خانىلىق سانغا يىتىپ، 2009- 2010- مۇسابىقە پەسلىنى قوشقاندا ئۇدا ئۈچ پەسىل بىرلەشمىدە كىرگۈزگەن توپ سانى ئۈچ خانىلىق سانغا يەتكەن كوماندىغا ئايلىنىپ رېكورت ياراتتى(بۇنداق نەتىجىنى 2009- يىلدىن 2011- يىلغىچە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنى مونۇپۇل قىلىۋالغان بارسىلونامۇ يارىتالىغان ئەمەس). بۇ پەسىلمۇ ھازىرغىچە بىرلەشمىدە 94 توپ ھوسۇل ئالغان بولۇپ، ئەگەر كېيىنكى ئىككى مەيداندا 6 توپ ھوسۇل ئالالىسا بىرلەشمىدە ئۇدا تۆت پەسىل ئۇرغان توپ سانى ئۈچ خانىلىق سانغا يەتكەن كوماندىغا ئايلىنىپ، 100نومۇر رېۋايىتىدىن كېيىنكى يەنە بىر ئۆچمەس شانلىق ئابىدىگە ئايلانغۇسى. مورىنھو يەنە بۇ پەسىل ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 5- ئايلانمىسىدا مانچىستىر شەھىرى بىلەن ئوينالغان مۇسابىقىدە ئېتىقاد پۇتبول مەيدانىدا ئۆزىنىڭ مەشقاۋۇللۇق ھاياتىدىكى 100- مەيدان ياۋروپا ئازغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى كۈتىۋالغان بولۇپ، شۇنداقلا 5- بولۇپ مۇشۇنداق ئالاھىدە بىر نەتىجىنى تاماملىغان مەشقاۋۇلغا ئايلانغان(50ياش)، ئەمما ئەسكەرتىشكە ئەرزىيدىغىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ياش مەشقاۋۇلدۇر. ئەنچىروددىنىڭ 51ياش ۋاقتىدا 100مەيدانغا يەتكەن، كەينىدىكىسى ۋىنگېر (58ياش)، شېسفىرىد (58ياش) ۋە فۇرگېسىن (62ياش). ئەگەر بىز مورىنھو تۇتقان تۆت كوماندىنىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدىكى نەتىجىسىنى مۇلاھىزە قىلىدىغان بولساق، بىز بۇ پورتۇگالىيەلىك مەشقاۋۇلنىڭ خانلىق مادرىدنى تۇتقان مەزگىلدە ئۇتقان مەيدان سانى ئەڭ كۆپ(24مەيدان)، كىرگۈزگەن توپ سانى ئەڭ كۆپ (86توپ)، ئۇتتۇرغان مەيدان سانى ئەڭ ئاز (5مەيدان) ئىكەنلىكىنى كۆرۋالالايمىز. ئۇتقان سانى ۋە كىرگۈزگەن توپ سانى ئەڭ ئاز بولغىنى چېلسىنى تۇتقان ۋاقتى، ئۇتتۇرغان مەيدان سانى ئەڭ كۆپ بولغىنى بولسا پورتو كوماندىسىنى تۇتقان ۋاقتى بولغان. تېخنىكا سىتاستىكىسى جەھەتتىن قارىغاندا، خانلىق مادرىدنى يىتەكلىگەن مەزگىلدە ئاجايىپ كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجە يەراتقان. 2011 - 2012- يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە 10ئۇتۇق، 1تەڭ 1 ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجىگە ئېرىشكەن. 12مەيدان مۇسابىقىدە، 35توپ كىرگۈزۈپ(ئوتتۇرىچە ھەر مەيداندا 2.9توپ)، ئۇنىڭ پورتونى يىتەكلىگەن 2 پەسىلدىكىدىن 12توپ كۆپ، ئېنتىر مىلەننى يىتەكلىگەن 2 پەسىلدىكىدىن 10 توپ كۆپ بولغان. مورىنھو ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىدا جەمئىي 33كوماندا بىلەن تۇتۇشقان بولۇپ، ھالبۇكى بارسىلونا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تۇتۇشقان سانى ئەڭ كۆپ كوماندا بوپ قالغان(12 مەيدان)، ئۇنىڭدىن قالسا 6قېىم لىۋىرپول، مانچىستىر بىرلەشمىسى، لىيون، موسكىۋا مەركىزى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى،ئاجاكىس كوماندىلىرى بىلەن تۇتۇشقان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 5 قېتىم بەيرىن مىيۇنخىن بىلەن تۇتۇشقان، 4قېتىم ۋىردىر بىرىمىن ۋە مانچىستىر بىرلەشمىسى كوماندىلىرى بىلەن تۇتۇشقان، ھەم شۇنداقلا ئۆزى تۇتقان كوماندىلاردىن خانلىق مادرىد ۋە پورتو كوماندىلىرىمۇ بار. ئۇ يەنە 2 قېتىم چېلسى، سېرىق ھەرە، شەلىتە ساراي كوماندىلىرى بىلەن تۇتۇشقان، بىراق ئەزەلدىن ئىنتىر مىلەن كوماندىسى بىلەن تۇتۇشۇپ باقمىغان. مادرىدنى تۇتقان بۇ 3 يىل جەريانىدا يەنە مادرىد تارىخىدىكى ئوتتۇرىچە ھەر مەيدان بېشىغا توپ ئۇرۇش سانى ئەڭ كۆپ قوماندانغا ئايلانغان. دېمەك مورىنھو خانلىق مادرىدنى تۇتقان بۇ ئۈچ پەسىلدە گەرچە ئېرىشكەن لوڭقىسى ھەر پەسىلگە ئاران بىردىن توغرا كەلسىمۇ، مورىنھونىڭ مادرىدتىكى خىزمىتى ئوڭۇشلۇق بولغان دەپ كېسىپ ئېيتالايمىز، مۇھىمى ئۇ مادرىدقا لوڭقا ئېلىپ كىلەلمىگەن بولسىمۇ، كوماندا ئېھتىياجلىق نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، تاكتىكا جەھەتتە يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، لوڭقىنى ھامان بىر كۈنى ئالغىلى بولىدۇ، ئەمما مورىنھو مادرىد كوماندىسىغا ئېپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر مادرىد كوماندىسى ھەقىقىي ئېھتىياجلىق نەرسىلەر ۋە مەستانىلىرى ئەڭ كۆرۈشنى خالايدىغان نەرسىلەر. شۇڭا ئاخىرىدا بارلىق مادرىد مەستانىلىرى ئۇنىڭ كېيىنكى كەسپىي ھاياتىغا تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلارنىڭ، تۇرمۇشىغا خۇشال خۇراملىق، ئائىلىسىگە ئىناقلىق ۋە خاتىرجەملىك يار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئاپتور ئېلاۋىسى: مورىنھونى ئاساسەن مادرىد مەستانىلىرىلا ياقتۇرىدۇ، ئۇنىڭ تەلۋە، ئەسەبىيى دىگەندەك لەقەملىرى گەرچە قۇلاققا ياقمىسىمۇ، بۇ يەنىلا ئۇنىڭ ئۆزگىچە خاراكتىرى. بەزىدە ئادەم مۇشۇنداق ئەسەبىي ھېسسىياتلارغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىدۇ، بۇ خىل تەلۋىلىك ھەقىقى بىر پۇتبول مەستانىسىدا چوقۇم بار دەپ قارايمەن. ئىشقىلىپ قانداق بولۇشىدىن قەتئېينەزەم ئۇ باشقىلار قىلالمىغاننى قىلالىغان، تالانتلىق ئېسىل مەشقاۋۇل، ئاخىرىدا ئۇنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىغا چىن قەلبىمدىن ئۇتۇق تىلەيمەن.
ئەسكەرتىش: بۇ تېمىدا ئاساسلىقى مادرىدقا پايدىلىق مەزمۇنلار ئەمەلىيەت ۋە شەخسىي كۆز قاراش بويىچە بىرلەشتۈرۈلۈپ بايان قېلىندى. ئەمما كۈچنىڭ يىتىشىچە ئەڭ سىلىق ئۇسۇلدا بايان قېلىندى. شۇڭا ئەگەر باشقا كوماندا مەستانىلىرىنىڭ چېشىغا تېگىدىغان مەزمۇن بولسا چىرايلىق ئەسكەرتىشىنى، بولسا ئىككى ئېغىز ياخشى تېلىكىنى بىلدۈرۈپ چىقىپ كىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مادرىد بىلەن بارسىلونانىڭ كىلىشتۈرگىلى بولمايدىغان سۇ بىلەن ئوتتەك مۇناسىۋىتى شۇ ئىككى كوماندىنىڭ ئوتۇرىسىدىكى رىقابەت بىلەنلا چەكلىنىپ قالغاي. بىزنىڭ بۇ دېيارىمىزغىچە ۋە بۇ دېياردىكى قېرىنداشلارنىڭ ئارسىغىچە يىتىپ كىلىشىنىڭ قىلچە زۆرۈرىيىتى يوق.تېما يېزىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى نەچچە سائەتلەپ ۋاقتىنى سەرىپ قىلىپ تېما يازغان ئادەملەر ۋە يىزىپ باققانلار بىلىدۇ، شۇڭا باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قېلىڭ، تېمىنى بۇلغايدىغان ئەھۋاللارنى سادىر قىلماڭ. ئاندىن يەنە تېمىدىكى بەزەن سۆزلەر تېمىنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلى، تېمىنى تېخىمۇ ياخشى ئەكىس ئەتتۈرۈش مەقسىتىدە شۇنداق ئېلىندى، كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن(بولسا مادرىد مەستانىلىرى ۋە ئۆزىنى مادرىد مەستانىسى چاغلايدىغانلارنىڭ تېمىنى باھالاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، گەپ پۇلدا ئەمەس جۇمۇ يەنە، كۆڭۈلدە). |