- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7661
- نادىر
- 17
- يازما
- 7661
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-20 00:09

5-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە ئېلىپ بېرىلغان گېرمانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىسىدە ،بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسى مېھمان مەيداندا مىنشىن گىلادباخ كوماندىسىنى 4 : 3 نەتىجە بىلەن بەك تەستە يەڭدى .مۇبادا بۇ مۇسابىقىدە رىبىرىنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولمىغان بولسا بايرىن مىيۇنخىن ئۇتتۇرۇپ قۇياتتى .« تاتۇق يۈز خەنجەر » مۇسابىقىدە يەنە كۆكرەك كېرىپ چىقىپ ئىككى توپ كىرگۈزۈپ ،ئىككى پاس چىقاردى .رىبىرىنىڭ تۆھپىسى بىلەن مەشقاۋۇل ھايانكېسمۇ بىرلەشمە بىلەن چىرايلىق خۇشلاشتى .
تەكىتلەشكە تېگىشلىك بولغىنى شۇكى :فىرانسىيەلىك بۇ ماھىر 2007-يىلى بايرىنغا قوشۇلغاندىن بۇيان ،ئەگەر مۇسابىقە جەريانىدا توپ ئۇرۇپلا قالسا بايرىن مۇسابىقىدە بىر مەيدانمۇ ئۇتتۇرۇپ باقماپتۇ .ھازىرغا قەدەر ئوينىغان مۇسابىقىنىڭ 46 مەيدانىدا رىبىرى توپ ئۇرغان .بۇ جەرياندا بايرىن 44 مەيدان يېڭىپ ، ئىككى مەيدان تەڭلەشكەن .خۇددى بىر قانۇنيەتكە ئوخشاپ قالغان .« رىبىرى توپ ئۇرسا بىز ئۇتتۇرمايمىز » دېگەن سۆز ھەر بىر بايرىن توپ مەستانىلىرىنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتكەن .
ئەمدى رىبىرىنى ئەڭ مۇھىم بىر مۇسابىقە ساقلاپ تۇرماقتا ، يەنى ،ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچتا بايرىن مىيۇنخىن كۈچلۈك رەقىبى دورتىموند بىلەن تۇتۇشىدۇ .مۇشۇ مۇسابىقىدە رىبىرى توپ ئۇرۇپ بايرىننى چىمپېيونلۇققا ئېرىشتۈرەلەمدۇ -يوق ؟ ئەگەر شۇنداق قىلالىسا ، ئۇ چاغدا بۇ رىبىرى ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز مۇسابىقە بۇلۇپ قالغۇسى ....
قۇشۇمچە : رىبىرىنىڭ يۈزىدىكى تاتۇقنىڭ كېلىش سەۋەبىنى بىلەي دىسىڭىز بۇ تېمىنى كۈرۈڭ .
/forum.php?m ... 9%D9%86%D9%89%DA%AD
 |
|