- تىزىملاتقان
- 2011-9-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4333
- نادىر
- 5
- يازما
- 4333
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سېرىق ھەرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-19 08:20
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
2012 -2013 -يىللىق گىرمانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسى 2013 - يىلى 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى رەسمى ئاياغلاشتى ، بۇنىڭ بىلەن بىرلەشمىدە ئۆزگىرىشلەر بولدى ، مەزمۇنىمىز تۆۋەندىكىچە :
2012-2013 يىللىق گىرمانىيە بىرلەشمىسى رەت - تەرتىپى:
دەرىجە مەيدان كوماندا ئۇتۇش تەڭلىشىش ئۇتتۇرش ساپ توپ نۇمۇر
1 34 بەيرىن 29 4 1 80 91
2 34 دورتمۇند 19 9 6 42 66
3 34 لىۋىرىكسۇن 19 8 7 39 65
4 34 شارىك04 16 7 11 8 55
5 34 فىرۇنبۇرگ 14 9 11 5 51
6 34 فىرانكفۇرت 14 9 11 3 51
7 34 ھامبۇرگ 14 6 14 11- 48
8 34 مىنشىنگىلادباخ 12 11 11 4- 47
9 34 ھانۋېر96 13 6 15 2- 45
10 34 نىرۇنبۇرگ 11 11 12 8- 44
11 34 ۋولسۇنبۇرگ 10 13 11 5- 43
12 34 سىتۇگارت 12 7 15 18- 43
13 34 مايىنىز 10 12 12 2- 42
14 34 بىرمىن 8 10 16 16- 34
15 34 ئاگسۇنبۇرگ 8 9 17 18- 33
16 34 خوفىنھام 8 7 19 25- 31
17 34 دولسىندوروف 7 9 18 18- 30
18 34 فارت 4 9 21 34- 21
گىرمانىيە 12-13 پەسىللىك گىرمانىيە بىرلەشمىسى مەرگەنلار
دەرىجە ئىسىم كوماندا توپ
1 جىسىلىڭ لىۋىرىكسۇن 25
2 لەيۋەندوۋىسكى دورتمۇند 24
3 مىيىر فىرانكفۇرت 16
12-13 پەسىللىك گىرمانىيە بىرلەشمىسى خۇلاسە
2012-2013-يىللىق گىرمانىيە بىرلەشمىسى 2013 - يىلى 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئاياغلاشتى ، 12-13 پەسىللىك گىرمانىيە بىرلەشمىسى خۇلاسە تۆۋەندىكىچە :
بەيرىن كوماندىسى بۇ يىللىق بىرلەشمىدە ئالاھىدە ياخشى ئىپادىسى بىلەن بىرلەشمە چىمپىيۇنى بولدى ، ئالدىنقى پەسىللىك چىمپىيۇن دورتمۇند كوماندىسى ئىككىنجىلىكنى قولغا كەلتۈردى ، لىۋىرىكسۇن كوماندىسى ۋە شارىك04 كوماندىسى ئۈچىنجى ۋە تۆتىنجىلىكنى قولغا كەلتۈردى ... بۇ تۆت كوماندا كىلەر پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ئويناش سالاھىتىگە ئىرىشتى ( شارىك04 كوماندىسى قوشۇمچە ئۇزغۇنلۇق بىلتى مۇسابىقىسى ئوينايدۇ ... )
بۇ پەسىل دەرىجە ئۆرلەپ چىققان قارا تۇلپار كوماندىسى فىرانكفۇرت كوماندىسى كىلەر پەسىللىك ياۋروپا ئىتىپاق لوڭقسى ئويناش سالاھىتىگە ئىرىشتى ۋە فىرۇنبۇرگ كوماندىسى بۇ سالاھىيەتكە ئىرىشتى ...
بۇ يىللىق گىرمانىيە بىرلەشمىسىدىن دەرىجە چۈشۈپ كەتكەن كوماندىلار بۇ پەسىل دەرىجە ئۆرلەپ چىققان فارت ۋە دولسىندوروف كوماندىسىنىڭ دەرىجىسى چۈشۈپ كەتتى ، بۇلارنىڭ ئورنىغا كىلەركى پەسىل ب دەرىجىلىك چىمپىيۇنى بىرلىن ھىترا ۋە بىرانشىۋىڭ كوماندىسى دەرىجە ئۆرلەپ ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىگە چىقىدۇ ... خوفىنھام كوماندىسى ب دەرىجىدىكى قەيسەرلاۋىېرتىن بىلەن قوشۇمچە مۇسابىقە ئويناپ دەرىجە چۈشۈش ۋە چىقىشنى بەلگىلەيدۇ ... بىرلىن ھىترا كوماندىسى ئالدىنقى پەسىل دەرىجىسى چۈشۈپ كەتكەن ئىدى ، بىر يىل چىنىقىش ئارقىلىق يەنە ئا بىرلەشمىگە قايتىپ كەلدى ...
بۇ پەسىل لىۋىرىكسۇن كوماندىسىدىكى گىرمانىيەلىك توپچى جىسىلىڭ ياخشى ئىپادىسى بىلەن كوماندىسىغا چوڭ تۆھپە قوشۇش بىلەن بىرگە گىرمانىيە بىرلەشمىسىدە 25 توپ بىلەن بىرىنجى ئورۇندا تۇرۇپ گىرمانىيە بىرلەشمىسى مەرگىنى بولدى ...
دورتمۇند كوماندىسىدىكى لەيۋەندوۋىسكى 24 توپ بىلەن ئىككىنجى بولۇپ قالدى ، ئالدىنقى پەسىل شارىك04 كوماندىسدىكى خىنتىلار مەرگەن بولۇپ لەيۋەندوۋىسكى يەنە ئىككىنجى بولۇپ قالغان ...
شۇنىڭ بىلەن 2012-2013 يىللىق گىرمانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسى رەسمى ئاياغلاشتى ، گىرمانىيە بىرلەشمىسىگە نەزەر سالغىنىڭلارغا رەخمەت ، كىلەركى پەسىللىك مۇسابىقىدە كۆرشىلى ! خەيرى - خوش 2012 - 2013 يىللىق گىرمانىيە بىرلەشمىسى ...
|
|