ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3916 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەۋدا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-18 21:16
5- ئاينىڭ 18- كۈنى سەھەردە، ‹كۆك ئاسمان تەنتەربىيىسى›نىڭ ئاشكارىلىشىچە، چىكىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان داڭلىق پۇتبول چولپىنى بىكخامنىڭ ئامىرىكا كەسپىي بىرلەشمىسىگە بىرىپ، پۈتۈنلەي يېڭىدىن تەشكىللەنگەن بىر كۇلۇب قۇرۇش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىغان.
چىكىنىشتىن بۇرۇن بىكخام ئاللىبۇرۇنلا جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئوبراز ۋەكىلى، ئەنگىلىيە كۆك ئاسمان تەنتەربىيىسى رادىئو شېركىتىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان، بىراق شۇنىسى رۇشەنكى بۇ داڭلىق چولپان ھەرگىز بۇلار بىلەنلا قانائەت قىپ قالمايدۇ، ‹كۆك ئاسمان تەنتەربىيىسى›نىڭ ئاشكارىلىشىچە بىكخامنىڭ يەنە ئامىرىكا كەسپى بىرلەشمىسىدە بىر كۇلۇبنىڭ خوجايىنى بولۇش مۇمكىنچىلىكى باركەن. بىكخام 2007- يىلى لوس ئانژىلىس سامان يولى قولۋىقى كوماندىسى بىلەن توختام ئىمزالىغان ۋاقىتتا، يەنە بىر ئالاھىدە ماددا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، مەزمۇنى: بىكخام ئامىرىكى كەسپى بىرلەشمىسىدە توپچى سالاھىيىتى بىلەن تۇرمىغان مەزگىلدە، تۇراقلىق قىممەت بىلەن بىر يېڭى كۇلۇبقا ئىگە بولسا بولىدۇ. ئادەتتە كىتەرلىك بۇ ‹قوشۇن كېڭەيتىش› مەبلىغى 50مىليۇن ئامىرىكا دوللىرىغا يىتىدىغان بولۇپ، بىراق توختامنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا، بىكخام 25مىليۇن دوللار بىلەنلا كۇلۇب قۇرسا بولىدىكەن. بۇ ماددا 2009- يىلىلا ئاشكارىلانغان ۋاقىتتا بىكخام: مەن ئاللىبۇرۇن ‹قوشۇن كېڭەيتىش مەبلىغى› ماددىسىغا ئىگە بولدۇم، بۇ ماڭا بىر قوزغاتقۇچ بولىدۇ.› - دىگەن.
چىكىنىشنى قارار قىلغاندىن كىيىن، بىكخام ۋە باشقۇرۇش قارمىقىدىكىلەر بۇ ماددىدىن پايدىلىنىش ياكى پايدىلانماسلىق توغرۇلۇق سۆھبەت ئىلىپ بارغان. ئامىرىكا كەسپىي بىرلەشمىسىدە مۇئاۋىن لىدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان كورتمانسىن ئىپادە بىلدۈرۈپ: بىكخام ئاللىبۇرۇن باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەر بىلەن دەسلەپكى سۆھبەتلىشىش قەدىمىنى باستى. - دىگەن. ئامىرىكا كەسپىي بىرلەشمىسىدە ئىلگىرى 19كوماندا بار بولۇپ، ئەمما ئامىرىكىنىڭ شەرقىي قىسمىدا تېخى پۇتبول كۇلۇبى يوق، مىئامى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئاشكارلىغان بىكخامنىڭ كۇلۇب قۇرۇش نۇقتىسى. كۇرتمانسىن ئىپادە بىلدۈرۈپ بىكخامنىڭ تېخى قايسى شەھەردە يېڭى كوماندا تەشكىللىپ كۇلۇپ قۇرىدىغانلىقىنى تېخى تاللىمىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى ۋە مىئامى كۆپ خىل تاللاشلار ئىچىدىكى تاللاشلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ۋە يەنە باشقا خىل تاللاشلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن. بۇ تاللاشلارنىڭ ئىچىدە مېننىئاپولىس، تامپا ۋە سان ئانتونىئولار بار. كۇرتىمانسىن ئىپادە بىلدۈرۈپ: مەلۇم بىر ۋاقىتتا بىكخام بۇ ماددىدىن پايدىلىنىشى مۇمكىن، بىز بۇ جەرياننى باشتىن ئۆتكۈزسەك تامامەن بولىدۇ، بۇ ئامىرىكا كەسپىي بىرلەشمىسىنىڭ تەرەققىياتىغا تامامەن ئۇيغۇن، ئەمما بىز تېخى بۇنى تاماملىمىدۇق. - دېگەن.
ئەسكەرتىشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بىكخامنىڭ يەنە شەھىرى مانچىستىر كۇلۇبىنىڭ خوجايىنى مەنسۇر باي بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇ ۋەزىپىنى تاماملاش مۇمكىنچىلىكىمۇ بار. كۆك ئاسمان تەنتەربىيىسىنىڭ 4- ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاشكارلىغان ئاخباراتىغان ئاساسلانغاندا، مەنسۇر باي يەنە 100مىليۇن ياۋرو سەرىپ قىلىپ، نىيۇيۇرىك شەھىرىدە كۇلۇپ قۇرماقچى بولغان، ۋە بىكخام بىلەن ھەمكارلىشىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ چوڭلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
|
|