- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7672
- نادىر
- 17
- يازما
- 7672
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-18 18:47

ئېنگىلاندىكى پۇتبولچىلارنىڭ ئىچىدە تۇنجى بولۇپ تۆت دۆلەت بىرلەشمىسىدە چىمپىيۇن بولۇپ باققان داڭلىق پۇتبولچى بېكھام يېقىندا رەسمى چېكىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى .گەرچە بېكھامنىڭ ھازىرقى كۇلۇبى پارىژ سانت-گىرمان بېكھام بىلەن يەنە بىر يىل توختام تۈزمەكچى بولغان بولسىمۇ ، بىراق بېكھام ۋاقىتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ،شۇنداقلا ئەمدى چېكىنمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ چىرايلىق رەت قىلدى .
بېكھام مۇنداق دېگەن ،مەن پارىژنىڭ يەنە مىنى تەكلىپ قىلغانلىقىغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن .لېكىن چېكىنمىسەم بولمايدۇ .ئاخىرلاشمايدىغان ئويۇن يوق .كۆپچىلىككە ئايان ،مەن مانچېستىر بىرلەشمىسىدە كۆپلىگەن شەرەپلەرگە ئېرىشتىم .دۆلەت كوماندىسىدىمۇ 100 مەيدانىدن ئارتۇق مۇسابىقە ئوينىدىم ،ھەرھالدا پۇتبولچىلىق ھاياتىم ئەھمىيەتلىك ئۆتتى دەپ قارايمەن .مىنى قوللىغان ھەرقايسى دوستلارغىمۇ رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن .
مۇخبىر بېكھامدىن نېمىشقا تۇيۇقسىز چېكىنىش سەۋەبىنى سورىغاندا بېكھام قىزىقارلىق قىلىپ مۇنداق جاۋاب بەرگەن .بۇ پەسىلدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقتا بىز بارسېلونا بىلەن ئۇچراشتۇق ،مۇسابىقە جەريانىدا مېسسى بىلەن بىر نەچچە قېتىم ئۇدۇل كېلىپ قالدىم ،ئاخىردا مېسسى چەبدەسلىك بىلەن مىنى ئالداپ بۈسۈپ ئۈتۈپ كەتتى .شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئۆزۈمگە ھەقىقەتەن قېرىلىق يەتكەنلىكىنى ،ئەمدى چېكىنىدىغان ۋاقتىمنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتىم .شۇنداقلا مېسسىدەك مۇنەۋۋەر ماھىرلار بار يەردە ئەمدى ئۆزەمنىڭ دەۋرىمنىڭ كېتىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم !

|
|