- تىزىملاتقان
- 2011-5-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-24
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 2569
- نادىر
- 4
- يازما
- 2569
 
|
خەۋەر يېزىلىپ بولغۇچە ، مەنمۇ مۇسابىقە كۆرۈپ ھېس قىلغانلىرىمنى دىگەچ ئولتۇراي...
ئاخشامقى مۇسابىقە كەلمىگەن تەلەيدە بىر نەسەڭنىڭ ھەققى بارمۇ دىگەندەك ئىش بولدى. مادرىتنىڭ مەيداندىكى ئادەملىرىدىن تارتىپ، زاپاس ئەزالارغىچە شۇنداق كۈچىدى. مو تەلۋە قىلىدىغىنىنى قىلدى، بىراق ھېلىقى ئۆچى بار رېپىر ئۇنى ئوبدانلا ياساپ قويدى. پۈتكۈل مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى 90 مىنۇتىنى باش رېپىر ياخشى كونتىرول قىلدى. مادرىدنىڭ ھەر بىر ھەركىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش، ياكى سېرىق كارتا، رىقابەتنىڭكىگە ھە ياخشى قىلدىڭ ! دىگەندەك......
ئاخشام مادرىد 2- توپىنى يىگەندىلا كۆڭلۈم سەل تۇيغاندەك بولدى. موغا ھەيرانمەن، مۇسابىقە قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزىنىڭ دىگىنىنى قىلىدىغان نىمىكەن بۇ . ئۇزغۇنلۇق 4 كۈچلۈك 1- ئۇچرىشىشتىكى خاتالىقنى يەنە سادىر قىلدى....ھەر ھالدا مۇداپىيەدە نەچچە يىلدىن بېرى سايىسىنى تۈزۈل كۆرۈپ باقمىغان ئالبىئول خېلى ئەسقاتتى. رونالدومۇ شۇنداق تىرىشتى، بىراق قارشى تەرەپ ئۇنىڭ پىسخىكىسىغا ھۇجۇم قىلىپ ئوينىتىپ كەتتى. ئاخىرى ئاچچىقىغا چىدىماي قىزىل يىدى.
يولۋاس (فالكاۋ) نى يەڭگەن باتۇر ئەمەس ، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر!
دىگەن بۇ ماقال-تەمسىلنى ئۆگەنمىگەندە بۇ يىتىم.
باھالا دېسە، ياخشى ئوينىغانلاردىن يەنىلا دىيېگو لوپېز، مەن 1- توپتا ئۇنىڭ پۈتۈنلەي مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارىمايمەن. مۇھىمى 2- توپ ، 2- توپتا لوپېزنىڭ خاتالىقى %80 گە يىتىدۇ. مۇسابىقىنى كۆرگەنلەر بۇ نۇقتنى ئېنىق ھېس قىلدى ھەقىچان.
يەنە بىرگە قارشى تەرەپنىڭ ۋارتارى كورتۇۋا ، كاساپەت ئەجەپ ئېچىلىپتىكەن ئاخشام ....
قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا مادرىتنىڭ باشقا ئەزالىرىمۇ راۋۇرۇش كۈچەپ قويغان ، بىراق تەلەي!!!!!! |
|