پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 351|ئىنكاس: 7

غۇلجا شەھرىدە ‹‹ئەمىن›› لوڭقىسى باشلانغۇچ مەكتەپلەر پۇتبول مۇسا...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

45

تېما

0

دوست

60

جۇغلانما

تاماشىبىن

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9253
يازمىسى: 60
نادىر تېما: 2
ياۋرۇ: 679
تۆھپە: 300517
ۋاقتى: 18
h
ھالەت

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-18 02:24:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غۇلجا شەھرىدە ‹‹ئەمىن›› لوڭقىسى باشلانغۇچ مەكتەپلەر پۇتبول مۇسابىقىسى باشلاندى

2013- يىلى 5- ئاينىڭ 17- كۈنى غۇلجا شەھەر مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، غۇلجا شەھەرلىك ئىشتىن سىرىتقى تەنتەربىيە مەكتىۋى، غۇلجا شەھەرلىك ياش - ئۆسمۇرلەر كۇلۇبىنىڭ تەشكىللىشى غۇلجا شەھەرلىك 12- باشلانغۈچ مەتكەپنىڭ ھەمكارلىشىشى ، غۇلجا ئەمىن ئۆي مۈلۈك ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم بېرىشى بىلەن غۇلجا شەھەرلىك 12- باشلانغۈچ مەكتەپتە 2013 – يىللىق غۇلجا شەھىرى ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى تەنھەرىكەت يىغىنى  ‹‹ئەمىن›› لوڭقىسى باشلانغۇچ مەكتەپلەر پۇتبول مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىغە غۇلجا شەھەرلىك 12- باشلانغۈچ ‹‹ئەمىن›› پۇتبول كاماندىسى، غۇلجا شەھەرلىك 12- باشلانغۈچ ‹‹چىنپىيون››كاماندىسى، غۇلجا شەھەرلىك 31- باشلانغۈچ كاماندىسى، غۇلجا شەھەرلىك 5- باشلانغۈچ كاماندىسى، غۇلجا شەھەرلىك 4- باشلانغۈچ كاماندىسى، غۇلجا شەھەرلىك 14- باشلانغۈچ كاماندىسى، غۇلجا شەھەرلىك 14- ئوتتۇرا باشلانغۈچ قىسىم كاماندىسى ، غۇلجا شەھەرلىك 7- باشلانغۈچ كاماندىسى قاتارلىق 8 كاماندا قانتاشتى.
مۇسابىقە ئېچىلىش مۇراسىمىغا شەندوڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبول قىلىش بۆلىمىنىڭ مۇدىرى ئالاھىدە كېلىپ قاتناشتى ھەم  غۇلجا شەھەرلىك 12- باشلانغۈ مەكتەپكە ‹‹ شەندۇڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋى ئىقتىساسلىقلارنى يېتىشتۇرۇش بازىسى›› دىگەن تاختىنى بەردى.  غۇلجا شەھەرلىك 12- باشلاغۈچ مەكتەپ لۇنىڭ پۇتبول مەتكىۋى بىلەن غۇلجا ئەمىن ئۆي مۈلۈك ھەسسىدارلىق شىركىتىگە تەشەككۈرنامە تەقدىم قىلدى.
ھەر قايسى مەكتەپ كاماندا پاراتتىن ئۆتۈش ئەترىتى جەسۈرانى ۋە جۈشقۇت كەيپىيات بىلەن پاراتتىن ئۆتۈپ، مۇسابىقە مەيدانىنى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمدۈردى. ئارقىدىنلا ساھىپخان كاماندا غۇلجا شەھەرلىك 12- باشلانغۈچ ‹‹ئەمىن›› پۇتبول كاماندىسى بىلەن غۇلجا شەھەرلىك 5- باشلانغۈچ مەكتەپ كاماندىسىنىڭ مەيدانغا كېرىشى بىلەن كەسكىن مۇسابىقە باشلاندى ۋە ئارقا - ئارقىدىن  4 مەيدان جىددى مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلدى، ئايرىم – ئايرىم غۇلجا شەھەرلىك 12- باشلانغۈچ ‹‹ئەمىن›› پۇتبول كاماندىسى،غۇلجا شەھەرلىك 31- باشلانغۈچ كاماندىسى، غۇلجا شەھەرلىك 4- باشلانغۈچ مەكتەپ كاماندىسى، غۇلجا شەھەرلىك 12- باشلانغۈچ ‹‹چىنپىيون›› پۇتبول كاماندىسى قاتارلىك كاماندىلارنىڭ غەلبە قىلىشى بىلەن مۇسابىقە ئاخىرلاشتى. مۇسابىقە باشتىن ئاخىر جىددى كەيپىياتتا، قىزغىن ئېلىپ بېرىلىدى، ياش مايسىلارنىڭ تېخنىكىلىك ماھارەتلىرى كۆرمەنلەرنى ھەيرەتتە قالدۇردى، ئۇلارنىڭ پۇتبول ماھارىتىنى كۆرۈرمەنلەرگە شىنجاڭ پۈتپولچىلىغىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى نامەيەن قىلىدى.
2013- يىلى 5- ئاينىڭ 18 – كۈنى ( شەنبە ) چۈشتىن بۇرۇن 4 مەيدان ، چۈشتىن كىيىن 4 مەيدان كەسكىن مۇسابىقە داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.
غۇلجا ئۈچۈر تۈرى خەۋىرى

تۆۋەندىكىلەر مۇسابىقىدىكى كۆرۈنۈشلەر


















































komisar

12

تېما

1

دوست

1677

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10621
يازمىسى: 1677
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 7210640
تۆھپە: 1408
ۋاقتى: 249
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-18 02:38:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ مەھەللەمكەنغۇ

تىرىشىش+كەمتەرل

1

تېما

0

دوست

480

جۇغلانما

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9834
يازمىسى: 480
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 751903
تۆھپە: 447
ۋاقتى: 554
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-18 05:45:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   totti تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-18 23:46  

ئاۋۇ ساقىلىرىمنىڭ گەرچە توپا مەيداندا  بولسىمۇ شۇنداق جۇشقۇن كەيپىياتتا توپ ئويناۋاتقىنىنى كۆرۈپ باشلانغۇچ مەكتەپنى ئەسلەپ قالدىم  ،  بىزنىڭمۇ شۇنداق توپا ئۆرلەپ تۇرىدىغان مەيدان ئىدى ، شۇ يەردە مەشىق قىلىپ خەنزۇ باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن مۇسابىقە ئوينىساق ئىككى خانىلىق سان قىلىۋىتىپ يىنىپ كىلەتتۇق ، 60 مىنۇتتن كىيىن ۋارتارىمىز بىز بىلەن سوقۇشاتتى مەنمۇ توپ ئۇرىمەن دەپ ، ئىككى ئۈچ توپ ئۇرغان بىرەرىمىز تۇرۇپ تۇراتتۇق ۋارتاردا ،  خەنزۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مەيدانى شۇ ۋاقىتتا سۈنئىي چىم ئىدى ، بىرىپ توپ ئوينىساق شۇنداق ھۇزۇر ھىس قىلاتتۇق ، بىزنىڭمۇ مەيدان مۇشۇنداق بولغان بولسا كەچتە كەتمەي ئۇخلايتۇق دىيىشىپ كىتەتتۇق ، ئارىدىن نۇرغۇن يىل ئۆتۈپ تولۇق ئوتتۇرىغا چىقساق مىللىي مەكتەپ بولغاچقىمىكىن يەنىلا بىزنىڭ باشلانغۇچنىڭ مەيدانىدىن ئۆتە توپا چاڭ مەيدان ئىدى ، قورغاس 1-ئورتىدا ئوقۇغانلار بولسا بىلىدۇ ، نۇرغۇن بالىلارنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتى توپا چاڭ مەيدان ئىچىدە ئۆتۈپ كىتىدۇ .  بولدى دىمەيچۇ ،،
  ماۋۇ بالىلار بوش بالىلار ئەمەس ، توپا چاڭ مەيداندا ئۆزىنى  بىلمەي توپ ئويناپ يۈرگەن بىلەن ماۋۇ 1مىليارت 400 مىليۇندەك نوپوس بار  مەملىكەتتە   ئۆسمۈرلەر پۇتبول تىخنىكىسى جەھەتتە ئالدىدا تۇرىدۇ  
ئەسلى بۇلار ھىچ بولمىغاندا  كۆرۈش سۇپىسى بار  بىرەر چىم مەيداندا ئوينىشى كىرەكتى ، شىنجاڭغا مەبلەغ سالىدۇ ، سالىدۇ  مۇشۇنداق ئانچە پايدا چىقمايدىغان يەردىن ئەگىپ ئۆتۈپ كىتىدۇ ،  يا ئاۋۇ پوق قورساق قورچاق باشلىقلار ئىككى ئېغىز گىپىنى قىلىپ قويمايدۇ  .
مەڭگۈلۈك شاھلىق يوق ، لىكىن مەڭگۈلۈك ئۇنتۇلماس دەقىقىلەر بار !

ياغاچ كەسكەن پالتىنىڭ سىپى ياغ

33

تېما

3

دوست

3676

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11693
يازمىسى: 3676
نادىر تېما: 6
ياۋرۇ: 66802
تۆھپە: 3978
ۋاقتى: 957
h
ھالەت

نادىرچى مۇنبەر قىززىقچىسى بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-18 08:08:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بوپتۇ  ،مۇسابىقىلەر  غەلىبىلىك ،ئوڭۇشلۇق  داۋاملاشسۇن،كىچىك پۇتبولچىلارنىڭ  كەلگۈسى  تېخىمۇ پارلاق بولغۇسى
پۇتبول دۇنيادىكى بىرىنچى ھەرىكەت

1

تېما

1

دوست

1430

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10415
يازمىسى: 1430
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 52377
تۆھپە: 972
ۋاقتى: 586
h
ھالەت

مانچىستىر لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-18 10:12:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزمەتلىرمىزگە  ئۇتۇق  تىلەيمىز..

64

تېما

6

دوست

798

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11980
يازمىسى: 798
نادىر تېما: 2
ياۋرۇ: 58686
تۆھپە: 1040
ۋاقتى: 817
h
ھالەت

ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-18 10:13:49 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇچقۇنى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-18 10:31  

مۇۋاپىقىيەتلىك ئاخىرلىشىشنى ئۆمۈد قىلمەن

0

تېما

0

دوست

38

جۇغلانما

تاماشىبىن

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  572
يازمىسى: 38
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 0
تۆھپە: 1
ۋاقتى: 11
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-18 13:12:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق مۇسابىقىلەر كۆپ ئۆتكۈزىلىپ تۇرسا پۇتبول تەرەققىياتى ناھايىتى تىز بولاتتى!!! ئۇڭۇشلۇق ئىلىپ بىرىلىشىغا تىلەكداشمىز
بارسىلونا

2

تېما

2

دوست

757

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11970
يازمىسى: 757
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 50936
تۆھپە: 780
ۋاقتى: 77
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-18 15:26:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇۋاپىقىيەتلىك ئاخىرلىشىشنى ئۆمۈد قىلمەن!~!~  ياخشى بىر باشلىنىش بوپتۇ!~!~
ياخشى دوستتىن 4نى تۇت!  دۇشمەنلىرىڭ ئالدىدا جىنازاڭنى ئىگىز كۇتىرىدۇ!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号-1 )