ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 6077 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى خەۋىرى !

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ، بېيجىڭ ۋاقتى 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى سەھەردە 2012\2013-يىللىق ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى گوللاندىينىڭ ئامىستېردام رېقابەت پۇتبول مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى . چېلسىي كوماندىسى 2-1 نەتىجە بىلەن بېنفىيكا كوماندىسىنى بوغۇزلاپ ، ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ چېمىپيونى بولدى ! ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە شۇنداق كەسكىن ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ ، ئەمما نەتىجىدە ئۆزگىرىش بولمىدى . كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 59-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا ، چېلىسىي كوماندىسىدىن توررېس بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى ئۆزگەرتتى . بۇ توررېسنىڭ 9 مەيدان ياۋروپا بىرلەشمە مۇسابىقسىدىكى 6-توپى ھېساپلىنىدۇ . 8مىنۇتتىن كېيىن ، چېلسىي بىكى قول توپى قىلىپ بېنفىيكا كوماندىسىغا بىر نۇقتا توپ ياراتتى . بۇ توپنى بېنفىيكا كوماندىسىنىڭ بىرىنجى نۇمۇرلۇق مەرگىنى كادوززو ئۇرۇپ كىرگۈزدى . بۇ كادوززونىڭ 9 مەيدان ياۋروپا بىرلەشمە مۇسابىقسىدىكى 7-توپى ھېساپلىنىدۇ . مۇسابىقە 93-مىنۇتىغا كەلگەندە ، چېلسىي كوماندىسى بىر بۇلۇڭ توپقا ئېرىشتى ، ماتا بۇلۇڭ توپنى ناھايىتى چىرايلىق سېلىپ بەردى ، بۇ توپنى چېلسىي تۆمۈر بىكى ئىۋانوۋىچ كاللا بىلەن ئۇرۇپ كىرگۈزدى ! شۇنىڭ بىلەن چېلسىي 2-1 نەتىجە بىلەن پورتۇگالىيدىن كەلگەن بېنفىيكا كوماندىسىنى بوغۇزلاپ 2012\2013-يىللىق ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ چېمىپيونى بولدى ! مۇبارەك بولسۇن چېلىيسلىقلار ! مۇبارەك بولسۇن مۇنبىرىمىزدىكى مەھمۇدىيە ، ئامېرىكىلار ...............!
|
|