ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 324 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالاممۇ ئەلەيكوم ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى!
2013-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى قارىغاي كوماندىمىز شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇنۋېرسىتىغا بىرىپ بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى ئوينىدۇق.
قارشى تەرەپ يېزا-ئىگىلىك ئۇنۋېرسىتى مەكتەپ كوماندىسىدىكى بىرقانچە ۋە باشقا ئىنىستوتتىكى باللاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ،ئىككى تەرەپ ئومۇمىي كۈچ جەھەتتىن كۆپ پەرق قىلمايدۇ.
مۇسابىقە باشلىنىپ 20نەچچە مىنۇت بولغاندا قارشى تەرەپ دەسلەپ قىلىدى.بىرىنجى مەيدان مۇسابىقە ئاياغلىشىشقا ئاز قالغاندا بىزنىڭ ھۇجۇمچىمىز ئىلزات بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى.ئىككىنىجى مەيدان باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي يان ھۇجۇمچىمىز شىرزات كەينى -كەينىدىن ئىككى توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 3:1قىلىپ ئۈستۈنلۈككە ئىرىشتۈردى.مۇسابىقە داۋاملىشىپ ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا بارغاندا قارشى تەرەپ يەنە بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى3:2 قىلىپ بىكىتتى.مۇسابقە نەتىجىسى‹ يېزا-ئىگىلىك 3:2 قارىغاي › بىلەن ئاخىرلاشتى .
بۇ مەيدان مۇسابىقە بىزگە نىسبەتەن بىر قىتىملىق ئۈگىنىش مۇسابىقىسى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.قارشى تەرەپنىڭ مەيدان تەشكىللىشى ،مەيداندىكى تاكتىكىلىرى بىزنىڭ ئۈگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.
بىزگە مۇشۇنداق مەيدان ۋە مۇسابىقە شارائىتىنى ھازىرلاپ بەرگەن يېزا-ئىگىلىكى ئۇنۋېرستىدىكى قىرىنداشلىرىمىزغا كۆپ رەھمەت ئىيتىمىز .
ئەسكەرتىپ ئۆتۈپ كېتىشكە تېگىشلىكى شۇكى : بۇ يىل كوماندىمىزغا يېڭىدىن قېتىلغان بالىلار كۆپ ساننى ئىگىلىگەن بولۇپ ، بەدەن ساپا بولسۇن ياكى شەخسى تېخنىكا جەھەتتىن بولسۇن ئېنتايىن ئىقتىدارلىق ، مانا مۇشۇ ئىنىلىرىمىزنىڭ كوماندىمىزغا تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىپ قارىغاي كوماندىسىنى ھەقىقى سۇلماس قارىغاي قىلىپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز ھەم شۇنداق بولۇشىغا ئىشىنىمىز !
غەيرەت قىلىڭلار بۇرادەرلەر ~!
يېشىل چىملىقتىكى شۇئارىمىز : قارىغاي ، ھۇررا ! ھۇررا ! ھۇررا !!! |
|