پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 257|ئىنكاس: 6

تۇرپان بىرلەشمىسىنىڭ 7- ئايلانما خەۋىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

20

تېما

1

دوست

126

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10417
يازمىسى: 126
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 50228
تۆھپە: 20120269
ۋاقتى: 109
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 18:49:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   atesh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-13 19:03  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار،
12- ماي تۇرپان باھار پەسىللىك بىرلەشمىسىنىڭ 7- ئايلانمىسى نورمال ئېلىپ بېرىلدى.
چۈشتىن بۇرۇنقى تۇنجى مەيداندا سەرناز كوماندىسى بىلەن ياشلار بىرلەشمىسى ئوينىدى. نەتىجىدە سەرناز كوماندىسى 7 : 1  نەتىجە بىلەن ياشلار بىرلەشمىسىنى يەڭدى.


سەرناز كوماندىسى


چۈشتىن بۇرۇنقى ئىككىنچى مەيداندا ئىتتىپاق كوماندىسى 12 : 2 نەتىجە بىلەن يار ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى يەڭدى.

ئىتتىپاق كوماندىسى



چۈشتىن كېيىنكى تۇنجى مەيداندا «قاڭقىل تائاملىرى» كوماندىسى 5 : 0 نەتىجە بىلەن تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسىنى يەڭدى.

تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى





يۇقىرىقى ئۈچ مەيدان مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىدىن قارىغاندا  قىسمەن كوماندىلاردا ۋاز كېچىش، سەل قاراش خاھىشى سەل ئېغىر بولۇپ، كوماندا يىتەكچىلىرى ۋاقتىدا ئويلىشىپ، ئەستايىدىل تەشكىللەش، ئۆزگەرتىش قىلىشى كېرەك. ئىتتىپاق كوماندىسىغا 12 : 2 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرىۋەتكەن يار كوماندىسىنى ئالىدىغان بولساق تۇرپان قىش پەسىللىك بىرلەشمىسىنىڭ ئالدىنقى يېرىم پەسىلىدە 1- ئورۇندا تۇرغان، قىش پەسىللىك ئومۇمىي نەتىجىدىمۇ ئالدىنقى ئورۇندا بولۇپ، ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن مەدەنىيەتلىك كوماندا،  ئىلگىرىلىشى ئەڭ تېز كوماندا، مۇنەۋۋەر مەشقاۋۇل دېگەندەك شەرەپلەر ئېرىشكەن. ئەمما ھازىرقى نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس.
ھازىر باھار پەسىللىك بىرلەشمىنىڭ ئالدىنقى يېرىم پەسلى ئاخىرلاشتى، بۈگۈندىن باشلاپ پەيشەنبىگىچە ئەزا يۆتكەش ۋاقتى، كوماندىلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كوماندىغا ئەزا تۇلۇقلاپ، سەپنى مۇنتىزىملاشتۇرسا، بىرلەشمىدە ئالدىنقى ئورۇندا كېتىۋاتقان كوماندىلارنىڭ نەتىجىسىگە بىۋاسىتە تەسىر ئېلىپ كېلەلەيدۇ.

چۈشتىن كېيىنكى ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە يۇرتىمىزدىكى ھازىرقى زەردارلاش كۈرىشى دەپ قارالغان ئەلقىيا كوماندىسى بىلەن ئاتەش ج خ كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئىككى كوماندىنىڭ نومۇرى تەڭ بولۇپ، ئاتەش ج خ كوماندىسى ساپ توپ جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى بىلەن ۋاقىتلىق 1- ئورۇندا تۇرۇۋاتاتتى. چۈشتىن كېيىن يىغىلغان مەستانىلەرمۇ ئالاھىدە كۆپ ئىدى.

ئەلقىيا كوماندىسى


ئاتەش ج خ كوماندىسى





ئاتەش ج خ كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئىككى بېك يارىدار بولۇپ، ئورنىغا زاپاس ئەزالار چىققان ئىدى، ئەلقىيا كوماندىسى بۇ مۇسابىقىگە جىددىي مۇئامىلىدە بولغاندەك قىلاتتى، ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان، ۋە خىزمەت قىلىۋاتقان ئىككى نەپەر ماھىرىمۇ بار ئىدى، مۇسابىقە باشلىنىپ دەسلەپكى بەش مىنۇتتا ئەلقىيا تۇلىمۇ شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى.


بۇلۇپمۇ ئۇلار كەينى - كەينىدىن ئېرىشكەن بۇلۇڭ توپ پۇرسىتى ئاتەش ج خ كوماندىسىنىڭ مۇداپىئەسىگە ئېغىر دەرىجىدە خىرىس ئېلىپ كەلدى، قاپقىچىسىنىڭ چاققانلىقى غول بېك ئادىل (ئەسلىدىكى ئەلقىيانىڭ قاپقىچىسى)نىڭ سەزگۈرلىكى بولمىغان بولسا ئەلقىيانىڭ ئالدىنقى بەش مىنۇتتىلا توپ كىرگۈزىشىدىن ئۈمىد بار ئىدى.

بىر قېتىملىق قايتۇرما ھۇجۇمدا ئاتەش ج خ كوماندىسى ئىختىيارى توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. رىپىر بىۋاسىتە تېپىشقا بولىدىغانلىغا ھۆكۈم قىلدى.  ئاساسلىق ھۇجۇمچى پەرھاتجان توپنى بىۋاسىتە تىپىپ كىرگۈزدى. ئالدىنقى 10 مىنۇتنىڭ ئىچىدىلا ئاتەش ج خ كوماندىسى ئاكىتىپ ئورۇنغا ئۆتتى. مۇسابىقە كەسكىن داۋاملاشتى.


ئېغىر - يىنىك دەرىجىدىكى بەدەن سۈركىلىشلەر ئۈزۈلمىدى.


شۇنداقتىمۇ دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك رىپىر ۋەلى مۇئەللىم مەيدان ۋەزىيىتىنى قاتتىق كونترول قىلدى،


تاماشىبىنلارنىڭ قىقاس - سۈرەنلىرى مەيداننى بىر ئالدى، ئاتەش ج خ كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ج خ سىستېمىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقانلار ئىدى، بۇ مەيدانغا ئۇلارنىڭ قىسمەن رەھبەرلىرىمۇ كېلىپ تاماشىبىنلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشتى،

ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلىك بىر رەھبەر مۇسابىقىدىن بۇرۇن مۇنداق دېگەن ئىدى: _ بىزنى بار دەپ ھەرگىز تەمتىرەپ قالماڭلار، بارلىق ماھارىتىڭلارنىڭ ئىشقا سېلىپ ياخشى ئويناڭلار، ئۇتتۇرىۋەتسەڭلارمۇ چاتاق يوق، بىرلەشمە داۋاملىشىدۇ، بىزگە يەنە ئۈمىد بار.
بىر توپ كەينىدا قالغان ئەلقىيا ئوتتۇرا مەيداننى كونترول قىلىپ، ئەجەللىك ھۇجۇمدىن بىر نەچچىنى تەشكىللەپ، بىر قېتىملىق بۇلۇڭ توپ پۇرستىنى چىڭ تۇتۇپ، بىر توپ قايتۇرىۋالدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان 1 : 1 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى.




ھەر ئىككىلا كوماندىنىڭ مەشقاۋۇللىرى ئەزىمەتلىرىنى يىغىپ، مەدەت بىرىش، ئالدىنقى يېرىم مەيداندىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

مەستانىلەرمۇ قىزغىن مۇنازىرىگە چۈشكەن بولۇپ، بەزى مەستانىلەر ئاتەش ج خ كوماندىسىنىڭ ئىككى غوللۇق مۇداپىئەچىنىڭ يوقلۇقى بەك چاندى، ئۇلار ئۇتتۇرۇپ قويامىكىن دېيشتى.
كېيىنكى يېرىم مەيدان باشلاندى. ئىككىلا تەرەپنىڭ ھۇجۇملىرى تۇلىمۇ شىددەتلىك بولۇپ، تۆۋەن دەرىجىلىك سەۋەنلىكلەر يوق دېيەرلىك بولدى، كىچىككىنە سەۋەنلىكمۇ بۇ مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىگە بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزەتتى. بولۇپمۇ ئىككىلا تەرەپ قاپقىچىلىرى رولىنى بەك ياخشى جارى قىلدۇرىۋەتتى. ئاتەش ج خ كوماندىسى يەنە بىر قېتىملىق قايتۇرما ھۇجۇمدا پەرھاتجانغا چىرايلىق بىر توپنى يەتكۈزۈپ بەردى، پەرھاتجانمۇ توپنى توختاتمايلا ئۇرۇۋەتتى، بۇنداق يېقىن ئارىلىقتىن ئۆلچەملىك بۇلۇڭغا ئۇرۇلغان توپقا ئەلقىيا كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى ۋەلى ئىنكاس قىلغان بولسىمۇ ئۈلگۈرەلمىدى، نەتىجە 2 : 1 بولدى، ۋاقىت قىستاپ قالدى، ئەلقىيا بىراقلا يىراق توپ تاشلاپ ھۇجۇم قىلغىلى تۇردى، ئىككى يانغا يىراقتىن تاشلانغا توپلا خىلى ئۈنۈمىنى كۆرسىتىپ ئاتەش ج خ كوماندىسىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى، ۋاقىت توشۇشقا ئاز قالغاندا يىراقتىن تاشلىغان بىر توپنى ئاتەش ج خ كوماندىسى بېكى ئۈسۈپ قايتۇرغان بولسىمۇ، يېقىن ئارىلىقتىكى ئەلقىيا كوماندىسىنىڭ 9 نومۇرلۇق ماھىرى يۈسۈپجان توختاتمايلا قايتۇرۇپ ئۇرىۋەتتى، بىر مۇنچىلىغان بەدەنلەرنىڭ كەينىدە قالغان قاپقىچى توپنى كۆرەلمەيلا قالدى، توپنىڭ سۈرئىتى ئانچە تېز بولسىمۇ، ئەپچىللىك بىلەن ئۇرۇلغان بۇ توپ قاپقا تورىغىچە يېتىپ باردى. مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىشلار كۆتۈرۈلدى، نەتىجە تەڭلەشتى. مەستانىلەر بۇنداق ئېسىل مۇسابىقە تەقدىم ئەتكەن ھەر ئىككى تەرەپ ماھىرلىرىغا ئۇزۇنغىچە چاۋاك ئۇردى.







بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن ھەر ئىككى تەرەپ بىردىن نومۇرغا ئېرىشىپ ئاتەش ج خ كوماندىسى ساپ توپ جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى بىلەن يەنە 1- ئورۇننى ساقلاپ قالدى.

7- ئايلانمىدىن كېيىنكى نومۇر تەرتىپى
1. ئاتەش ج خ كوماندىسى 17 نومۇر، 19 ساپ توپ؛
2. ئەلقىيا كوماندىسى 17 نومۇر، 9 ساپ توپ؛
3. «قاڭقىل تائاملىرى» كوماندىسى 15 نومۇر، 16 ساپ توپ؛
4. ئىتتىپاق كوماندىسى 11 نومۇر، 13 ساپ توپ؛
5. سەرناز كوماندىسى 10 نومۇر، 4 ساپ توپ؛
6. تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى 7 نومۇر؛
7. يار ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى 3 نومۇر؛
8. ياشلار بىرلەشمىسى كوماندىسى 0 نومۇر؛

پەيشەنبە كۈنى ئەزا يۆتكەش ۋاقتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەستىقىلىشىدىن ئۆتكۈزىلىدۇ. كېيىنكى يەكشەنبە 8 - ئايلانما نورمال ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۆزگىرىش بولۇپ قالسا ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.

59

تېما

11

دوست

1708

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11721
يازمىسى: 1708
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 50655
تۆھپە: 1727
ۋاقتى: 284
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 19:58:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ بارسىلونانىڭ كىيمىنى كىيگەنلەرنىڭ كاپىتانى ئېسپانىيەلىكلەرنىڭ كاپتان بەلگىسىنى تاقىۋاپتا
بارسىلونا،مادىرىت ھەمىىدىن نوچىسى شۇ !!

20

تېما

4

دوست

265

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12540
يازمىسى: 265
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 50286
تۆھپە: 353
ۋاقتى: 167
h
ھالەت

بايرىن لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 20:46:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياۋپانا خوتۇن كىشىدىن ئۆتەلەر باركە دىسە ، پۇتىدىكى پايپىقىدىن بىشىدىكى چاشقىچە دىققەت قىلدىغان ...
كەلمىگەن تەلەيدە ئاپاشنىڭ ھەققى بارمۇ

پارىژ سان ژېرمان

8

تېما

10

دوست

1130

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  577
يازمىسى: 1130
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 94746
تۆھپە: 690
ۋاقتى: 899
h
ھالەت

مىلان لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 21:36:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا يەردىكى ج خ لار پۇتبول ئوينايدىكەن ھە  ، بىزنىڭ يۇرتتىكىلىرى ۋاسكىتبولدىن باشقىنى ئوينىيالمايتتى

6

تېما

8

دوست

1463

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  204
يازمىسى: 1463
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 1943403
تۆھپە: 1628
ۋاقتى: 329
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 00:14:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ يەردە مىسسىنى كۆرگەندەكلا قىلىمەنغۇ، قىززىق ھە.........
ئۇيغۇر تىلىم جان تىلىم ، ئىملاغا دىققەت قىلىڭ !!!

كۆك بايراقلار لەپىلدىمەكتە!

73

تېما

0

دوست

2765

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8866
يازمىسى: 2765
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 8509649
تۆھپە: 1283
ۋاقتى: 1677
h
ھالەت

چېلسىي لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 01:02:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرپان كىچىك بولغاچ ئىسمىنى ئۇقمىساممۇ تۇنۇش چىراي بالىلار جىقكەن...

مىسسىنى قوللايم

13

تېما

2

دوست

836

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10901
يازمىسى: 836
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 50006
تۆھپە: 849
ۋاقتى: 122
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 23:20:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۇررا تۇرپان !   مۇشۇ مۇسابىقىلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقىنىدىن بەك خۇشال جۇمۇ مەن ، خىزمەتكە چىققاندا مەنمۇ خۇدايىم بۇيرىسا ئاۋاز قۇشىمەن ...
ئەتىگەن ئورنۇڭدىن تۇر،نىمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى ھامىنى بىلىپ قالىسەن ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号-1 )