- تىزىملاتقان
- 2011-9-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4595
- نادىر
- 5
- يازما
- 4595
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سېرىق ھەرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-12 17:14
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
پورتۇگالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت دىربىسى مۇسابىقىسى
2012-2013 يىللىق پورتۇگالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە پورتۇگالىيە دۆلەت دىربىسى مۇسابىقىسى ئوينالدى ، يەنە پورتۇگالىيە بىرلەشمىسىنىڭ 2 چوڭ زەردارى بولغان پورتۇ كوماندىسى بىلەن بىنفىكا كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ھەل قىلغۇچلۇق مۇسابىقە ئىلىپ بىرىلدى ، بۇ ئىككى كوماندىنىڭ مۇسابىقىسى تارىخدىن بۇيان « پورتۇگالىيە دۆلەت دىربىسى » بولۇپ كەلگەن ...
بۇ مۇسابىقە ھەر ئىككىلى كوماندا ئۈچۈن ئىنتايىن موھىم ھىسابلىنىدىغان بولۇپ پورتۇگالىيە بىرلەشمىسى ئاياغلىشىقا يەنە 1 ئايلانما قالغانلىقى ئۈچۈن قايسى كوماندا غەلبە قىلسا بىرلەشمە چىمپىيۇنلىقى شۇنىڭغا يىقىنلىشاتتى ...
بۇ ئىككى كوماندا بىرلەشمە باشلانغاندىن بىرى تاكى ھازىرغىچە بىر مەيدانمۇ مەغلۇب بولماستەك ياخشى نەتىجە بىلەن كەلگەن ئىدى ...
پورتۇ 2 - 1 بىنفىكا
29 - ئايلانما مۇسابىقە باشلىنىپلا دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىگە ئايلىنىپ كەتتى ، بىنفىكا كوماندىسى مىھمان مەيداندا بولسىمۇ ئىپادىسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ئالدىنقى مەيدان بىر توپ ئۇرۇپ ئۈستىنلىككە ئۆتتى ، كىيىنكى مەيداندا پورتۇ كوماندىسى كۈچەپ بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى ، پورتۇ كوماندىسى قىلچە بوشاشماي 90 مىنۇتتىن ئاشقاندا بوغۇزلاش خارەكتىرلىك توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2 - 1 قىلىپ ئۆزمەيدانىدا غەلبە قىلدى شۇنداقلا پورتۇگالىيە دۆلەت دىربىسىدا غەلبە قىلدى ...
بۇنىڭ بىلەن پورتۇ كوماندىسى ئۇتتۇرماسلىق نەتىجىسىنى ساقلاپ قىلىپ بىرلەشمە لوڭقىسىغا بىر قەدەم تىخىمۇ يىقىنلاشتى ، بۇلار ئەڭ ئاخىرىقى بىر ئايلانما مۇسابىقىدە غەلبە قىسلا ياكى ئۇتتۇرمىسا ( بىنفكا كوماندىسى مۆجىزە بىرشىنى ساقلاشتىن بۆلەك ئامال يوق ) پورتۇگالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسنىڭ چىمپىيۇنى بولىدۇ ...
|
|