تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 2181|ئىنكاس: 40

بالا تىرىغۇچى-بالوتىللى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياغاچ كەسكەن پالتىنىڭ سىپى ياغ

33

تېما

3

دوست

3795

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11693
يازمىسى: 3795
نادىر تېما: 6
ياۋرۇ: 67145
تۆھپە: 4109
ۋاقتى: 984
h
ھالەت

نادىرچى مۇنبەر قىززىقچىسى بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 00:38:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   missi2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-12 13:26  

مەيدان ئىچى-سىرتىدا بالا تېرەر بۇ زەڭگە،
كوچىسىدا مىلاننىڭ چىكىپ يۈرەر بۇ بەڭگە.
خىيالىغا كەلگەننى قىلىپ يۈرەر بۇ زەڭگە،
كەينىدە يۈرەر گۈزەللەر ياندا بولغاچ كۆپ تەڭگە.

بالوتىللى ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 36-ئايلانمىسىدا چىرايلىق بىر توپ كىرگۈزۈپ مىلاننىڭ غەلىبىسىگە ئاساس سالدى، مەيدان ئىچى-سىرتىدا جىم يۇرمەيدىغان بۇ بالاتىرىغۇچىنىڭ بۇ توپى بۇ ئايلانمىدىكى ئىسىل توپلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.


ئىتالىيىنىڭ ئۈمىد چولپىنى بولغان بۇ بالاتىرىغۇچىنىڭ ھەر قايسى بىرلەشمىلەردىكى كىرگۈزگەن ئىسىل توپلىرى شۇنداقلا دۆلەت كوماندىسىدىكى ئۇرغان توپلىرىمۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ؛

ئۇنىڭ ئۆزگىچە چاچ پاسۇنى، چىنىققان بەدەن قىياپىتى، مەيدان ئىچى-سىرتىدا قىلىپ يۈرگەن غەلىتە ئىشلىرى، ھالقىلىق پەيىتلەردە توپ ئۇرۇپ كوماندىسىنى قۇتقۇزۇپ قىلىشى قاتارلىق بىر قاتار ئىش -ھەرىكەتلىرى ئۇنى‹ با ئەۋلىيا › دىگەن نامغا ئىرىشتۇرۇپ قويدى.
ballotilli.jpg

意大利2012.jpg


با ئەۋلىيانىڭ تولۇق ئىسمى مارىئو بالوتىللى،1990-يىل 8-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىتالىيەنىڭ پالىرمودا تۇغۇلغان،ئاتا-ئانىسى گانالىق كۆچمەنلەر بولۇپ،3ياشقا كىرگەندە بىرۇسىيادىكى بىر بىقىۋىلىش ئورنىغا بىرىۋىتىپ شۇ يەردە چوڭ بولغان،18ياشقا كىرگەندە ئىتالىيە تەۋەلىكىگە ئۆتكەن.بۇنىڭدىن شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى ئەينى چاغدا بىقىش-بىقىۋىلىش مۇناسىۋىتى ھەققىدە ھىچقانداق ھۆكۈمەت تەرەپ ئىسپاتى يوق ئىدى.
15ياش 7ئايلىق مەزگىلىدە ئۇ ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىقىپ ئۆزىنىڭ كەسپى پۇتبول ھاياتىنى باشلايدۇ،2006-يىلىدىكى ياز پەسىللىك ئالمىشىش بازىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بازار يىپىلىش كۈنىدە ئىنتىر مىلانغا قوشۇلىدىغان مۇددىتى 3يىللىق بولغان بىر پارچە توختامغا ئىرىشىدۇ،2006-2007-مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ 17ياشلىقلار كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 20 مەيدان مۇسابىقىدە 19 توپ ئۇرىدۇ،كىيىنكى مۇسابىقە پەسلىدە 19ياشلىقلار كوماندىسىدا 9توپ ئۇرۇپ ئىنتىر ياشلار كوماندىسىنىڭ ياشلار بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇن بولۇشىغا تۆھپە قوشىدۇ.شۇنداقلا ئىنتىر بىرىنچى سەپ كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى مەنچىنىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.
2007-يىل12-ئاينىڭ17-كۈنى ئىنتىر مىلان بىلەن كاگلىئارى كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى داۋاملىشىپ ئەڭ ئاخىرقى 2مىنۇت قالغاندا مەنچىنى ئۇنى مەيدانغا چىقىرىدۇ، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم رەسمىي دۆلەتلىك بىرلەشمە مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقىشى بولۇپ قالىدۇ.2كۈندىن كېيىن ئىتالىيە لوڭقىسى مۇسابىقىسنىڭ ئىنتىر بىلەن رىنايا مۇسابىقىسىدە ئۇ تۇنجى قېتىم ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقىدۇ ھەم 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە 2توپ ئۇرىدۇ،2008-يىل 1-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىتالىيە لوڭقىسىنىڭ 1\4ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسدە ئىنتىر مىلان قارشى تەرەپ مەيدانىدا يۇۋىنتۇس بىلەن تۇتۇشىدۇ، كىچىك مارىئو بۇ مۇسابىقىدە ھالقىلىق بولغان 2توپنى ئۇرۇپ 2گە قارشى 3نەتىجە بىلەن يۇۋىنتۇسنى يىڭىپ كىيىنكى باسقۇچقا غەلىبىلىك كىرىدۇ.2008-يىلى 4-ئاينىڭ6-كۈنى ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 32-ئايلانمىسىدا بالوتىللى تۇنجى قېتىم ئاساسلىق ئەزالار قاتارىدا مەيدانغا چىقىدۇ،21مىنۇت بولغاندا بالوتىللى چىقارغان بۇلۇڭ توپنى ۋىئىرا قارشى تەرەپ قاپقىسىغا كىرگۈزىدۇ،73مىنۇت بولغاندا بالوتىللى ئىتالىيە ئا بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزۈپ 0گە قارشى 2نەتىجە بىلەن ئاتلانتا كوماندىسىنى يېڭىدۇ.
2008-2009-مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ مەشىققە ئەستايىدىل پوزىتسىيىدە بولمىغاچقا مەشقاۋۇل مورىنىئو ئۇنىڭغا قاتتىق قول بولۇپ بىر مەزگىل مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى بەرمەيدۇ، بالوتىللى بولسا خاتالىقىنى ھىس قىلىپ مەشىقنى كۈچەيتىدۇ ئەمما كېيىنكى مۇسابىقە پەسلىدە ئاساسلىق ھۇجۇمچى بولغان بولسىمۇ ئىپادىسى ياخشى بولمايدۇ.
balotilli21.jpg


2010-يىل 27-ئىيۇل بالوتىللى 35مىليۇن ياۋرولۇق يۆتكىلىش ھەققى بىلەن بۇرۇنقى مەشقاۋۇلى مەنچىنى قۇماندانلىق قىلىۋاتقان ئىنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى كۇلۇبلار مۇسابىقىسىگە قاتنىشىۋاتقان مانچىستىر شەھىرى كۇلۇبىغا رەسمىي قىتىلىدۇ.
balotilli8.jpg

مانچىستىر شەھىرىگە كەلگەندىن كېيىن بالوتىللىنىڭ پۇتبول ھاياتى دولقۇنسىمان ھالەتتە ئۆتىدۇ، 2011-2012-مۇسابىقە پەسلىدە بالوتىللىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولىدۇ، بۇ مۇسابىقە پەسلىدە بولۇپمۇ ئىنگىلانىدنىڭ داڭلىق كوماندىسى ئوخشاش بىر شەھەردىكى  مانچىستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى بىلەن بولغان دىربى جېڭىدە با ئەۋلىيا ئۆزىنىڭ كارامىتىنى كۆرسىتىدۇ، مۇسابىقىدە ئۆزى 2توپ ئۇرىدۇ،ئاخىرىدا 1گە قارشى 6 نەتىجە بىلەن كۈچلۈك مانچىستىر بىرلەشمىسىنى يېڭىدۇ.
balotilli5.jpg

بۇ مۇسابىقە پەسلىدە بالوتىللى، ئاگۇيرو، سىلۋا،يايا تورى قاتارلىق ماھىرلارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە مانچىستىر شەھىرى ئىنگىلانىد بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۇرىدۇ، بالوتىللى 28مەيدان مۇسابىقىدە 16توپ ئۇرۇپ زور تۆھپە قوشىدۇ. ئەمما بۇ جەرياندا بالوتىللىنىڭ مەيدان ئىچى -سىرتىدىكى بالا تىرىيدىغان ئىشلىرى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ ،بولۇپمۇ كونا مەشقاۋۇلى مەنچىنى بىلەن بولغان جىدىلى،تۈرلۈك ئىرىقتىكى گۈزەللەر بىلەن ئويۇن -تاماشاغا بىرىلىشى ....قاتارلىق ئىشلار تاراتقۇلارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ.
balotilli4.jpg

مانچىنى بىلەن بالوتىللى پەقەتلا چىقىشالمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ،مەنچىنى بۇ بەڭۋاشنىڭ يەنە قانداق بالالارنى تىرىيدىغانلىقىنى پەرەز قىلغۇچە ئۆزى ئۇنىڭ بىلەن ياقا سىقىشىپ قالدى.
balotilli19.jpg

بالوتىللى مانچىستىر شەھىرىگە 40نەچچە يىلدا بىر نىسىپ بولغان لوڭقىنى ئىلىپ بەرگەندىن كېيىن 2013-يىلى 29-يانۋار ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئاس مىلانغا كىلىدۇ، ئۇ مىلانغا كىلىپلا ئۆزىنىڭ يۇقىرى بولغان توپ ئۇرۇش ئۈنۈمىنى نامايان قىلىپ مىلاننىڭ ئاساسلىق نومۇر ئالغۇچىسىغا ئايلىنىدۇ،يەنى ھەر 87 مىنۇتتا بىر توپ ئۇرۇشتەك نەتىجە بىلەن ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە توپ ئۇرۇش ئۈنۈمىدە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتىدۇ.
balotilli24.jpg

بالوتىللى بىر شەھەردىكى ئىنتىر مىلان بىلەن بولغان جەڭدە ياشلارنىڭ قېرىلاردىن كۆپ ئەۋزەل تۇرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى،بالوتىللى: بىر توپ قىرىلار بىلەن مەندەك ئەۋلىياغا تەڭ كىلەلمەيسىلەر ،مېنىڭ مۇنداقمۇ ماھارەتلىرىم بار!  دىگىنىچە ئىنتىرلىقلارنى ئەدەپلەپ قويدى.
بالوتىللى مىلانغا كەلگەندىن كېيىن مىلەننىڭ ‹كىچىك پىرئەۋىنى› ئەل شاراۋى بىلەن ھۇجۇم سىپىدە ئورۇن تالىشىپ قىلىشتەك ۋەزىيەت شەكىللىنىپ قالدى،ئالەيگىرى بەزىدە ئىككى‹غەلىتە باش›لارنى تەڭ ئىشلىتىپمۇ باقتى،ئەمما ئۈنۈم ئانچە ياخشى بولمىدى،كۆپىنچە ھاللاردا بالوتىللى ئۆزى توپ ئۇرۇپ كوماندىنىڭ ئاساسلىق نومۇر ئالغۇچىسى بولدى، ئەمما ئىككى ‹غەلىتە باش›نىڭ مۇناسىۋىتى يەنىلا ياخشى ئىدى ،كېچىلىك بەزمىخانىلاردا ،مەيداندا يەنىلا ئىناقلىقنى ساقلاپ كەلدى .
balotilli9.jpg


بالوتىللىنىڭ دۇنياغا تونۇلۇشى
بالوتىللىنىڭ ھەقىقىي تۈردە دۇنياغا تونۇلۇشىنى 2012-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدىن سۆزلەشكە توغرا كىلىدۇ،ئىتالىيە كوماندىسى پىراندىلى يىتەكچىلىكىدە بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشتى،بالوتىللى ساپ ئىتالىيانلاردىن تەشكىللەنگەن داڭدار كوماندا ئىچىدە بىردىبىر قارا تەنلىك ،شۇنداقلا چاقناش ئالدىدىكى بىر قارا مەرۋايىت ئىدى. گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئىسپانىيە ۋە كىرودىيە بىلەن تەڭلىشىپ قىلىپ خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغان ئىتالىيە كوماندىسى ئىرلاندىيىنى چوقۇم يېڭىشى كېرەك ئىدى، ‹كىشىلىك ھايات ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش›نى باشتىن كەچۈرگەن بالوتىللى مۇسابىقىنىڭ ئاخرقى مىنۇتلىرىدا ئارقىچىلاپ ئۇرغان توپى(ئىرلاندىيە ماھىرى كەينىدىن ئىسىلۋالغان ئەھۋالدا) بىلەن ئىرلاندىيەنى ئۈزۈل كىسىل مەغلۇب قىلىپ گۇرۇپپىدىن 2-بولۇپ چىقتى. كىرگۈزگەن توپى بولسا مۇشۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسىدىكى چىرايلىق كىرگەن توپلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
ئەمما بالوتىللىنىڭ داڭقى گىرمانىيە بىلەن ئوينالغان ياۋروپا لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىكى كىرگۈزگەن ئاشۇ توپى بىلەن جاھانغا پۇر كەتتى. بالوتىللى داڭلىق بىك لام قاتارلىقلارنىڭ مۇداپىئەسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ داڭلىق قاپقىچى نويىر قوغداۋاتقان قاپقىغا 2توپ ئۇرۇپ جاھاننى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى،شۇنداقلا گىرمانىيە كوماندىسىنىڭ رەسمىي مۇسابىقىلەردە ئۇدا 15مەيدان ئۇتۇشتەك رىكۇرتىغا خاتىمە بەردى. ئۇنىڭ ئۇرغان ئىككى توپىمۇ ئىتالىيە كوماندىسىنىڭ ياۋروپا لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرىدە توپ ئۇرالماسلىق تارىخىنىمۇ ئۆزگەرتىپ يازدى.
balotilli1.jpg

ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن بۇرۇن بالوتىللى ئىسپانىيىگە 4توپ ئۇرىمەن دەپ ئۆزىگە نىشان بىكىتتى، چۈنكى ئۇ كۈچلۈك گىرمانىيىگە 2توپ ئۇرالىغان ئىدى، شۇنداقلا ئىتالىيە تۇنجى مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئىسپانىيە بىلەن 1-1نەتىجىدە تەڭلەشكەن ئىدى، شۇڭا ئۇ تولۇپ -تاشقان ئىشەنچ بىلەن شۇنداق دىگەن ئىدى،بىراق ئارزۇ ھامان ئارزۇ،رىئاللىق دىگەن ھامان رىئاللىق-دە،ئۇ مۇسابىقىدە زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ ئەمما ئىسپان بۇقىلىرىنىڭ قورشاۋىدا قىلىپ نومۇر ئىلىشقا مۇۋەپپەق بولالمىدى، ئىسپاننىڭ تەجرىبىلىك بىكلىرى ئالدىدا ئامالسىز قىلىپ ئۆچىنى چىملىقنى مۇشلاشتىن چىقاردى ،بۇ قىلىقىمۇ تاراتقۇلارنىڭ قىزىق نۇقتا خەۋىرىگە ئايلاندى.
balotilli17.jpg

ئويلىمىغان يەردىن قاقۋاش بولۇپ كەتكەن ئىسپانلار ئىتالىيىنىڭ قاپقىسىغا تۆت توپ ئۇرۇپ بالوتىللىنىڭ قولىغا كىلەيلا دەپ قالغان ياۋروپا لوڭقىسىنى تارتىپ كەتتى، ياش بالوتىللىغا بۇ بەكمۇ ئېغىر كەلدى،ئىگىزلىكى 189سانتىمېتىر، ئىغىرلىقى 88كىلوگىرام كىلىدىغان قامەتلىك، چىدامچان،ئەركىن يۇرۇپ ئۆگىنىپ قالغان بىر يىگىتنىڭ كۆزىدىن ياشلار تۆكۈلدى ،ياش ئەمەس قان قۇيۇلدى. ئۇ چوڭ مۇسابىقىلەردە تۇنجى قېتىم مەغلۇبىيەتنىڭ ئاچچىق تەمىنى تىتىغان ئىدى،بولۇپمۇ لوڭقا قولغا كىلەيلا دىگەندە شۇنداق ئازاپلاندى.
balotilli2.jpg

ئىتالىيە گەرچە لوڭقىدىن قۇرۇق قالغان بولسىمۇ ئەمما پىراندىلى يېڭىدىن تەشكىللىگەن ئىتالىيە كوماندىسىنىڭ ئىپادىسىدىن ئىتالىيە خەلقى يەنىلا خۇشاللاندى ،چۈنكى ئىتالىيە 2000-يىلىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەلىگەن ئىدى، ئىتالىيە زوڭتۇڭى كوماندا ئەزالىرىنى قوبۇل قىلغاندا كەپسىز مارىيۇنى ئالاھىدە ماختىدى،ئۇنىڭ گىرمانىيەنى يېڭىپ ئىتالىيە ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۇردى،ئىلھام بەردى.
balotilli23.jpg

بالوتىللىنىڭ شەخسى شان-شەرەپلىرى؛
2010-يىلى بالوتىللى ئارسىنال ماھىرى ۋىلىشىر،مادرىد رىقابەتنىڭ ۋارىتارى دىھىيا قاتارلىقلارنى يېڭىپ 2010-يىللىق ‹ئالتۇن ئۆسمۈر› مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن،ئۇنىڭ ئالدىدا ۋاندىرۋات(2003)، رونىي(2004)،مىسسى(2005)،فابرىگاس(2006)،ئاگۇيرو(2007)،ئاندىرسىن(2008)، پاتو(2009) قاتارلىقلار بۇ تۈردىكى مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ئىدى.
تۇنجى قېتىم دۇنيا‹ئالتۇن توپ› مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كىردى،2012-يىلى خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ‹ئالتۇن توپ› مۇكاپاتى نامزاتلىرىدىكى 23 پۇتبولچىنىڭ ئىچىدە بۇففۇن،پىئىرلو،بالوتىللى قاتارلىق ئۈچ ئىتالىيە ماھىرى بار ئىدى.
كۇلۇبتىكى شان-شەرەپلىرى؛خەلقارا مىلاندا؛
ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنى ئۈچ قېتىم(2007-2008، 2008-2009، 2009-2010)
ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بىر قېتىم(2009-2010)
ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيۇنى بىر قېتىم (2008-يىل)
ئىتالىيە لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بىر قېتىم(2009-2010)
ئىنگىلانىد مانچىستىر شەھىرى كوماندىسىدا
ئىنگىلانىد ئۇيۇشما لوڭقىسى چىمپىيۇنى(2011-يىل)
ئىنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنى(2011-2012)
بالوتىللىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىدىن كارتىنىلار
بالوتىللىنىڭ ئۆز ئانىسى
balotilli20.jpg

بالوتىللىنىڭ بىقىۋالغان ئانىسى(بىقىۋىلىش ئورنىدىن ئىلىپ چىقىپ بالا قىلىۋالغان)
balotilli12.jpg

بالوتىللىنىڭ ماشىنىسى
balotilli11.png

بالوتىللىنىڭ قىز دۇستلىرى بەك كۆپ،تۆۋەندىكىسى سەل ھايالىقلىرى
balotilli10.jpg

balotilli18.jpg

بالوتىللىنىڭ مەيداندا تۇرۇپلا ئوسال مىجەزى ئاشكارلىنىدۇ، بۇ ئۇنىڭغا پايدىسىز تەرىپى
balotilli13.jpg

بالوتىللى ئاس مىلاننى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ، تاشقى پىلانىت ئادىمى رونالدوغا بەك ئامراق،ئىتالىيە خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ئىككى نەپەر ئۈمىد يۇلتۇزلىرى بولغان بالوتىللى بىلەن ئەل شاراۋىيدىن چوڭ ئۈمىدلەر كۈتمەكتە،بالوتىللىنىڭ ئارزۇسىمۇ 2014-يىلىدىكى بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىپ دۇنيا چىمپىيۇنى بولۇش ،ئۇنىڭ ‹كىشىلىك ھايات ھەققىدە قايتا ئويلىنىش› ئارقىلىق ناچار قىلىقلىرىنى ئامال بار ئازايتىپ  ماھارىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۇرۇپ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مەيدانىدا چاقنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
balotilli7.jpg

2014-يىلىغا قاراپ ئالغا بالا تىرىغۇچى-بالوتىللى
2014巴西世界杯.jpg






ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى تۆھپە شۆھرەت تەجرىبە يىغىش سەۋەبى
ماھىرچاق + 30 قالتىس!
لاچىن + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس!
dilmurat. + 50 + 1 + 1 + 1

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 130  تۆھپە + 11  شۆھرەت + 11  تەجرىبە + 11   باھا خاتىرىسى

پۇتبول دۇنيادىكى بىرىنچى ھەرىكەت

پەقەت ۋە پەقەتلا پۇتبول !

19

تېما

13

دوست

1493

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10226
يازمىسى: 1493
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 34918136
تۆھپە: 1011
ۋاقتى: 632
h
ھالەت

ئىجاتچان ئەزا مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 13:42:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  خېلى ئىزدىنىپسىز !   مارىيونىڭ گىرماننى شاللىۋەتكەن 2-تۇپى ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا......بىچارە نويىر ئىنكاس بىكدۈرۈشكىمۇ ئۈلگۈرمىگەن......

پەقەت ۋە پەقەتلا پۇتبول !

19

تېما

13

دوست

1493

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10226
يازمىسى: 1493
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 34918136
تۆھپە: 1011
ۋاقتى: 632
h
ھالەت

ئىجاتچان ئەزا مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 13:45:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئىسپانىيە كۈلۇبى مەستانىسى بولساممۇ ئىتالىيەنى 4-0 ئۇتقان نەتىجىدىن نۇمۇس قىلىمەن !

ۋۇ مېسسى كۆزەڭگە

57

تېما

5

دوست

1110

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8899
يازمىسى: 1110
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 52089
تۆھپە: 1081
ۋاقتى: 254
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 13:53:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

4

تېما

0

دوست

986

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12599
يازمىسى: 986
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 3354
تۆھپە: 1030
ۋاقتى: 206
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 14:09:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ياغاچ كەسكەن پالتىنىڭ سىپى ياغ

33

تېما

3

دوست

3795

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11693
يازمىسى: 3795
نادىر تېما: 6
ياۋرۇ: 67145
تۆھپە: 4109
ۋاقتى: 984
h
ھالەت

نادىرچى مۇنبەر قىززىقچىسى بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 14:41:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزخان يوللىغان ۋاقتى  2013-5-12 14:09
ئاشۇ گىرمانغا ئۇرغان ئىككى توپى ھەقىقەتەن ئېسىل ئۇرۇل ...

مەنمۇ ئاشۇ گىرمانغا ئۇرغان توپىنى بەك ياقتۇرىمەن، تەبرىكلەش ھەرىكىتىچۇ تېخى، بەكمۇ ئۆزگىچە
پۇتبول دۇنيادىكى بىرىنچى ھەرىكەت

komisar

12

تېما

1

دوست

1684

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10621
يازمىسى: 1684
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 7210670
تۆھپە: 1415
ۋاقتى: 252
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 14:43:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچانغىچە بالا تىرىپ يۈرە بۇ غەلىتە باش

كۆك بايراقلار لەپىلدىمەكتە!

74

تېما

0

دوست

2798

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8866
يازمىسى: 2798
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 5109713
تۆھپە: 1306
ۋاقتى: 1691
h
ھالەت

چېلسىي لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 15:18:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئەتراپلىق يىزىپسىز.
نىمىشقىمۇ زەڭگى دىگەن ئاتالغۇنى ئىشلىتىدىغانسىلەر. زەڭگى دىگەن قارا تەنلىكلەرنى كەمسىتىدىغان ئاتالغۇ. خۇددى ئىچكىرىدىكىلەر ئۇيغۇرلارنى ئوغرىلار، ياۋايىلار، خىروئىن ئەتكەسچىلېرى دەپ تەرىپلىگەندەكلا گەپ. ئامېرىكىدا بىر نېگىرنى زەڭگى دەپ چاقىرسا سوتلىشىپ قالىدىغان ئىش چىقىدۇ دەپ ئاڭلىغانتىم. بۇرۇنقى كىتاپلاردىغۇ بۇ ئاتالغۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ ئىبارىنىڭ مۇنبەردە قارا تەنلىك پۇتبولچىلارنى سۈپەتلەيدىغان سۈپەت بۇلۇپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

بەش يۇلتۇزلۇق پۇتبول مەيدانى

98

تېما

25

دوست

2574

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8950
يازمىسى: 2574
نادىر تېما: 12
ياۋرۇ: 4427035
تۆھپە: 1924
ۋاقتى: 1034
h
ھالەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە نادىرچى مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 16:10:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ماۋۇ رەسىمىدە كۆزىدىن قان ئېقىۋاتامدۇ نېمە؟

ھۇررا شىنجاڭ !!!

283

تېما

12

دوست

4095

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9222
يازمىسى: 4095
نادىر تېما: 6
ياۋرۇ: 842124
تۆھپە: 1535
ۋاقتى: 1220
h
ھالەت

ئۆمۈرلۈك شەرەپ تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە مادرىد لۈكچىكى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 16:25:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تېما

بالاتېللىغا بارغانسىرى ئامراق بوپ قېلىۋاتىمەن دىسە
خوتۇن قىزلىرىنى يات ئەرلەردىن كۈنلىمىگەن ئەر ھايۋان بىلەن باراۋەر !

ھەق يولىدىن ئۆزگ

563

تېما

3

دوست

7593

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8221
يازمىسى: 7593
نادىر تېما: 4
ياۋرۇ: 9066250
تۆھپە: 2064
ۋاقتى: 1249
h
ھالەت

يازما يوللاش ئۇستىسى مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 17:08:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما..

ھەق يولىدىن ئۆزگ

563

تېما

3

دوست

7593

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8221
يازمىسى: 7593
نادىر تېما: 4
ياۋرۇ: 9066250
تۆھپە: 2064
ۋاقتى: 1249
h
ھالەت

يازما يوللاش ئۇستىسى مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 17:08:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەينى چاغدا ئىنتىر بۇنى سىتىۋەتكەندە بىشىنى قايسى ھەرە چىقىۋالغان بولغۇيتى...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号-1 )