ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 605 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ۋەتەنجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-12 14:07
ئىنكاسلارنى تولۇق كۆرۈپ چىقتىم ، مۇشۇ يەرگىچە. ھەممىڭلارنى توغرا چۈشۈنۈشكە بولىدۇ، پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىچى سېقىلىشى تەبىئىي، ھەتتا بۇ سېقىلىش پارتىلاش دەرىجىسىگىمۇ يېتىپ باردى. مۇشۇنداق بايلىق ئۈستىگە ئاپىرىدە بولغان زېمىندا بىر كەسپى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ بولماسلىقى ئەقىلگە سېغمايدىغان ئىش. لېكىن سىز پۇتبول مەستانىلىقىدىن ھالقىپ، پۇقرالىق سالاھىيىتىڭىز بىلەن قارىسىڭىز، بولمايۋاتقان نەرسە پەقەت پۇتبول كۇلۇبىلا ئەمەس، بىزدە يەنە نۇرغۇن-نۇرغۇن بولۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەر يوق!
خوش، ئەمدى رادىل ئاكىمىزغا كەلسەك، رادىل ئابلاخۇسۇسىيلىق جەھەتتىن قانداق ئادەم بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇ بىر ئىنقىلاپ خارەكتىرلىك ئىشنىڭ باشلامچىسى دەپ قارايمەن، مىللىيچە يېمەك-ئېچمەك( مۇسۇلمانچە ياكى ئۇيغۇرچىمۇ دەپ تۇرايلى ) ساھەسىدە ئەڭ دەسلەپ سىلكىنىش پەيدا قىلدى، شۇنىڭ تۈرتكىسىدە، ياكى شۇنى تەقلىد قىلىپ بۇ ساھەدە مىللى كارخانىلار كۆپلەپ قۇرۇلدى، بىزمۇ ئۆز مەھسۇلاتلىرىمىزنى تاللاپ سېتىۋالغۇدەك ھالەتنى كۆردۇق.
ئۇنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلىشىشى، بىزدىن ياخشى ئىقتسادىي كاللىسى ۋە سوغۇققان خارەكتىرى بولغانلىقىدا، دەل شۇنىڭ ئۈچۈن، پۇتبول كۇلۇبى قۇرىمەن دېگەن تەقدىردىمۇ، بۇ مەسىلىگە ئەتىراپلىق يەكۈن، لايىھە، كىرىم نىشانى دېگەنلەرنى بېكىتىپ بولدى قىلماي تۇرۇپ، ئۇ ئىشقا ھاياجان بىلەنلا تۇتۇش قىلمايدۇ. بۇ قايسىسىلا تەرەپتىن بولسۇن توغرا ئىش.
يەنە بىر گەپنى قوپاللىقراق بىلەن ئېيتساق خۇسۇسى كارخانا ئېگىلىرىمىزنى، بايلىرىمىزنى ئۇنى قىلمىدىڭ، بۇنى قىلمىدىڭ دەپ ئاغرىنىشقا ھەققىمىز يوق، بۇنداق دەۋەرسەك تېخىمۇ قىلمايدۇ. ھەممە ئادەم چىرايلىق گەپكە ئامراق، بۇيەردە بۇنداق قاقشاپ-قارغان يۈرگۈچە، شۇلارنى بىلسىڭىز، تونۇسىڭىز، كۆرۈرۈش ئىمكانىيىتىڭىز بولسا ئېيتىپ كۆرىسڭىز، چۈشەندۈرىسڭىز بولىدۇ.
خۇلاسە كالام، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرنىڭ مىليادىرىدىن تارتىپ تىلەمچىسىگىچە ئوخشاشلا قېيىنچىلىقتا،شۇنى چۈشەنسىڭىز بولدى. |
|