- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7661
- نادىر
- 17
- يازما
- 7661
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-11 14:51

ئىسپانىيىدىكى ئىككى كۈچلۈك ، يەنى بارسېلونا بىلەن خان مادرىدتىنىڭ بىرازىلىيىلىك داڭلىق ماھىر نېيمارنى يۆتكەش جېڭى يېقىندىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن بولۇپ ،دەسلەپتە بارسېلونا نېيمار ئۈچۈن سانتوس كۇلۇبىغا ئالدىن 10 مىليون ياۋرو زاكالەت پۇلى تۈلىگەن .شۇنداقلا تۆختام تۈزەپ بولغاندىن كېيىن قايسى تەرەپ توختامغا خىلاپىق قىلسا 40 مىليون تۆلەيدىغان بولۇپ كېلىشىمنامە ئىمزالىغان .نېيمار ئۈزىمۇ بارسېلوناغا كېلىشكە قۇشۇلۇپ ئىپادە بىلدۈرگەن .
« دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى » نېيمار بۇ يىل يازدا بارسېلوناغا كېلىدۇ دەپ جاكارلىغان .« كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى » مۇ ، بارسېلونانىڭ باش رەئىسى روسېل ئۆزى باش بولۇپ نېيمارنى تېخىمۇ تېزراق يۆتكەشكە ئاتلاندى دەپ خەۋەر بەرگەن .ماركا گېزىتى باش بېتىدە مۇنداق دىيىلگەن ،مادرىد ھازىر نېيمارغا بەكرەك يېقىنلىشىپ بولدى .ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسدىكى سۆھبەت ئۇڭۇشلۇق بولماقتا،مادرىد بارسېلوناغا قارىغاندا ئاكتىپ ئۇرۇنغا ئۇتۇۋالدى ! چۈنكى ،مادرىد نېيمارنى 100 مىليون ياۋرو بىلەن يۆتكەشكە رازى بولدى .
ئىككى كۇلۇب نېيمارنى يۆتكەشكە تازا قىزىق كىرىشىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە ،نېيمار « كۈيىۋاتقان ئوتقا سوغاق سۇ چاچقاندەك » بىر گەپنى قىلدى .بۈگۈن نېيمار « ئا س گېزىتى » نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇچۇق ئىپادە بىلدۈرۈپ ،بۇ يىل يازدا بىرازىلىيىدىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان .نېيمار مۇنداق دىگەن ، مىنىڭ نىشانىم 2014-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسى ،ياۋروپاغا بېرىپ سەۋىيەمنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈشنى ئويلايمەن .بىراق ھازىر ئەمەس ،بۇ يىل ياۋرۇپاغا بارمايمەن .ئىگىلىنىشچە ،نېيمارنىڭ بۇ سۆزىدىن كېيىن ئىككى كۇلۇبىنىڭ تېخىمۇ سەپرايى ئۆرلىگەن .
 |
|