akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 854|ئىنكاس: 27

سىر بوۋاي ئۈزۈندىلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوۋىنⅡ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-11 14:29  

22563_588920_739150.jpg
61e2ddc1jw1e4gyuy5zwgg20gu0kujts.gif
22563_588865_142012.jpg
بوۋاينىڭ پېنىسىيىگە چىقىدىغان خەۋىرى چىققاندىن بېرى مۇنبەردە ئالۋاستىلار جىمىپلا كەتتۇق،باشقىلارنى بوۋايغا ئاتاپ بىر نەرسە يازار دەپ ساقلىسام 2 كۈن بولدى جىمجىت، ئامىرىكا بىر تېما يازدى بۇۋاي توغرىلىق ،ئالۋاستىلار يەنىلا جىمجىت...شۇڭا بۈگۈن ئاز بولسىمۇ بىر نەرسە يىزىپ قۇياي. بوۋاينىڭ ھۆرمىتىگە نىمىلا يازساق ئازلىق قىلىدۇ...

   تېخى يېقىندىكى كۇلۇب تارىخىدىكى 20- قېتىملىق چوڭ تىپتىكى لوڭقىنىڭ خوشاللىقى ئاياغلاشماي تۇرۇپلا ئالۋاستى مەستانىلىرىنى«ئىلگىرى قاتتىق ئەندىشىگە سالغان لىكىن يەنىلا مەڭگۈ يۈز بەرمەيدىغاندەك » بىر ئىش يۈز بەردى، مانچېستېر ئۈچۈن چارەك ئەسىر ئۆمرىنى بېغىشلىغان،مانچېستېردا 26 يىل تېرېنېرلىق ھاياتىنى ئۆتكۈزگەن ،مانچېستېر ئۈچۈن ئالغىلىلىكى بۇلىدىغان بارلىق شان-شەرەپلەرنى ئالغان يەنە بىر مانچېستىر ئاتىسى، سىر ئالېكىس فۇرگېسېن مۇشۇ يازدا پىنىسىيىگە چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
   مانچېستىر مەستانىلىرى ئەپسۇسلىنىش،ئۆكۈنۈش ئىچىدە تۇرغان مۇشۇ پەيتتە سىنا تورى بوۋاينىڭ مەشھۇر ئۈزۈندىلىرىى تاللاپ چىقتى،قېنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

1. لىۋېرپول توغرىلىق
liverpoolfc_235664_1440x900.jpg
  «مىنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ زور مۇۋەپپىقىيىتىم ھازىرقى بارلىق شان-شەرەپلىرىم بولماستىن بەلكى لىۋىرپولنى ئا+ناڭنى شاھلىق ئورنىدىن چۈشۈرىۋەتكىنىمدۇر. بۇ گىپىمنى ئېلان قىلساڭلار بۇلىدۇ»
  ____بوۋاينىڭ پۈتكۈل تېرېنېرلىق ھاياتىدا لىۋېرپول ئۇنىڭ بىردىنبىر ئەشەددى رەقىبى بۇلۇپ كەلدى. 20 نەچچە يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق بوۋاي ئاخىرى بۇ ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇردى.

2.مانچېستىېر شەھىرى توغرىلىق
1-120625144258.jpg
«ھازىر كىشىلەر ئۇلاردىن ناھايىتى زور ئۈمىدلەرنى كۈتىۋاتىدۇ،ئۇلارنىڭ شۇنچىۋالا زور مەبلەغ سېلىشىغا يارىشا ئۇلار بىرەر نەتىجىگە ئېرىشىشكە ھەقلىق.بەزىدە سىزنىڭ مۇشۇنداق توختىماي ۋاراڭ-چۇرۇڭ چىقىرىدىغان خوشنىڭىز بۇلىدۇ ،بۇنىڭغا چىدىماي ئامالىڭىز يوق.»  
___شەھەرلىكلەر غايەت زور مەبلىغىگە تايىنىڭ سىرتتىن چولپانلارنى كىرگۈزۈپ قىسقىغىنە ۋاقىتتىلا زەردار كوماندىغا ئايلادى،بۇنىڭغا نىسبەتەن بوۋاي بۇنى پەقەت خوشنىسىنىڭ بىر  ۋاراڭ-چۇرۇڭى دەپلاھىسابلىدى.

3.ئارسېنال ۋە ۋېنگېر توغرىلىق
20106101448116821670.jpg
«توپچىلار مەيدانغا كىرىدىغان ئۈتۈشمە يولدا مەن ۋېنگېرنىڭ مىنىڭ ئەزالىرىمنى ئەيىپلەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ،«نېرى تۇر ،ئەزالىرىمغا تەگمە » دىدىم،ئۇ مۇشتۇمىنى دېۋەيلەپ كەلگىنىچە «سەن نىمە دىمەكچى»دىدى.توپچىلارنىڭ قىلمىشى ئۈچۈن قارشى تەرەپ تېرېنېرى بىلەن ئۇرۇشىدىغان بۇ ئىشقا ئىشەنگۈم كەلمىدى. بىراق مەن ۋېنگېرنىڭ مەندىن كەچۈرۈم سورىشىنىمۇ ئارزۇ قىلمايمەن،ئۇ ئاشۇنداق بىر ئادەم.»
___2002-2003-پەسىلدىكى بىرلەشمىنىڭ چىمپىيونلۇقىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم بىر مەيدان مۇسابىقىدە بوۋاي ۋېنگېر بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغىلى تاس قالدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ 2005-يىلىدىن كىيى ئارسېنالنىڭ ھالسىزلىنىشىغا ئەگىشىپ بوۋايمۇ ۋېنگىر بىلەن قارشىلاشمايدىغان بولدى.

4.چېلسى توغرىلىق
149521_1256052150ZIAa.jpg
  «يېقىنقى 12-13 يىللىق تارىخنى ۋاراقلاپ بېقىڭلار،زادى كىم؟ مانچېستىر بىلەن ئارسېنال،ئارسېنال بىلەن مانچېستىر.توغرا،ھازىر چېلسى بىز بىلەن قارشىلىشالايدىغان بولدى،ئارسېنالنىڭ بىزگە بولغان تارىخى شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى پەقەت بىرنەچچە مەيدان غەلبىلا ھىچنىمىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ،سىنىڭ چۇقۇم ئۆزەڭنىڭ ۋە كۇلۇبنىڭ شانلىق تارىخى بۇلۇشى كېرەك.»
___ئابلاموۋىچنىڭ چېلسىدا قوزغىغان «يېشىل رەڭلىك ئىنقىلابى» بىردىنلا ئۈنۈم بېرىپ ئارسېنالنىڭ ئورنىنى ئېلىپ مانچېستېرنىڭ بىرىنجى رەقىبىگە ئايلاندى،بۇ ھەقتە بوۋاي قەستەن ئارسېنالنىڭ تارىخىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ چېلسىنىڭ زىتىغا تەگدى.

5.مۇرىنىئو توغرىلىق
13799411_985008.jpg
«مورىنىئو ھەر قانداق بىر كوماندىدا تېرېنېرلىق قىلالايدۇ،مەن كۇلۇبنىڭ كەلگۈسى توغرىلىق ھىچقانداق پەرەز قىلغۇم يوق،تېرېنېرلىق ئورۇندىمۇ مەڭگۈ ئولتۇرالمايمەن. لىكىن شۇنىسى ئېنىقكى مۇرىنئو ھەرقانداق بىر كوماندىدا تېرېنېرلىق قىلالايدۇ.»
___بىر قېتىملىق زىيارەتتە بوۋاي مۇرىنىئونىڭ كەلگۈسى ھەققىدە توختىلىپ دىگەن سۆزى كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى. ئەجەبا مۇرىنىئونىڭ مادرېدتىن ئايرىلىشى چېلسى ئەچەن بولماستىن بەلكى مانچېستېر ئۈچۈنمۇ؟

6.بېكھام توغرىلىق
22563_971952_667662.jpg
  «بۇ پۈتۈنلەي بىر تاسادىبىلىق،ئەگەر مەن يەنە 100 قېتىم ياكى  1000000 قېتىم سىناپ باقساممۇ بۇنداق قىلالمايمەن،ئەگەر قىلالىسام مەن مەيدانغا چۈشۈپ توپ تەپكەن بۇلاتتىم.»
___2003-يىلىدىكى بىر قېتىملىق «ئۇچقۇر ئاياغ» ۋەقەسى بوۋاي بىلەن ئەتىۋارلىق شاگىرتى بېكھامنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۈزدۈردى. بېكھام مادرېدقا كەتتى، بۇ ئىشتىن كىيىن بوۋاي بۇ ھەقتە توختىلىپ يۇقىرىقى سۆزنى ئېيتتى.

7.گىگىس توغرىلىق
22563_588909_657740.jpg
«مەن ئۇنى تۇنجى كۆرگەندە ئۇ 13 ياشتا ئىدى،مەيداندا توختىماي يۈگرەپ يۈرەتتى، ئەنگىليە كوكا ئىتىدەك شامالدا چېپىپ يۈرەتتى.گارى»
___گىگىس بوۋاينىڭ قۇلىدا ھازىرغىچە توپ تىپىپ كەلمەكتە ،ھازىر پۈتۈن بۇنيا بېلنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرسىمۇ بوۋاي يەنىلا قەتئىيلىك بىلەن«23 ياشلىق ئوخشاش ياشتىكى گىگس  ھازىرقى بېلدىن تېخىمۇ قالتىس ئىدى  » دەيدۇ.

8.گارى نېۋىل توغرىلىق
22563_588905_156482.jpg
«ئۇ ئەگەر يەنە 2.5 سانتىمىتىر ئىگىز بولغان بولسا ئەنگىلىيىدىكى ئەڭ ياخشى ئوتتۇرا بېك بۇلالايتى،ئۇنىڭ دادىسى 2 مىتىر كىلىدۇ، شۇڭا مەن سۈت تۇشۇغۇچىدىن گۇمانلىنىمەن»
__گارى نېۋىل گەرچە ئۆزىدە ئۇنداق بەك  تالانت ھازىرلىمىغان بولسىمۇ بىراق بوۋاي بۇ شاگىرتىغا ئىنتايىن ئامراق ئىدى. ھەر قېتىم ئۇ توغرۇلۇق گەپ بولسا بوۋاي بىر نەچچە ئېغىز چاقچاق قىلىپ قۇيۇشنى ئۇنتمايتتى.

9.س رونالدو توغرىلىق
22563_588911_992160.jpg
«سىلەرچە مەن ئۇلار بىلەن توختاملىشارمەنمۇ؟ تەڭرىم ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن،مۇمكىن ئەمەس،مەن ھەتتا بىرەر تال مىكروبنىمۇ ئۇلارغا سېتىپ بەرمەيمەن.»
___س رونالدونىڭ كىتىش -كەتمەسلىك مەسىلىسىدە بوۋاي ئۇنى نەسىھەت قىلىپ ئېلىپ قالماقچى بولدى،لىكىن س رونالدو 2009-يەنىلا بوناۋۇغا كەتتى.

10. فەننىستېرلوي توغرىلىق
22563_588913_573726.jpg
«ئۇنىڭ توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى،لىكىن مىنىڭ رىكورتىمنى بۇزالىغىنى يوق، مەن ئەينى چاغدا دىمفۇلىن كوماندىسىدىكى چېغىمدا 51 مەيداندا 45 توپ كىرگۈزگەن. »
___«چەكلەنگەن رايۇن شاھى» ئىلگىرى بوۋاينىڭ ئەڭ ئۆتكۈر شەمشىرى ئىدى،بىراق بۇ گوللاندىيىلىك بوۋاينىڭ كوماندىدىكى ئورنىغا ۋە تەسىرىگە خىرىس قىلماقچى بولغاندە بوۋاي تەرىپىدىن قۇڭىغا تېپىك يەپ چۆرۈۋېتىلدى.

11.ۋېرون توغرىلىق
0019b91ed78a0f91c3150b.jpg
  «ئا+ناڭنى سەن مۇخبىرغا گەپ قلغۇم يوق،ئۇ ئا+ناڭنى ۋېرون بولسا بىر قالتىس پۇتبولچى،سەن ئا+ناڭنى ئۆلگۈر ئەخمەق مۇخبىر...ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاخىرلاشتى!»
___گەرچە ئاخبارات ۋاستىلىرى بوۋاينىڭ 2002-يىلى ناھايىتى يۇقىرى باھادا ۋېروننى ئەكىلىشى ئۇنىڭ ئەڭ مەغلۇب بولغان بىر قېتىملىق سودىسى دەپ ھىسابلىسىمۇ، مۇخبىرلاربۇ توغرىسىدا ئېغىز ئاچقان ھامان بوۋاينىڭ سېسىق گىپىگە نائىل بۇلاتتى.

12. يىنس توغرىلىق
7939f46334a8425f0c33fa99.jpg
«ئۇ ئا+ناڭنى ئۆلگۈر ئىپلاس،بىرىنقى دەرىجىلىك چارلى 1. (ئەنگىلىيىلىك ئۇنسۇر)»
___يىنس مانچېستېردا ئۇتۇق قازانغاندىن كىيىن ئېنتىرغا يۆتكىلىپ كەتتى،ئاندىن لىۋېرپولغا باردى،ئۇنىڭ بۇ خائىنلىقى بوۋاينىڭ غەزەپ-نەپرىتىنى قوزغىدى.

13.شۇمىچېر توغرىلىق
6obx6wrw8xvf.jpg
«ئۇ مەندىن بىر باش كەلگۈدەك ئىگىز،مەن ئۇنىڭغا بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىغاندا «ئۇ مۇش كۆتۈرۈپ مىنى ئەدەپلىسە ئۆلمەي قالمايمەن دەپ ئويلىغان. »»
___بوۋاي بۇ بىر ئەۋلاد قاپقىچىنى تىلغا ئالغىنىدا بىر كۆرۈنۈشنى ئەسلەپ ئۆتىدۇ،يەنى بوۋاي ئىلگىرى كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە ئۆزىىڭ داڭلىق «چاچ قۇرۇتقۇچ» ھەرىكىتىنى شۇمىچېرغا چىغارغان،لىكىن يۇقىرىدا بوۋاي دىگەندەك ئىش يۈز بەرمىگەن.

14. «چاچ قۇرۇتقۇچ» توغرىلىق
2011102594926HEV35.jpg
«ئا+ناڭنى سىلەر قانداق ئويناۋاتىسىلەر؟ بۇ مەن كۆرگەن ئەڭ چوڭ بىر ئىتنىڭ پوقى،ھىچقايسىڭ مىنىڭ كۈزۈمگە قارىيالمىدىڭ،چۈنكى ھىچقايسىڭنىڭ مەن بىلەن پاراڭلىشىشقا سالاھىتىڭ توشمايدۇ.»
____ھەممەيلەن كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە چاچ قۇرۇتقۇچ ھەرىكىتى بولسا بوۋاينىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك قورالى دىيىشىدۇ.1998-يىلى شېفىر چارشەنبە كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەم ئېلىش ۋاقتىدا كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىكى بۇ كۆرۈنۈش بۇنىڭ تىپىك مىسالى.

15.«فۇرگېسېن ۋاقتى» توغرىلىق
20121001084541abb7c.jpg
4ffbcf0agw1e4h7kh509sj20ho0auabd.jpg
«ئۇلار ئاران 4 مىنۇت قۇشۇپ بەردى،بۇ بىر بىمەنىلىك،بۇ سىزنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىدە نورمال ھالدا غەلبە قىلىشىڭىزغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ،بۇ مەيداندا 6 ئادەم ئالماشتۇرۇلدى،ۋارىتارنىڭ توپ باشلىماي تۇرىۋېلىشىمۇ نەچچە مىنىۇتنى زايە قىلىۋەتتى،4 مىنۇت قۇشۇپ بىرىلسە ھەرگىزمۇ يەتمەيدۇ.»
___ئېنگلاند توپ مەستانىلىرى ئادەتتە قۇشۇپ بىرىلەەن ۋاقىتنى «فۇرگېسېن ۋاقتى» دىيىشىدۇ،بوۋاينىڭ قارىشىچە مانچېستىر ئەگەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە غەلبىگە ئېرىشەلمىگۈدەك بولسا ېرپىر ھامان ئازدر-كۆپتۈر ۋاقىتنى «يېۋالىدۇ».

16.تۇنجى قېتىملىق پىنىسىيىگە چىقىش قارارى توغرىسىدا
831E0B3CF678F9B96873C28AF9AC65E3.jpg
«كىشىلەرنىڭ پىنىسىيىەە چىقىپلا ئۆلۈك ساندۇقىغا كىرىشىگە نۇرغۇن مىساللار بار،چۈنكى ئۇلار ئۆزىنى ئالغا ئىلگىرىلىتىدىغان ،داۋاملىق ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان كۈچتىن مەھرۇم بولغان.دادام پىنىسىيىگە چىقىپ بىر ھەپتىدىن كىيىن راك دەپ دىئاگنوز قۇيۇلدى،بىر يىلدىن كىيىن ئۈلۈپ كەتتى.»
___2007-2008 مۇسابىقە پەسلىدە بوۋاي چىكىنىشنى ئويلاپ باققان، لىكىن تىزلا قارارىدىن يېنىۋالدى.

17.پۇتبول توغرىلىق
7197d6ecgw1dkk6ub95alj.jpg
«ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ،ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ،ئا+ناڭنى ئۆلگۈر پۇتبول.»
___1999-يىلى بوۋاي تۇنجى قېتىم ئۇزغۇنلۇقنىڭ تەمىنى تېتىغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ پۇتبولغا بولغان كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

18.رەسمى پىنىسىيىەە چىقىش توغرىسىدا
22563_971851_969976.jpg
«ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا مەن كوماندا ئەڭ كۈچلۈك چاغدا پىنىسىيىگە چىقىشىم كېرەك،مەنچە ھازىر ئەڭ ياخشى پەيتى. بىز يرقىندىلا چىمپىيون بولدۇق،كوماندىنىڭ ياش قۇرۇلمىسىمۇ ئىنتايىن مۇۋاپىق،ياش ماھىرلار پىشىپ يىتىلدى،كوماندىمۇ ئىنتايىن جانلىق،بۇ كوماندىنى كەلگۈسى بىر مەزگىل ئىچىدە كاپالەتكە ئىگە قىلالايدۇ. بىزنىڭ مەشق ئەسلىھەلىرىمىز ئىنتايىن ياخشى،مەيدانىمىزمۇ ئىنتايىن مۇكەممەل.»

19.جېرراد توغرىسىدا (بۇنى سىنادىكىلەر ئۇنتۇپ قاپتۇ،ئۆزەم قۇشۇپ قۇياي)
09503aW0-0.jpg
«لىۋېرپول ئىنتايىن تەلەيلىك،چۈنكى ئۇلاردا بىر جېرراد بار ؛مانچېستېر تېخىمۇ تەلەيلىك،چۈنكى لېۋىرپولدا پەقەر بىرلا جېرراد بار.»
___بوۋاينىڭ مۇخبىرلارغ دىگەن سۆزى.


پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-11 14:55:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىۋېرپولنى خانلىق تەختىدىن چۈشۈرۋىتىمەن دەپ دىگىنىنى قىلدى ! ئەمدى ئالېكىس كەتتى مانچىستېرنىڭ خانلىق تەختىمۇ ئۇزاققا بارمايدۇ .

فۇرگىسىن ۋاقتى دىگىنمىز ، مانچىستېر توپ كىرگۈزمىگىچە قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىت توشمايدۇ دىگەن گەپ ، ۋېبو ،  كىلاتتتىنبىروگلارنىڭ كۆڭلى ھەممىدىن بەك يېرىم بولدى ھەقاچان  ...بولدىلا باشقا گەپلەنى دىمەي ، پىنىسىيەگە چىققان ئادەمنىڭ يامان گېپىنى قىمماي

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-11 15:08:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت يانداپلا ئۆتۈپ كەتمەكچىتىم لېكىن يەنلا بىر ياخشى تېمغا ئىنكاس يازغۇم كەلدى ..
مانچىستىرنىڭ ھازىرقى ھالتى تۇراقلىق ..يېڭى كەلداخۇن كېلىپ ئانچە مۇنچە تالاغا ئاچىقىپ توپىسنى قېقىۋېتىپ تامغا قېقىپ ئېسىپ قويىسا بولدۇ .
يېڭى پەسىلدە چېلسىغا كىم كېلىپ تېرنىرلىق قىلا  ؟؟ كېلەر پەسىل ئېنگىلاد قىزىيدۇ .. قىزىيدۇ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-11 15:12:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادا بۇنىڭ بىلەن ئوخشاش دەۋىر سۈرەلەيدىغان تىرنىردىن يەنە بىرسى چىقارمۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-11 15:17:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت قېرىندىشىم.بەك ياخشى يىزىپسىز،قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.نادىرلىسا بولغىدەك تېما بۇلۇپتۇ.فۇرگۇسىننىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ھاياتىغا بەخىت تىلەيمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-11 16:02:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھلگەر قىرى  چىكىندىغان ۋاقىتتى شۇنداق ياخشى تاللىدى  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-11 16:10:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىۋىرپوللۇقلار ئالدىراپ خۇش بولماڭلار... سىلەرنى دۇمبالاپ كۆنۈپ كەتكەن مويىس تېخى بار

فۇ بوۋاينىڭ يوقىلىشى ئىنگىلاد بىرلەشمىسى ئۈچۈن زور بىر يوقۇتۇش...! ئەمدى ئۇنىڭ پوپوتاڭ چايناپ قوماندانلىق قىلغان ھالىتىنى پەقەت 180 مىنۇتلا كۆرەلەيدىغان بولدۇق!!


قوشۇپ بىرىلگەن ۋاقىت مانچىستىر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم... ھازىرغا قەدەر 71 قېتىم 90 مىنۇتتىن كېيىن رەقىبىنى بوغۇزلاپ تاشلىغان... بۇمۇ بىر خىل تاكتىكا...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-11 16:58:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي لىۋىرپول سەن قاچانمۇ شاھلىق ئورنۇڭغا قايتىپ كىلەسەن ……
image.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-11 17:01:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەرەپشان يوللىغان ۋاقتى  2013-5-11 16:10
لىۋىرپوللۇقلار ئالدىراپ خۇش بولماڭلار... سىلەرنى دۇمبا ...

باش سۈرەت يارىشىپتۇ   
خۇددى فورگوسىن ئۈچۈن ماتەم تۇتقاندەكلا ئىش قىلۋاتىسىلەر  مانچىستر  مەستانىلىرى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-11 17:28:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi0998 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-11 17:01
باش سۈرەت يارىشىپتۇ   
خۇددى فورگوسىن ئۈچۈن ماتەم ت ...

ماتەمنى ئۆلگەندە تۇتىدۇ
بوۋاينى ئۇزىتىپ قويىۋاتىمىز...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-11 17:53:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جېراد  ، جېرادنى ئەپ كىلەلمىگىنىگە ھىلى ھەممۇ پۇشمىنى باردە،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-11 17:59:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-10 17:36

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش