- تىزىملاتقان
- 2011-8-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 547
- نادىر
- 0
- يازما
- 547
|
سىينا تەنتەربىيىسى 11-ماي خەۋىرى:
ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ ھەر قايسى كۇلۇبلار سەپ شەكلىدە يېڭى ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ بېرىش ئالدىدا تۇرماقتا.گەرچە مورىنھونىڭ چېلسىيغا كىلىشى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملىشىپ قالغان بولسىمۇ بۇ كۆك قوشۇن يازلىق بازاردا قان ئالماشتۇرۇش ئالدىدا تۇرماقتا.
ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا دىروگبا توپ ئويناۋاتقان تۈركىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىئۇنى گالاتا ساراي كوماندىسى چېلسىي كوماندىسى كاپىتانى تېررىيغا يۇقىرى مائاشلىق توختام تەييالاپ قويغان.«پوچتا گىزىتى»،«قوغدىغۇچىلار گىزىتى»ۋە «ئەينەك گىزىتى »قاتارلىق ئابارات ۋاستىلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ خەۋەرنى ئىلان قىلغان بولۇپ «كۈندىلىك پوچتا گىزىتى»نىڭ ئاشكارلىشىچە گالاتا ساراي كوماندىسى چېلسىي تېررىيغا 200مىڭ فونستىرلىڭ ھەپتىلىك مائاش ۋە ئۈچ يىلىق توختام ئىمزالاش ئارزۇسىنى تىررىيغا يەتكۈزگەن.تىررىينىڭ چېلسىيدىكى ھەپتىلىك مائاشى 150مىڭ فونىستىرلىڭ بولۇپ توختام مۇددىتى توشىدىغانغا يەنە بىر يىل بار. لىكىن تىررى بېنتىزنىڭ قول ئاستىدا ئاساسىي ئەزالىق ئورنىنى يوقىتىپ قويدى، شۇنداقتىمۇ تىررىينىڭ كۇلۇپ بىلەن داۋاملىق توختاملىشىش ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ كۇلۇبنىڭ ئۇنىڭ كوماندىدىدىكى ھەل قىلغۇچلۇق ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ توختام ئۇزارتىشنى ئارزۇ قىلىپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ چېلسىي يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر يەنىلا جىم.
ئەگەر چېلسىي تەرەپ تىررىي بىلەن سۆبەتلىشىش ۋە توختام ئۇزارتىشنى خالىمىسا تىررىيمۇ گالاتا ساراي كوماندىسىغا قوشۇلۇپ قېلىشى مۈمكىن، گالاتا ساراي تىررىينىڭ يۆتكىلىش ھەققى ئۈچۈن 8مىليون فونىستىرلىڭ تەييارلاپ قويغان.
مەنبە:http://sports.sina.com.cn/g/pl/2013-05-11/06356562058.shtml |
|