تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 976|ئىنكاس: 3

تۇرپان بىرلەشمىسىنىڭ 6- ئايلانما خەۋىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

20

تېما

1

دوست

126

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10417
يازمىسى: 126
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 50236
تۆھپە: 20120269
ۋاقتى: 112
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 20:21:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   atesh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-7 09:41  


5- ماي تۇرپان باھار پەسىللىك بىرلەشمىسىنىڭ 6- ئايلانمىسى شەھەرلىك 7- باشلانغۇچ مەكتەپ مەيدانىدا نورمال ئېلىپ بېرىلدى. چۈشتىن بۇرۇن ئەلقىيا كوماندىسى بىلەن ئىتتىپاق كوماندىسى، «قاڭقىل تائاملىرى» كوماندىسى بىلەن سەرناز كوماندىسى ئوينىدى، چۈشتىن كېيىن ئاتەش ج خ كوماندىسى بىلەن ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى، يار ئوتتۇرا كوماندىسى بىلەن ياشلار بىرلەشمىسى كوماندىسى ئوينىدى.

ئەلقىيا 1 : 1 ئىتتىپاق


چۈشتىن بۇرۇنقى تۇنجى مەيدان ئەلقىيا بىلەن ئىتتىپاق ئوتتۇرىسىدىكى كونا رەقىبلەرنىڭ جېڭى بولۇپ، تۇرپان بىرلەشمىسىنىڭ 1- ئورۇندا تۇرىۋاتقان زەردار كوماندىسى ئەلقىيا ئۇدا ئۇتۇش رېكورتى بىلەن رەقىبلىرىنى يەر چىشلىتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئاتەش ج خ كوماندىسى ئۇلارغا نومۇر جەھەتتە يېقىندىن ئەگىشىپ كېلىۋاتقاچقا بۇ مەيدان مۇسابىقىگە يەنىلا سەل قاراشقا بولمايتتى. ناۋادا ئەلقىيا بۇ مەيداندا ئۇتتۇرۇپ ياكى تەڭلىشىپ قالسا ئاتەش ج خ كوماندىسى ئۈچۈن نومۇرنى تەڭلەشتۈرىۋالىدىغان ياخشى پۇرسەت بولاتتى.
ئىتتىپاق كوماندىسى قىشلىق ئايلانمىدا 2- لىكنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق باھار پەسىللىك بىرلەشمىدىكى نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتاتتى. شۇڭا بۇ مەيدان جەڭ ئۇلار ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئىدى.
ئىتتىپاق مۇداپىئەنى چىڭىتىپ، ئالدى بىلەن توپ يېيشتىن ساقلىنىپ، ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئەلقىيانىڭ ئەجەللىك ھۇجۇملىرىدىن بىر نەچچىنى بىتچىت قىلدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان 0 : 0 بىلەن ئاخىرلاشتى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا زاپاس ئەزا سالاھىيىتى بىلەن مەيدانغا چىققان ئەلى ئىتتىپاق ئۈچۈن بىر توپ ئۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئەلىقىيا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپ مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئۈچ مىنۇت قالغاندا ئابدۇۋەلى بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرىۋالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر ئىككىلا تەرەپكە ئاز _ تۇلا پۇرسەت كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي نەتىجىدە ئۆزگىرىش قىلالمىدى.

«قاڭقىل تائاملىرى» كوماندىسى 2 : 0 سەرناز كوماندىسى



بۇ مەيدان مۇسابىقىگە سەرنازنىڭ كاپىتانى ۋە غوللۇق ھۇجۇمچىسى قاتنىشالمىدى، «قاڭقىل تائاملىرى» كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى ناھايىتى روھلۇق بولۇپ، كەيپىياتى ياخشى كۆرۈنەتتى. ئۇلار مۇسابىقە جەريانىدا باشتىن - ئاخىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، قىممەتلىك ئۈچ نومۇرنى قولغا كەلتۈردى.

ئاتەش ج خ كوماندىسى 5 : 3 ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى



ئاتەش ج خ كوماندىسى ئۈچۈن بۇ مەيداندىكى غەلىبە ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ بۇ ئايلانمىدىن بۇرۇن ئەلقىيادىن ئىككى نومۇر پەرق بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتاتتى. ئەلقىيا كوماندىسى ئىتتىپاق بىلەن تەڭلىشىپ قالغاچقا مۇشۇ مەيداندا ئۇتسىلا ئەلقىيا بىلەن نومۇر جەھەتتە تەڭلىشىپ، ساپ توپ جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى بىلەن 1- ئورۇنغا ئۆتۈشىدە گەپ يوق ئىدى. مۇسابىقە باشلاندى، ئاتەش ج خ كوماندىسى ئويلىمىغان يەردىن ئىككى توپ ئىستېمال قىلىۋالدى، كېيىن ئۇلارنىڭ تەجرىبىلىك ماھىرلىرى سەپنى قايتىدىن تەڭشەپ، مۇداپىئەنى كۈچلەندۈرۈش بىلەن بىرگە، ئالدىرىماي، سىستېمىلىق ھۇجۇم قىلىپ ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ شاكىچىكلىرىنى مەغلۇپ قىلدى. قېرىشقاندەك ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا بېكى بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان ئىدى. ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى مۇداپىئەگە خىلى كۈچەپ باققان بولسىمۇ ئاتەش ج خ كوماندىسىنىڭ شىددەتلىك قۇرشاۋ ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمىدى، شۇنداقتىمۇ بۇ شاكىچىكلەر تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن چاۋاكلىرى بىلەن قايىللىقىغا ئېرىشتى.
شۇنداق قىلىپ ئاتەش ج خ كوماندىسى بىرلەشمىدە 1- ئورۇندا ئۆتتى.

يار ئوتتۇرا كوماندىسى 6 : 3 ياشلار بىرلەشمىسى



ئاخىرقى مەيداندىكى بۇ مۇسابىقىدە جەمئىي توققۇز توپ كىرىپ، يار ئوتتۇرا كوماندىسى ئۈچ نومۇرغا ئېرىشىپ، بىرلەشمىدىكى نومۇرى جەھەتتە ياشلار بىرلەشمىسىنى ئارقىدا قالدۇردى.


بۇ ئايلانمىدىن كېيىنكى نومۇر جەدۋىلى
1. ئاتەش ج خ كوماندىسى 16 نومۇر، 19 ساپ
2. ئەلقىيا كوماندىسى  16 نومۇر، 9 ساپ
3. «قاڭقىل تائاملىرى» كوماندىسى 12 نومۇر
4. ئىتتىپاق كوماندىسى 8 نومۇر
5. ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى 7 نومۇر، 1 ساپ توپ
6. سەرناز كوماندىسى 7 نومۇر، 2- ساپ توپ
7. يار ئوتتۇرا كوماندىسى
8. ياشلار بىرلەشمىسى



0

تېما

0

دوست

161

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12346
يازمىسى: 161
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 50636
تۆھپە: 182
ۋاقتى: 68
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 21:14:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىملەر چىقماپتۇغۇ
گاھى خۇشاللىق،گاھى تەقدىر،
بۇنداق كەلگەن،بۇنداق كېتەر.

سْـبـــــــــــــــــــــمﷲِار

55

تېما

9

دوست

1577

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12608
يازمىسى: 1577
نادىر تېما: 3
ياۋرۇ: 329
تۆھپە: 1820
ۋاقتى: 734
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 21:19:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىملەرچۇ.
تارىخ ئۆزىنى ئىزدەپ يۈرگەن ئىنساننىڭ ئىش پائالىيىتىدىن ئىبارەت.

كۆك بايراقلار لەپىلدىمەكتە!

73

تېما

0

دوست

2793

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8866
يازمىسى: 2793
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 5109743
تۆھپە: 1311
ۋاقتى: 1687
h
ھالەت

چېلسىي لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 22:15:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسابىقىلەر تازا قىزىپتۇ دە. سەككىز توپ، تۇققۇز توپ چۈشۈپتۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号-1 )